مۇھەببەت شۇنداقمۇ؟؟
شوخ كۈلكەڭ بىلەن ئالدىدىڭ مىنى، جۈپ قارا كۆزۈڭ كۆيدۈردى مىنى. شېرىن سۆزلەر ئويناتتى جاننى، مۇھەبەتنىڭ قاينىمىغا چۆكتۈردۈڭ مىنى.

سۆيەمسەن دىسەم سۆيىمەن دېدىڭ، سەندىن ئايرىلسام ئۆلىمەن دېدىڭ.. نەدە قالدى شۇ مۇقەددەس ۋەدە، ئەمدى بولغاندا چاپلاشما دېدىڭ.

شەھلا كۆزلىرىڭ قارىماس بولدى، ئوتلۇق يۈرىگىڭ كۆيمەس بولدى. سۆيگۈ خەتلىرىم ئوقۇلماس بولدى، تىلفۇنلىرىم سايرىماس بولدى.
|