ناخشىلىرىم
خاتىرىلىرىم
ىنەەەنە
2012/02/27

 

ساقلاپ قويغۇدەك ھېكمەتلىك سۆزلەر

 

***دۈشمىنىڭنى كەچۈرىۋەت ، ئۇ ھەر قانچە زىيان سالسىمۇ سەن يېقىن بىلگەن ، ئىشەنگەن دوستۇڭدەك زىيان سالالمايدۇ .
*** ساڭا يامانلىق قىلغان ئادەمنى ئازاپلايدىغان ئىش ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلىش ،
*** ئازاپ ۋە دەرتكە مۇپتىلا بولغاندا چۈشكۈنلەشمەسلىك ، قاتتىق ھاياجانلانغاندا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش كېرەك .
*** بېشىڭغا بەخىت قۇشى قونغاندا دوستۇڭ سىنى چۈشىنىدۇ ، بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە سەن دوستۇڭنى چۈشىنىسەن .
*** ھايۋاننى چۈشىنىش ئۈچۈن كۆپ ۋاقت كەتمەيدۇ ، ئادەمنى چۈشىنىش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر يەتمەيدۇ .
*** ئەڭ يېقىن ئادىمىڭلا سىنى ئەڭ قاتتىق ئازاپقا سالالايدۇ .
*** مەسلىھەتنى چېچى ئاقارغانلاردىن ئەمەس ، دىلى ئاقارغانلاردىن سۇرا .
*** ئىنسان يىغلاپ تۇغۇلۇپ ، باشقىلارنى يىغلىتىپ كېتىدۇ .
*** ئازاپلانغان ، قايغۇرغان ۋاقتىڭدا ساڭا تەسەللى بەرگۈدەك بىرەرىنىڭ يوقلۇقى روھىڭنى تاۋلايدىغان ئەڭ ياخشى پۇرسەت .
*** ئادەم قانچىكى كۆڭۈلچان بولسا زىممىسىدىكى يۈكى شۈنچە ئېغىر بولىدۇ .
*** سەۋر – تاقەت ئىناق تۇرمۇشنىڭ بايلىقى .
*** بىر – بىرىگە مەپتۇن بولۇش ئائىلە ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ ئولى .
*** بىلىم ئۆگىنىش ئائىلە ئىتتىپاقلىقىنىڭ جەۋھىرى .
*** پەرزەنت _ چىن ئەقىدىنىڭ يېلتىزى .
*** قىمار ئويناش ئائىلىنى ئوتتا كۆيدۈرگەنلىك .

** ھەممە كىشى سىناق ئۈستىدە؛ ئالدىغۇچى ئالدىنىدۇ، ئەزگۈچى ئىزىلىدۇ.

** ھېچكىمنى كەمسىتمە، باشقىلارغا ئورا كولىغان كىشى ئۆزى دۇمۇلايدۇ.

** ئەڭ چوڭ بالا تىلدىن كېلىدۇ.

** كىشىنىڭ ئىشى بولسا ئىشى، سۆيەر ئۇنى ھەر كىشى، كىشىنىڭ ئىشى بولسا كىشى، راۋاج تاپماس ھېچ ئىشى.

** مۇھەببەتنىڭ ئاساسى ئۆزئارا ئىشەنچتۇر. ئىشەنچ بولغان يەردە مۇھەببەت بولىدۇ. ھەر ئىككىسى بولغاندا غەلىبە قولغا كېلىدۇ.

** مۆمىن ھەر دائىم ئىھتىياجنى قاندۇرىدىغان غىزاغا ئوخشاش بولۇشى كېرەك.

** ئالدىنى دۇنياغا قىلغان كىشىنىڭ دوستى بولمايدۇ، ئالدىنى ئاخىرەتكە قىلغان كىشىىنىڭ دۈشمىنى بولمايدۇ.

** “ياخشى بولسا مۈشۈنچىلىك بولا” دېيىلىدىغانلار بىلەن بىرگە بولغانلار بەخت قۇچىدۇ.

** قەلبنى ئەڭ كۆپ نۇرلاندۇرىدىغان نەرسە، سېنى غەزەپلەندۈرگەن كىشىنىڭ ياخشىلىقى ئۈچۈن دۇئا قىلىشتۇر.

** قۇل ھەققىدىن قورققان كىشى پۇتىنى ئۇزۇتۇپ، راھەت ئۇخلىيالمايدۇ.

** مەردلىك – سېنى ياخشى كۆرمىگەن كىشىگە ئىھسان قىلىش ۋە سەن ياخشى كۆرمىگەن كىشى بىلەن تاتلىق تىلدا سۆزلىشىشتۇر.

** تىلى تاتلىق موزاي ئىككى ئانىنى ئىمىدۇ، تىلى ئاچچىق موزاي بىر ئانىنىمۇ ئىمەلمەيدۇ.

** مۇرۇۋۋەت – ئىنسانلىق ۋە ياخشىلىق قىلىش ئارزۇسىدۇر.

** ياخشىنىڭ يامان، ياماننىڭ ياخشى ئادىتى بولۇشى مۇمكىن. ياخشى ئادىتىنى ئۈلگە قىلىش لازىم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: “بىر مۆمىننىڭ ياخشلىقىنى ئۇنتۇپ، يامانلىقىنى ئېسىدىن چىقارمىغان كىشىنى ئاللاھ ياقتۇرمايدۇ” دېگەن.

** تەقۋادارلىق ئەقىل بىلەن قىلىنغان ئىشلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر. ئاللاھ تائالاغا ئاسىي بولۇش، ئەخمىقانە قىلغان ئىشلارنىڭ ئەڭ قەبىھىدۇر.

** بېخىل ئىنسانلارنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ.

** ئۆمرىنى پايدىسىز، بىھۇدە ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزگەن كىشى، ئېتىزغا ئۇرۇق سېلىش ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋەتكەن بولىدۇ. ۋاقتىدا ئۇرۇق سالمىغان كىشى مەھسۇل ئالىدىغان چاغدا چوقۇم پۇشايمان قىلىدۇ.

** ئىككى مۆرەڭدە ئىككى مۇپەتتىش بار، سېنى ھەر دائىم تەپتىش قىلىپ تۇرىدۇ. ئۇنداقتا ئاز سۆزلىگىن ۋە سۆزۈڭنىڭ ياخشى ياكى يامان دەپ يېزىلىدىغانلىقىنى ئۇنتۇما.

** بىر نەرسە دېمەكچى بولساڭ، ھەم ئۆزۈڭنىڭ ھەم ئاڭلىغۇچىنىڭ ئاخىرىتىنى ئويلاپ سۆزلە. ئاتىلىرىمىز “مىڭ ئويلاپ، بىر سۆزلە” دەپ بىكار ئېيتمىغان.

** ھەر قانداق كىشىدە باشلىق بولۇش ئارزۇسى بار. بۇ ئارزۇ پەقەت يۈزى ئاخىرەت تەرەپكە بولغان كىشىدە بولمايدۇ.

** تەبەسسۇمنى بىلمىگەن كىشىنىڭ سۆيۈملۈك ۋە مۆتىبەر بولۇشى ناھايىتى قىيىن.

** مۇسۇلمان باشقا مۇسۇلمانلار يېنىغا ھاجىتىنى سوراپ بېرىشتىن تارتىنىدىغان بولسا، يېنىغا تارتىنغان ھالدا بېرىلىدىغان مۇسۇلماننىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەندىشە قىلىنىدۇ.

** ئۆلۈمنى ئەسلەش ئۆمۈرنى ئۇزىتىدۇ. ئۇزۇن ياشاش ئارزۇسى ئۆمۈرنى قىسقارتىدۇ. ئۇزۇن ياشاش ئارزۇسى بىلەن ياشىغان كىشى ئۈچ نەرسىگە ھەسرەتتە كېتىدۇ. ئىستەكلىرىگە قانالمايدۇ؛ ئارزۇسىغا ئېرىشەلمەيدۇ؛ ئاخىرىتى ئۈچۈن يېتەرلىك تەييارلىق قىلالمايدۇ.

** ھالىڭدىن دەرتلەنمە، ياماننىڭ يامىنى بار.

** يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ يۇقماسلىق ئېھتىمالىمۇ بار. ئامما بىر بىنادا بىر يامان كىشى بولسا، ئۇنىڭ يامان خۇيلىرىنىڭ باشقىلارغا يۇقماسلىق ئىھتىمالى يوق.

** مۇۋەپپەقىيەتنىڭ سىررى تەبەسسۇم، تاتلىق تىل ۋە گۈزەل سىياسەتتۇر. گۈزەل سىياسەت ھەممە كىشىنىڭ خۇرسەن بولۇشىدۇر.

** مۇھەببەت يېقىنلىق تەلەپ قىلىدۇ، يىراقلاشقان مەھرۇم بولىدۇ.

** باشقا كەلگەن ھەر بىر خاپىلىقنىڭ سەۋەبى گۇناھ ئىشلەشتۇر.

** كىبىر ۋە ئاچچىقلىنىش ئىنساننىڭ بېشىغا نۇرغۇنلىغان بالالارنى كەلتۈرىدۇ.

** ياخشىلار بىلەن دوست بولغان كىشى يامانلارنىڭ شەررىدىن خاتىرجەم بولىدۇ.

** قەلبتە قانچىلىك كىبىر بولسا، ئەقىلدە شۇنچىلىك نۇقسانلىق پەيدا بولىدۇ.

** باشقىلارغا يۈك بولغان كىشى خورلىنىدۇ.

** گەپ توشوش ئامانەتكە خىيانەت قىلغانلىقتۇر.

** ئۆزىگە ئىچى ئاغرىمىغاننىڭ باشقىلارغا ھەرگىز ئىچى ئاغرىمايدۇ.

** ئالىم بىلەن يۈرگەن ئەزىز، بىلىمسىز بىلەن يۈرگەن زەلىل بولىدۇ.

** مۆمىن ئاز سۆزلەيدۇ، كۆپ ئىش قىلىدۇ. مۇناپىق كۆپ سۆزلەيدۇ، ئاز ئىش قىلىدۇ.

** ئەدەپ ـ ئەخلاق، ئەقىلنىڭ تاشقى كۆرۈنىشىدۇر. كىشىنىڭ ئەقلى ئەخلاقى قەدەردۇر.

** ئەقلىدەك سەرمايە، ياخشى خاراكتىردەك دوست، ئەدەبتەك مىراس، ئىلىمدەك شەرەپ بولمايدۇ.

** تىل يىرتقۇچ ھايۋانلارغا ئوخشايدۇ، قويۇپ بەرسەڭ سېنى پارچىلاپ تاشلايدۇ.

** كىشى تىلىنىڭ ئاستىدىدۇر، قانداقلىقى سۆزىدىن مەلۇم بولىدۇ.

** يامان ئادەم ھەممە كىشىنى ئۆزىگە ئوخشاش يامان دەپ قارايدۇ.

** پۈتكۈل يامانلىقلارنىڭ بېشى يامان دوستتۇر.

** دىل پاك بولسا، تىلدىن چىرايلىق سۆزلەر چىقىدۇ.

** ئۆز قارىشىغىلا ئېسىلىۋالغان كىشى ھەقىقەتنى تاپالمايدۇ.

** ھەر قانداق ياخشىلىق سەۋر قىلىش بىلەن قولغا كېلىدۇ

مەن بۇنى يۈرەك پارەمگە بېغىشلايمەن

مەن ئۈچۈن ئەڭ قەدىرلىك بولغان ئەي جانان   مىنىڭ  يۈرەك سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ باققىن .

 

مىسكىنلىك ئىچىدە تۇرغان يىگىتنىڭ خاتىرسىدىن !  

كەچ كۈزنىڭ غېرىپ بىر كۈنلىرى مىنۇتلىرىم كائىنات دەشتىدە يىگانە تىغدەك ئۆزكۈزەتتىم  .

تەغدىرنىڭ ئورۇنداشلىرى بىلەن ئەشۇ كەچ كۈز كېچىللىرىنىڭ بىرىدە سەن بىلەن تۇنۇشۇپ قالدىم

ھەي ! ھېلىمۇ ئىسىمدە سەن بىلەن سىرداشقان ئاشۇ مىنۇتلار خۇددى بىر كىلاسسىك رەسىمدەك

كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ ، ئاشۇ ۋاقىتتىكى سۆز ئىبارىللىرىڭ مۇڭلۇق مىلودىيدەك قۇلاق تۈۋۈمدە

جاراڭلايدۇ ، نىمىشقىكىن سىنىڭ ئاشۇ تاتلىق قاراشلىرىڭ دەردىمگە داۋا ، يۈرەككە شىپا شۇ سۆزلىرىڭ

جاراھەتلىك قەلبىمگە ، مەلھەم بۇلۇپ مىنى ئازاپنىڭ يىپلىرى چىرمىۋالغان ئاشۇ قايغۇ ئازاپلىرىمنى ئاللا

قاياققىدۇر ئېلىپ كىتەتتىڭ ، مەن كۈزۈم تويمىغان كۆڭلۈم قانمىغان ھالدا ساڭا قاراپ قاراپ كىتەتتىم

ئۇيقىدىن بىدار ، شۇ تۈنلەردە خىياللىرىم يەنە ساڭا ئەسىر بۇلاتتى .، شۇنچە كۈنلەر ئۆتتى تۈنلەر

ئۆتتى ئەمما ئىسىمدىن چىقمايدۇ ، يادلىنىپ كىلۋاتقىنى يەنە شۇ گۈزەل كىچىلەر ، سىنىڭ شۇ شىرىن

سۆز ئىبارىللىرىڭ ، ماڭا بەرگەن تەسەللى ئىلھاملىرىڭ ساڭا بولغان غايىبانە يۇلۇممۇ سۇس لىكىن

تۇلۇمۇ تاتلىق بولغان مۇھەببىتىمنى غۇۋا قوزغايتى ، بىراق شۇ غېرىپلىق ئىلكىدە ئۆتىۋاتقان كۈنلەر ۋە

تۈنلەر ، تېگى يوق ئازاپ ئۇقۇبەتلىرىم سىنىڭ ماڭا بولغان كۈيۈنۈش ، ئىللىق مىھرىڭ ئۈستىدىن

غالىپ كىلىۋاتىدۇ ، ھەر قېتىم ماڭا شۇنداق ياخشى تەسەللى بىرىپ كۆڭلۈمنى ياسىغىنىڭغا يارىشا

مەندە ، قىلچە ئىنكاس بولمايدۇ ، شۇنداق ، سىنىڭ دىلىڭ رەنجىيتى !،  سەن ماڭا تەسەللى

بىرىپ ماڭا ھىسداشلىق قىلىشىڭغا ئەرزىمەيمەن ، چۈنكى مەن شۇنداق يارالغان ئىنسان ، بەس ئەمدى

ماڭا ئارتۇقچە كۆڭۈل بولمە ھېچنىمىگە ئەرزىمەيمەن ، مەن پەقەت چۈشلىرىڭدە غۇۋا جىلۋىلەنسەم

خۇشال - خۇرام ئۆتكەن كۈنلىرىڭدە ، تۇلۇمۇ چىنلىق بىلەن كۈلگەن چېغىڭدا مىنىڭ ئاشۇ غەپلەت

مىسكىنلىك قاپلىغان تۇمانلىق دۇنيادىكى يىگانە سىمايىم كۆزۈڭگە غۇۋا بىر كۈرۈنسىلا شۇماڭا

كۇپايە ، نىمە ئامال ھەرقانچە قىلغىنىم بىلەنمۇ سىنىڭ شۇ گۈزەل ھۆسنىڭگە لال بۇلالمايمەن

 

مۇشۇ دەقىقىدە  مۇنداق بىر شىئېر ئىسىمگە كىلىۋاتىدۇ

ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻘﻼ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﺎﻱ ﺩﻩﭖ ،
ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺧﻮﺷﻰ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻗﻮﻳﺎﻱ ﺩﻩﭖ ،
ﭘﻪﺱ ﮬﻪﯞﻩﺳﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ،،
ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﻰ ﺋﻮﻳﯘﻥ ﺑﯩﻠﻤﻪﯕﻼﺭ .

ﻳﯜﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻱ ،
ﺳﯚﻳﯜﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻻﻟﻤﺎﻱ ،
ﻗﺎﻳﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﯞﯨﺠﺪﺍﻥ ﺳﻮﺭﯨﻘﯩﻨﻰ ،
ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﻰ ﺋﻮﻳﯘﻥ ﺑﯩﻠﻤﻪﯕﻼﺭ .

ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﺪﻩ ﻗﺎﻟﻤﺎﺱ ،
ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎﻧﻤﺎﺱ ،
ﺑﯘ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺕ ﮬﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﺎﻥ ،
ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﻰ ﺋﻮﻳﯘﻥ ﺑﯩﻠﻤﻪﯕﻼﺭ .

ﻟﻪﻳﻠﻰ -ﻣﻪﺟﻨﯘﻥ ،ﺗﺎﮬﯩﺮ -ﺯﯙﮬﺮﻩ ..ﺩﻩﻙ .
ﻏﯧﺮﯨﭗ -ﺳﻪﻧﻪﻡ .ﯞﺍﻣﯘﻕ -ﺋﯘﺯﺭﺍ،،ﺩﻩﻙ .
ﺋﺎﺩﺍﻗﻘﯩﭽﻪ ﻳﯜﺭﻣﯩﺴﻪﯕﻼﺭ ﮔﻪﺭ ،
ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﻰ ﺋﻮﻳﯘﻥ ﺑﯩﻠﻤﻪﯕﻼﺭ

ئۇنۇتساڭ ئۇزات ھەم گۆرگە ،

قاغجىرغان چوھىمغا كىپەندۇر كۈيۈش

ئاھىمغا قىسىلغان چىغىر يوللاردىن

كەلمىگىن مۇزلىغان دەسلەپكى سۆيۈش،

 

سەن مىنى چاقىرساڭ چاقىرغىن بىر رەت

گەر سىنى چىرىتسە تۈننىڭ چۈشلىرى

ئۇنۇتساڭ ئۇنۇتقىن ! يىرتىلسۇن بەخت

قالمىسۇن ئەسلىمە ئەرۋاھ كۈيلىرى

 

ﺋﻪﻱ ﺋﺎﻕ ﻗﯩﺰ، ﺳﻪﻥ ﺯﯨﻤﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﺎﻕ ﻗﺎﺭﻯ،
ﺋﻪﻱ ﭘﺎﻙ ﻗﯩﺰ، ﺳﻪﻥ ﮔﯜﻟﯩﺴﺘﺎﻥ ﺑﺎﮬﺎﺭﻯ.
ﺳﻪﻥ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﯩﺰ،
ﺳﻪﻥ ﺯﯨﻞ ﺗﺎﺭ ﻣﻪﻥ ﺩﯗﺗﺘﺎﺭﻧﯩﯔ ﺑﻮﻡ ﺗﺎﺭﻯ.

ﺋﻪﻱ ﺋﺎﻕ ﻗﯩﺰ ، ﺷﯘﯕﺎ ﻗﻪﻟﺒﯩﻢ ﺑﯩﻠﯟﺍﻝ،
ﺋﻪﻱ ﭘﺎﻙ ﻗﯩﺰ، ﭼﯩﻦ ﻣﯩﻜﺮﯨﻤﮕﻪ ﻗﯩﻨﯩﯟﺍﻝ.
ﺗﯜﻥ ﻛﯩﭽﻪ ﻳﯘﺭﯗﺗﯘﺷﻘﺎ ﻳﻮﻟﯘﯕﻨﻰ،
ﻛﯚﻛﺴﯜﻣﺪﯨﻦ ﺋﻮﺕ ﻳﯘﺭﻩﻛﻨﻰ ﺋﯩﻠﯟﺍﻝ.

ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﺎﻟﻐﯩﻦ ،ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎ،ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻣﺎﯕﺎﻗﺎﺭﯨﻤﺎ،
ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺳﯜﻳﮕﯩﻦ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺳﯜﻳﻤﻪ،ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺩﯨﻤﻪﻳﺎﺭﯨﻤﺎ.
ﺋﻪﻱ ﺋﺎﻕ ﻗﯩﺰ، ﭼﯩﻦ ﺩﯨﻠﯩﻤﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﯟﺍﻝ،
ﺋﻮﺕ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺳﻮﯞﻏﺎ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﺋﯩﻠﯟﺍﻝ.

دوستلىرىم
رەسىملىرىم
سۆز قالدۇرۇش
سۆز قالدۇرۇلغان ۋاقىت :2012 - يىلى 03 - ئاينىڭ 25 - كۈنى سائەت 20 دىن 26 مىنۇت
قىسقىچە ماتىريالىم
ئىــــسمـى :
TAN HA
سالاھىتى :
ئادەتتىكى ئەزا
دەرىجىسى :
10
يېشـــــى :
25
جىنســى :
ئەپەندىم
چـى چــى :
1481969520
يــــۇرت :
خوتەن ۋىلايىتى
تەۋەلىكى :
گۇما ناھىيىسى
ئـاۋاتلىقى :
1807
بېكەت پۇلى :
250
تورھالىتى :
يوق
تىزىملاتقان :
16:22 21-11-2010
پــائــالىيەت :
20:02 25-03-2012
باش بەت قىلىۋېلىش
ساقلىۋېلىش
دوسىتقا قوشۇش
ئۇچۇر يوللاش
تەۋسىيە قىلىنغان ئەزالار
بېكەت ئۇقتۇرىشى
ھەر كۈنى كەچ سائەت 11 دىن ئەتە ئەتتىگەن سائەت 5 كىچە بولغان ئارلىقتا پائالىيەت قىلىش چەكلەندى
ياخشى بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ سالامەتلىكىڭىزگە كۆڭۈل بۆلۈڭ
زىيارەتچىلەر