ئەرلەرنىڭ كۈچى ئۇنىڭ قانچىلىك ئېغىر يۈكنى كۈتۈرىشىدە ئىپادىلەنمەستىن، بەلكى ئۇنىڭ قانچىلىك مەسۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالالىشىدا ئىپادىلىنىدۇ. ئەرلەرنىڭ كۈچى ئۇنىڭ قانچە كۆپ ئايالار بىلەن ئارلىشىپ ئۆتكەنلىكىدە ئىپادىلەنمەستىن، بەلكى ئۇنىڭ بىر ئايالغا سادىق بۇلۇپ، ئۇمۇرۋايەت بىللە تۇرمۇش كەچۈرەلىشىدە ئپادىلىنىدۇ. ئەرلەرنىڭ كۈچى ئۇنىڭ قول ھەركىتىنىڭ قانچە قاتتىق بۇلىشىدا ئىپادىلەنمەسىتىن، بەلكى ئۇنۇڭ باشقىلارغا قانچە كەمتەرلىك بىلەن كۆڭۈل بۈلۈشىدە ئىپادىلىنىدۇ. ئەرلەرنىڭ كۈچى قولىدىكى ھۇقوقىنىڭ قانچە چوڭ بۇلىشىدا ئىپادىلەنمەسىتىن، بەلكى كىشىلەرنىڭ ئۇنى قانچىلىك ھىمايە قىلغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. ئەرلەرنىڭ كۈچى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ قانچە قاتتىق ۋە قاراملىق بۇلىشىدا ئىپادىلەنمەستىن، بەلكى ئۇنىڭ گەپ سۆزىدە مۇلايىم ۋە ئەدەپلىك بۇلىشىدا ئىپادىلىنىدۇ. ئەرلەرنىڭ كۈچى ئۇنىڭ ئۆز تۇرمۇشىنىڭ قانچە خوشال-خورام ئۆتكىنىدە بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ ئۆز ئائىلىسىدىكى كىشىلەر بىلەن قانچىلىك ئىناق ئۆتكەنلىكىدە ئىپادىلىنىدۇ. ئەرلەرنىڭ كۈچى ئۇنىڭ مۈرىسىنىڭ قانچە كەڭ بۇلىشىدا بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ كۆڭۈل-كۆكسىنىڭ قانچە كەڭ بۇلۇشىدا ئىپادىلىنىدۇ. |