شائىر ۋە يۇلتۇز

ئوت يۇرتى تۇرپاندا يازنىڭ تومۇز ئايلىرىدا كۈندۈزى پىژىرغىم ئىسىقىنىڭ دەستىدىن يەر جاھان چىدۇغۇسىز ئىسىپ ،ھاۋا تولىمۇ تىنجىق بولىدۇ. جاننى قاقشىتىدىغان بۇنداق كۈندۈزدە چىپ-چىپ تەرلەپ توختىمايۋاتقان كىشىلەر ئۆزىنى قويىدىغان جاي تاپالماي،ئىلاجىسىز ساپ،سالقىن ھاۋالىق كېچىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى تەقىززارلىق بىلەن كۈتىدۇ.كەچ كىرىش بىلەن تەڭ، كىشىلەر يۇتقان -كۆرپىلەرنى قولتۇقلۇشۇپ ئۆز ئۆيلىرىنىڭ ئۆگىزىسىگە چىقىپ، سالقىن تاغ شامىلىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ يېتىشىدۇ.كېچە ئاسمىنى بەكمۇ ئايدىڭ بولۇپ ،ئالقانچىلىكمۇ بۇلۇت كۆرۈنمەيتتى. تۈن قاراڭغۇدا تېنىمسىز چاراقلاپ تۇرغان سانسىز يۇلتۇزلار گويا باش ئۈستىدىلا پارقىراپ تۇرغاندەك يېقىن كۆرىنىدۇ.1920-يىللىرىنىڭ ئەنە شۇنداق ياز كېچىلىرىنىڭ بىرىدە،قەلبى ئوت-ئاتەش بولۇپ يالقۇنلاۋاتقان بىر شائىر يۇلتۇزلۇق ئاسمان ئاستىدا چوڭقۇر ىىياللارغا غەرىق بولغان ھالدا ئۇلۇغ -كىچىك تىنىپ ياتاتتى.پۈتكۈل ئەتىراپ تىمتاسلىققا چۆمگەن تۈن ئىچىدە شائىرنىڭ كۆزلىرى بىپايان يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا تىكىلىپ تۇرسىمۇ ، ئەمما پىكىر- خىيالى ىۇددى ئاقار يۇلتۇزلاردەك توختىماي ھەركەتلىنىپ تۇراتتى.(داۋامى بار.............)
2010 - يىلى 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى سائەت 12 دىن 19 مىنۇت دە يوللانغان
مەزكۇر ئەسەر 84 قېتىم كۆرۈلدى