(ئالىي مەكتەپكە يېڭىدىن كەلگەن بارلىق ئېنى - سىڭىللىرىمغا بېغىشلايمەن)
 

ئەڭ ئاۋال ئالىي مەكتەپكە يېڭىدىن ئوقۇشقا كەلگەن ئوقۇغۇچى ئىنى - سىڭىللىرىمىزغا چوڭقۇر سالام يوللايمەن.

بۈگۈن مەن بورۇنقى ئوقىغان مەكتىپىم ئەتراپىغا بىر ئىش بىلەن بېرىپ ھەربىي فورما كىيىۋالغان نۇرغۇنلىغان  يېڭى ئوقۇغۇچى ئىنى سىڭىللىرىمنى كۆرۈپ ناھايىتى ھاياجانلاندىم. چۈنكى مەنمۇ ئالىي مەكتەپ دەرۋازىسىدىن تۇنجى قېتىمدىن ئاتلىغان ۋاقتىمدا ناھايىتى ھاياجانلانغان ئىدىم.ئالىي مەكتەپ ھاياتى ئادەمنى تاتلىق خىياللار بىلەن ئويلاندۇرىدۇ ،ئىنتىلدۇرىدۇ،كىچىك چاغلىرىمدا مەنمۇ ئالىي مەكتەپ خىياللىرىنى سۈرگەن ھەمدە تاتلىق خىياللار ئىلكىدە سۈيۈنگەن ئىدىم،بىراق ئالىي مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇش،ئىستۇدېنت بولۇش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەسكەن،ئەنە بىر تۈركۈم ئىنى - سىڭىللىرىمىز تاتلىق خىياللار ئىلكىدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى،ئىستۇدنېت بولۇشتا تەييار بوپ ئالىي مەكتەپ بوسۇغۇسى ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ.لېكىن ئىستۇدېنت بولۇش باشلانغۇچنى پۈتتۈرۈپ،تولۇقسىز ئوتتۇراغا چىققاندەك،تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولغاندەك ئۇنداق ئاددىي ئىش ئەمەس.ئىستۇدنېت بولۇش ئۈچۈن شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادى قانچىلىك،ئۆزىنىڭ بىلىم ئىگىلەشكە ، جاپاغا چىداپ ئۆگىنىشكە بولغان يۈكسەك ئىرادىسى ھەم ئارزۇ - ئارمانى شۇنداقلا ئالىي مەكتەپتە ئاتا - ئانىسىدىن ئايرىلىپ ئۈگىنىۋاتقان تۇرمۇشتىكى ، ئۈگىنىشتىكى شۇنداقلا پىسخىكىسىدىكى بېسىملارغا قانچىلىك بەرداشلىق بىرەلەيدىغان ساغلام پىسخىك ساپاسى ، تورمۇشقا تۇتقان توغرا مۇئامىلىسى ...قاتارلىق كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسىم مۇھىم ئامىللار بۇلىشى كېرەك.

 

مېنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ چىققاندىن كىيىن ھىس قىلغىنىم شۇ بولدىكى : ﺋﺎﻟﻰﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﯘﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ جەمىئەتنىڭ ﺑﻮﻟﻐﯘﺳﻰ ﺋﯩﺰﺑﺎﺳﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ،ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔﺋﯜﻣﯩﺪﻯ،ﻛﯩﻠﻪﭼﯩﻜﻰ ،ﺑﯜﮔﯜﻧﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ،ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ ﻣﯩﻨﯩﯖﭽﻪ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﯘﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﺯﯨﻨﯩﯔ ﻧﯩﻤﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯩﺮﻩﻙ.

يېڭى ﺋﯘﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺭﺍﺳﺘﻨﻰ ﺩﯨﺴﻪﻡ ﺗﯘﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯘﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﺗﯧﺨﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﻮﺗﺎ ،ﺋﯘﻻﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﺗﺎﺭﺗﺴﺎ ﺷﯘ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ،ﻣﺎﻧﺎﺋﯜﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﺴﺎﻡ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻳﯩﻠﻰ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥﺑﯩﺮﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ ،ﺋﯩﻨﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺴﺎﻡ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﺘﯩﺸﺘﺎ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﻰ ﺧﯧﻠﯩﻼ ﺋﺎﯞﺍﺭﻩﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ،ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﯩﺸﯩﺸﻨﻰ ﻳﯜﮔﯜﺭ - ﻳﯩﺘﯩﻢ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﺋﯜﺯﯛﻡ ﻳﯜﮔﯜﺭﯛﺷﻨﻰﺋﻮﻳﻼﺷﻤﺎﭘﺘﯩﻜﻪﻧﻤﻪﻥ ،ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻳﺎﺗﺎﻗﻘﺎ ﺋﯘﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﻤﯘ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﻠﯘﻕﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ ،ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﻮﻳﻠﯩﺴﺎﻡ ﻣﻪﻥ ئاشۇ چاغلاردا 18  ﻳﺎﺷﺘﯩﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥﺑﯩﺮ ﺑﺎﻻ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺸﯩﻤﻨﻰ ﺋﯜﺯﯛﻡ ﻗﯩﻼﻱ ﺩﯨﮕﻪﻧﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﺎﭘﺘﯩﻤﻪﻥ،ﺋﯚﻳﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﺑﯩﺰﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﺭ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺑﯘﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ،ﺋﯘﻻﺭﻛﻪﺗﺘﻰ ،ﻣﻪﻥ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ ،دېمەك ﺋﯘﻻﺭﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﺭﺯﯗ - ﺋﯜﻣﯩﺪﻟﻪﺭﻧﻰ ،ﺷﯩﺮﯨﻦ ﺧﯩﻴﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﯧﺸﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﻪﭖ ﻣﯩﻨﻰﺋﯘﻟﯘﻍ ﺍﻟﻼﺩﯨﻦ ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﯩﻠﻪﭖ ﻛﯩﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ ،ئەمما مەن ئوقۇشقا كىرىپ ئىككىنجى يىلىغا كەلگەندە ئويلاپ قالغان ئىدىم:

 ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯜﻣﯩﺪﯨﻨﻰﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﻗﻠﯩﻴﺎﻟﯩﺪﯨﻢ ،ﻣﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻢ ﻛﯩﺮﻩﻙ ؟ ﺭﺍﺳﺘﻨﻰ ﺩﯨﺴﻪﻡ ﻣﯩﻨﯩﯔﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﯘﻡ ﺑﯘﻳﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯘ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﺎﻳﻠﯩﻖﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺘﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﻳﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﺳﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺋﯜﺯﯛﻡ ﺗﯧﭙﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﻛﯚﯕﻠﯩﻤﺪﻩﺑﯩﺮﻗﯩﺴﯩﻢ ﭘﯩﻼﻧﻼﺭﻧﻰ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ ،ﺋﯘﻧﯩﻤﯘ ﭼﯘﻗﯘﻡ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﯨﻤﻪﻥ ،ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺑﯘﺋﯚﻳﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﻰ ﺑﯘﻻﻟﯩﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔﺩﯨﻠﯩﻐﺎ ﺋﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﭼﻮﯓ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﻰ ،ﭼﻮﯓ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﺑﯘﻻﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﺒﯩﺮﻛﯜﺗﯩﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯘﻗﯘﺷﯘﻡ ،ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﮕﻪ ﺋﯩﺮﯨﺸﯩﺸﯩﻢ ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪﻩﺋﯜﺯﯛﻣﮕﻪ ،ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ،ﺟﻪﻣﯩﺌﻪﺗﻜﻪ ﻳﯜﺯ ﻛﯩﻠﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﺭﺍﻣﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺨﺘﯩﺴﺎﺱ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦﺑﯘﻟﯘﭖ ﻳﯩﺘﯩﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﮬﯩﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ،ﻣﻪﻥ ﺷﯘﯕﺎ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﯘ ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺷﻪﻧﺒﻪ - ﻳﻪﻛﺸﻪﻧﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﻤﺪﻩ ﺗﻮﺭﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎﺯﺍﻳﺘﯩﭗ ، ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰﺗﯩﻠﻰ ﻛﯘﺭﺳﯩﻐﺎﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﺷﺘﯩﻢ ،ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯘﻣﯘ ﺑﯩﺰ ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﯘﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕﮬﯩﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ ...ﻣﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﺎﻟﯩﻤﻪﻥ ،ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻧﻠﻪﭖ ﺳﯩﻨﯩﭙﻘﺎ ﻛﯩﺮﻣﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﻰﭼﻮﯓ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ، ﺋﯘﻳﯘﻧﻨﻰ ﺩﻩﭖ ﮬﻪﺭ ﻳﺎﯕﺰﺍ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ....ﺩﻩﭖﻛﻪﻟﺴﻪﻡ ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺋﯘﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ،ﻛﯩﭽﻪ ﻛﯩﭽﻪﻟﻪﭖ ﺩﻩﺭﺱﺋﯜﮔﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ،ﻛﯩﭽﻪ ﻛﯩﭽﻪﻟﻪﭖ ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ ﮬﺎﺭﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ،ﻣﯘﮬﺎﺑﺒﻪﺕ ﺋﯜﭼﯜﻧﻼﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﻛﯜﺭﯨﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ،ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﺍﭖ ﭘﯘﻝ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﮬﻪﺭ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ...ﺧﺎﻧﺎ ﻻﺭﻏﺎ ﺧﻪﺟﻠﻪﭖ ﺗﯜﮔﯜﺗﯜﭖ ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﺶ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ..

شۇڭا مەن يېڭىدىن ئالىي مەكتەپكە كەلگەن ئوقۇغۇچى ئىنى-سىڭىللىرىمىزغا پايدىسى بوپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دەپ مۇنۇ يازمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن؛  

                                                      
 

1.سىزنىڭ ئۇنۋېرستىتقا ئوقۇشقا كەلگەنلىكىڭىز ،سىزنىڭ ھەممە مەجبۇريەتنى تۈگىتىپ پىنسىيەگە چىقىپ ئۆيىڭىزدىن كەلگەن پىنسىيە پۇلىنى خەجلەپ ،تۈگەپ كەتسە ئۆيىڭىزگە دەرھال تېلفۇن قىلىپ پۇل تەلەپ قىلىپ خەجلەش دەۋرىگە كەلگەنلىكىڭىزدىن، سىزنىڭ ئاتا ئانىڭىز ئالدىدا ناھايتى ئابرويلوق كاتتا زات بولۇپ كېتىپ ئۇلار ئۈچۈن تاغنى تالقان قىلىپ بەرگەنلىكىڭىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ ،يادىڭىزدا بولسۇن ئۆيىڭىزدە ئاتا ئانىڭىز مىڭ تەستە پۇل غەملەپ سىزنى ئوقۇشقا ئەۋەتتى . سىزنىڭ بىرىنچى بولۇپ ئۇنتۇپ قالسىڭىز بولمايدىغىنى ئاتا ئانىڭىزنىڭ شۇنچە قىيىنچىلىقى بولسىمۇ سىزگە خۇشاللىق بىلەن پۇل ئەۋەتىپ سىزنى خاتىرجەم ئوقۇش شارائىتىغا ئىگە قىلغانلىقدۇر.ئىشەنمىسىڭىز سىز ئۇنۋېرستىتىتا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىڭىزدا ئۆيىڭىزگە ئوغۇرلىقچە بېرىپ ئاتا- ئانىڭىزنىڭ قانچىلىك پۇل خەجلەپ نىمە يەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بېقىڭ (ئەگەر مۇمكىنچىلىك بولسا) ،باغلىشىمەنكى چوقۇم ئۇلار سىزدىن ياخشى يەپ- ئىچمەيدۇ ،كىيمەيدۇ ،سىزنىڭ ئاتا ئانىڭىزنىڭ ئالدىدا چوڭ سۆزلەشكە قىلچىمۇ ھوقۇقىڭىز يوق. قېنى سىزنىڭ شۇ ئاتا ئانىڭىز ئەۋەتكەن تۇرمۇش خراجىىتى 5 كۈنلا كىچىكىپ كەتسۇن قانداق بولۇپ ،قانداق قىلىپ كېتىسىزكىن...

 سىز تىرىشىپ ئوقۇپ ماگىستىر ،دوكتۇر،دوكتۇر ئاشتى بولۇپ كەتسىڭىزمۇ ئاتا ئانىڭىزنىڭ ئالدىدا يەنىلا باللار باغچىسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ،شۇڭلاشقا ئاتا ئانىڭىزنىڭ ئالدىدا ئاتكاچىلىق قىلماي ئۇلارنىڭ قىلغان نەسىھەتلىرىنى ياخشى ئاڭلاڭ،چۈنكى ئۇلارنىڭ بىرىنچى بولۇپ ئويلايدىغىنى بالامغا ياخشى بولسۇن شۇڭلاشقا ئاتا ئانىلىرىڭىزنىڭ مەسلىھەتلىرىنى قوپاللىق بىلەن رەت قىلىۋەتمەڭ .ئاتا ئانىڭىزنىڭ يۈزىگە مىڭ يەردىن قورۇق چۈشۈپ كەتكەن بولسىمۇ ،سىزنىڭ سۆيگەن يارىڭىزدىن مىليون ھەسسە گۈزەل ۋە مېھرىباندۇر. ئاتا ئانىڭىزغا ھەدېسىلا پۇل تۈگەپ كەتتى دەپ تېلفۇن قىلىپ پۇل تەلەپ قىلىپ تۇرۋالماڭ ،ئۇلارنىڭ يېنىدا 1.1 يۈەن پۇل بولسا چوقۇم سىزگە 1 يۈەننى سېلىپ بېرىدۇ .مۇمكىن بولسا ئوقۇش پۇلىڭىزنى ھېچبولمىغاندا ئايلىق خىراجىىتىڭىزنى ياكى ئۇنىڭ يېرىمىنى ئۆزىڭىز پۇل تېپىپ قامدىيالايدىغاننىڭ ئامالىنى قىلىپ بېقىڭ . خاتىرجەم بولۇڭ ئۇلار پۇل تاپقان ھامان بىرىنچى بولۇپ قىلىدىغان ئىشى سىزگە پۇل سېلىپ بېرىش .ئۇلاغا پات پات تېلفۇن قىلىپ تۇرۇڭ ،تېلفۇن قىلغاندا بەزىلەرنىڭ ئانىلىرى،دادىلىرى ھەم قېرىنداشلىرى سىزنى سېغىنقانلىقتىن ۋە سىزدىن ئەنسىرگەنلىكى ئۈچۈن يىغلىشى مۇمكىن . بۇنداق ۋاقتتا يۈزىڭىز چۈشۈپ كەتكەندەك ھېس قىلماي بەلكى چىرايلىق تەسەللىي بېرىپ ئۆيىڭىزدىكىلەرنى خاتىرجەم قىلىڭ .ھەركۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئاتا-ئانىڭىزنى ۋە سىز ئۈچۈن تارتقان جاپالىرىنى بىر قېتىم ئويلىۋېتىڭ ،لېكىن ئۆزىڭىزگە بېسىم قىلىۋالماڭ .

 

2.ھەممە ئىشىڭىزنى ئۆزىڭىز قىلىڭ ئۆيىڭىزدىكىلەرگە تايىنۋالماڭ ،ئاتا ئانىڭىز سىزنى ئاللىقاچان چوڭ بولدى دەپ ئويلايدۇ .چۈنكى سىز ھازىر بىر ئۇنۋېرسىتىت ئوقۇغۇچىسى .بورۇن مەكتەپتىكى چاغدا يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى تىزىمغا ئالدۇرغان كۈنى دىققەت قىلسام كۆپ قىسىم يېڭى ئوقۇغۇچى ئىنى سىڭىللىرىم سايە يەردە راھەت ئولتۇرۇشۇپتۇ ،ئاتا ئانىلىرى بولسا جاپادا ئۆچرەت تۇرۇشۇپ قىستىلىشىپ تۇرۇپ ئوقۇش خىراجىىتى تۆلىگىلى ۋە باشقا ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولغىلى تۇراتتى. سىز مۇشۇنداق ۋاقىتتا چوڭ بولۇپ مۇستەققىل ياشاشنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى بېسىۋېلىڭ ،ھەممە ئىشنى ئۆيىڭىزدىكىلەرگە يۈكلەپ قويماڭ .يادىڭىزدا بولسۇن سىز مۇشۇنداق ۋاقىتتىلا ئاتا ئانىڭىزنى خاتىرجەم قىلسىڭىز ،ئۇلار ئۈچۈن چوڭ تەسەللىيدۇر.

 

3. سىزمۇ ئاز تولا جاپا تارتىپ بېقىڭ شۇ تەمسىل يادىڭىزدا بولسۇن بەخىت پىشانىدىكى تەردىن كېلىدۇ ئۇنى كىيىمەن بۇنى كىيىمەن ،ئۇنى ئالىمەن بۇنى ئالىمەن دەپ ئۆيىڭىزدىكىلەرگە سېلىق سالماڭ .دادىڭىز كەيگىلى 5 يىل بولغان كىيمىنى مودىدىن قالمىدى دەپ يەنە كىيىۋاتىدۇ ،كىيىم دېگەن ئۇنچە قىممەت بولۇپ كەتمىسىمۇ پاكىزە يارىشىملىق بولسىلا بولدى .ئاتا-ئانىڭىزنىڭ پۇلى سىزگە يېتىپ يېسىمۇ تۈگىمەيدىغان ئالتۇن تاغدەك بىلىنىپ كەتمىسۇن ،بىر ئۆينىڭ خىراجىىتى ئۇنداق ئاددىي ئەمەس ،بۇنى ئۇنۋېرسىتىقا كەلگەندىن كېيىن ياتاق تۇرمۇشىدىن ئانچە مۇنچە ھېس قىلالايسىز ،سىزنىڭ بىھۇدە خەجىلىۋەتكەن بەزى پۇللىرىڭىزنى ئاتا ئانىڭىز ئۆزلىرىگە قۇۋۋەت يىمەكلىكى ئېلىپ يىيىشكە كۆزى قىيماي سىزگە ئەۋەتىپ بەرگەن ،سىزنى ياخشى يېسۇن بوينى قىسىلىپ قالمىسۇن دەپ ئۇلار سىز ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغاننى قىلدى. سىزنىڭ قىلالايدىغىنىڭىز ،ۋاپادارلىق ۋە كۈيۈمچانلىق ھازىرچە سىزنىڭ قولىڭىزدىن باشقىسى كەلمەيدۇ.بۇلارنى ئويلاپ ئۆزىڭىزگە يۈك قىلىپ ئۆيىڭىزدىكىلەرنى ئەنسىرتىپ قويماڭ .

 

4.مەن چوقۇم تىرىشىپ ئوقۇپ دىپلوم ۋە ئۇنۋان ئالمىسام بولمايدۇ دەپلا دىپلوم ۋە ئۇنۋان ئۈچۈنلا ئوقۇپ نانقېپى بولۇپ قالماڭ .ئۆزىڭىز تىرىشىپ ئامال بار ئەمەلىي جانغا ئەسقاتقۇدەك بىرنەرسىنى ئۆگىنىپ چىقىڭ ،چۈنكى سىز ھۆكۈمەتنىڭ ئىشقا تەقسىم قىلىشىنى ساقلاپ ئولتۇرماڭ ،بولمىسا ئۆيىڭىزدىكىلەرگە جاۋاپ قايتۇرمىغىڭىز ئوزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىدۇ ،چوقۇم ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ۋاقتىڭىزدا مەن ئالىي مەكتەپتە ئەمەلىي نەرسىلەرنى ئۆگەندىم ،ھۆكۈمەت ئىشقا تەقسىم قىلمىسىمۇ ئادەمدەك ياشىيالايمەن دېيەلەيدىغان بولىشىڭىز كېرەك يادىڭىزدا بولسۇن ئالىي مەكتەپ سىزگە جەمىيەتكە چىققاندا جان بېقىشنى ئۆگەتمەيدۇ .ئالىي مەكتەپتە ئۆگەنگەن نەرسىلىرىڭىز ھۆكۈمەت ئىشقا تەقسىم قىلسىلا ئاندىن جان بېقىشقا لازىم بولىدۇ. ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا سىزنىڭ ئۆگەنگەن نەرسىلىرىڭىز ئەمەس بەلكى سىزنىڭ دىپلوم ۋە ئۇنۋانلىرىڭىزدۇر .ئەگەر ھۆكۈمەت ئىشقا تەقسىم قىلمىسىچۇ ؟ دىپلوم ۋە ئۇنۋانلىرىڭىغا كىم قىيا كۆزىنى سالاركىن ،شۇڭىلاشقا ئەمەلىي نەرسىلەرنى بىللە ئۆگىنىپ چىقىشقا قەتئىي سەل قارىماڭ .لېكىن دىپلوم ۋە ئۇنۋانلارنىمۇ ئالماي چىقىشقا بولمايدۇ ،ئۇ سىزنىڭ سالاھىيىتىڭىز بولالايدۇ ،سىز شۇ سالاھىيىتىڭىز بىلەن تېخىمۇ ياخشىراق ئىش قىلالىشىڭىز مۇمكىن .چۈنكى بۇ دېگەن جەمىيەتنىڭ تەلىپى .

 

5.شېكەر يالىتىلغان بومبىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ نابۇت بوپ كەتمەڭ.بەلكىم بۇ گەپ كىيىنچە سىزنىڭ قۇلىقىڭىزغا ياقماسلىقىمۇ مۇمكىن،ئەتراپىڭىزدىكى ئەخلاقسىز مۇھىتتىن،قولتۇق - قولتۇقلىشىپ كىتىۋاتقان جۈپ- جۈپلەردىن ئىلھام ئېلىپ مەنمۇ يالغۇز يۈرگۈچە مۇھاببەتلىشىپ باقايچۇ؟ياخشى بوپ كەتسەك كىيىن توي قىلىمىزغۇ؟ دېگەندەك گۇمانى نوقتىغا يېقىن يۇلىماڭ،ئېسىڭىزدىن مەڭگۈ چىقمىسۇنكى: ئالى مەكتەپكە سىزنى يولغا سالغان ئاتا - ئانىڭىز مەيلى سىز ئوغۇل بۇلۇڭ ياكى قىز بۇلۇڭ سىزنى مۇھاببەتلەشسۇن، قىز - ئۇغۇللار ئوتتۇرىسىدىكى تۇرمۇشنى چۈشەنسۇن دەپ سىزنى يىراقتىكى ئائىلىڭىزدىن بۇيەرگە ئەكىلىپ قويمىدى.ئاكا - ئاچىلىرىڭىزغا قاراپ ئۇلارمۇ قىپتۇغۇ،ئۇلارمۇ ھېچقانداق يامان ئاتاققا قالماپتىغۇ دېمەڭ،جەمئەت ھازىرقى ئالى مەكتەپتىكى ئاتالمىش  ئەركىن مۇھاببەتكە بۇرنى قۇلىقىغىچە تويدى،بەس ئەمدى يىتەر 18 ياشتا ئالى مەكتەپكە كەلگەن بولسىڭىز سىزنى 5 يىل ئوقۇيدۇ دەپ ھېسابلىساق ئوقۇش پۈتتۈرگەن يىلى سىز تېخى 23 ياشقا كىرگەن ئەمدى ياشلىققا قەدەم قۇيغان ياشلاردىن ھېسابلىنىسىز،جەمىئەت ئۇ باشقا بىر دۇنيا ئالىي مەكتەپ ئۇ باشقا بىر دۇنيا سىز بالدۇر تۇزۇپ كەتمەڭ ھەمدە بالدۇر ئېچىلىۋالماڭ،جەمىئەتكە چىقىپ ئېچىلىشنى باشلىسىڭىزمۇ تېخى تامامەن ئۈلگۈرىسىز،مەكتەپ ئىچى تورىغا ئەزا بولماڭ،ئۇ يەردە ئۆز رەسىملىرىڭىزنى،مۇنداق تاماق يىدىم،ئۇ يەرگە بېرىپ ئوينىدىم دەپ رەسىملىرىڭىزنى سازايى قىلىپ باھالاشقا قاتناشتۇرماڭ،سىز ھازىر كىچىك بولغان بىلەن كەلگۈسىدە ئانا بۇلىسىز توغرىسىنى ئېيتقاندا سىزنىڭ ئەخلاقىڭىز مىللەتنىڭ ئەخلاقى بوپ قالىدۇ.ئۆز ۋاقتىدا تەنتەكلىك بىلەن چىقارغان بىر پارچە رەسىمىڭىز كەلگۈسىدە سىزگە بالا ئېلىپ كەلمەيدۇ دېگىلى بولمايدۇ.توردا بىرەرسى بىلەن تۇنۇشماڭ،مەيلى ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ئالىي مەكتەپتىكى مەقسەت ئوقۇش،بىلىم ئېلىش،توردا تۇنۇشۇش،مۇھاببەتلىشىش،ئاتا- ئانىسىنى ئالداپ پۇل ئېلىش،قىزلارنى ئالداش،ئۆز ئائىلىسىنىڭ نامراتلىقى سەۋەبىدىن ياكى ھەشەمەت تۇرمۇشقا ئامراقلىقى سەۋەبىدىن ئۆزىنى خار قىلىش ئەمەس،كىچىلىك كۇلۇبقا بارماڭ،ساۋاقداشلار ئولتۇرىشى دىگەندەك ئىشلارغا ئارلىشىپ قالماسلىقىڭىزنى قاتتىق تەۋسىيە قىلىمەن.......بۇنداق ئەمەسلەرنى سۆزلەپ كەلسەك بەك جىق ئەڭ مۇھىمى سىز چوقۇم ئەمەل قىلالىشىڭىز كىرەك.ھاياتلىق تېخى ئاللاھ ئۆمرىڭىزنى بەرسە 23 ياش بىلەن تۈگەپ كەتمەيدۇ ھەم سىز قېرىپ كەتمەيسىز،ئالىي مەكتەپتە ياخشى ئوقىسىڭىز چوقۇم كىيىن بۇنىڭدىنمۇ قىزغىن ھەم خۇشال كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلىدىغان نۇرغۇنلىغان كۆڭۈللۈك تۇرمۇشلارغا،بەختلىك ئائىلىگە ئىرىشەلەيسىز.

 

 بۇ نەسىھەتلىرىمنى كۆرگەندىن كىيىن قانداق ھىسياتتا بۇلىسىز ئۇنى ئۇقمايمەن،ئەمما  بۇ مېنىڭ نەچچە يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىدىن كىيىن جەمئەتكە قەدەم قۇيۇپ چىقارغان ئەقلىي خۇلاسەم. مەن بۇنى ھەربىر سىتۇدنېت ئەمەل قىلىشقا تىگىشلىك مەسئۇلىيەت ھەم بۇرچ دەپ ئويلايمەن،كىيىن پۇشايمان قىلغاندىن جەمىئەتتىن ،ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەردىن ئاغرىنغاندىن كۈرە مەكتەپكە كىرگەن تۇنجى قەدەمدىن باشلاپ ياخشى يول بىلەن مېڭىشنى ئۈگەنسىڭىز سىز ھېچكىمدىنمۇ ئاغرىنمايسىز ھەمدە كىيىنكى ھاياتىڭىز چوقۇم خۇشاللىق ئىچىدە ئۈتىدۇ.
      مەنبە:ئەلكۈيى مۇنبىرى

مەزكۇر ئەسەر قېتىم كۆرۈلدى 2010-10-13 11:22  :يوللانغان ۋاقتى  
تەۋسىيە قىلىنغان ئەسەرلەر
چوڭ ئەيسانىڭ بالا تەربىيلىشى
03-06
ئەمدى رەسمىي تۈگەشتىڭ
03-06
بىر كىشىلىك تاماق
03-06
سىز مېنى تونۇمسىز
03-06
شىركەت ئۈچۈن
03-06
مېھمان ياخشى قۇپاپسىزمۇ ؟
03-05
مەنمۇ ساتىمەن
03-05
ئۇزۇن ئات
03-05
ئوت كەتتى
03-05
ئوغرىلارنىڭ پارىڭى
03-05
كىمنىڭ قويى بۇ ؟
03-05
تويلۇق كىرىم
03-05
ئۇخلىتىپ قوي
02-25
پۇشانمەن قىلىمەن باي بوپ قالغانغا.
12-30
شىنجاڭدىكى ۋىلايەتلەرنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى
06-25
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
شېئىر(تىيىپچان ئىليوف)
03-18
غەزەل (بېلال ئەزىزى)
03-18
غورۇرنامە
03-17
نە ھاسىل
03-17
شۇنداق بىركۈن كىلىدۇ
03-17
ۋاي -ۋاي رەزىل تەخسىكەش - [(شېئىر)]
03-17
ھايات يولى
03-06
ئەي ئىنسان
03-06
ئەي ئۇلۇغ ئاتا-ئانا
03-06
ئۇيغۇرۇمغا < نەسىھەت >
03-06
جان دادا
03-06
ساقلاپ قويغۇدەك ھېكمەتلىك سۆزلەر
01-01
پۇشانمەن قىلىمەن باي بوپ قالغانغا.
12-30
نورۇز ۋە نورۇز مەدىنىيىتى
01-29
ئەرلەرنىڭ كۈچى
01-24
تەۋسىيە قىلىنغان سۈرەتلىك خەۋەرلەر
  تېخىمۇ كۆپ تەۋسىيەلىك بلوگلار تىزىملىكى
بېكەت ھەققىدەئېلان مۇلازىمىتى قوللىغۇچىلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ئالاقىلىىشڭ

بىكىتىمىزدىكى ناخشا-مۇزىكا ، رەسىم ، كىنولار توردىن يىغىلغان. نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى قىلىنغان بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ. دەرھال بىكىتىمىزدىن ئۆچۈرۈپ تاشلايمىز
新ICP备10003859号 | 客服电话:13899953914      13899953203
تور تېخنىكىسىدا : تــەنھــــا