ناخشىلىرىم
خاتىرىلىرىم
- مەن ئۆلگەندە...
- 2012/04/04

يېرىم يۈرەك
![]()
ئاشىقلىق شۇنداقمۇ بىلەلمىدىم ھېچ،
يۈرىكىم-باغرىمنى ئۆرتەيدۇ بىر ھېس.
ئويلىرىم-خىيالىم چاكاردۇر ساڭا،
جانلىرىم ئازاپتىن بولالماس تىنىچ.
![]()
سېنىڭدىن شۇنداقلا بولۇپ مەن مەھرۇم،
ئالەمچە ئەلەمنى قۇچاقلاپ قالدىم.
چىدىماي ئاخىرى ئېلىپ خەنجەرنى،
يۈرەكنى ئوتتۇردىن ئىككىگە ياردىم.
![]()
تاشلىدىم دېڭىزغا يېرىم يۈرەكنى،
ئەسلىمە-ئۆتمۈشلەركەتسۇن دەپ چۆكۈپ.
كېسىلگەن ئاغرىقنى سەزمىدىم، ئەمما-
ئېچىشار ۋىسالىڭ پەيتىنى كۈتۈپ.
![]()
يېرىم جان،يېرىم روھ ،يېرىم يۈرەكتە،
يەنىلا بىر ساڭا تەشنا ھەر تىنىق.
سېنىڭسىز بۇ دۇنيا ئازاب دېڭىزى،
قۇتقۇزغىن سۆيگۈڭدىن ياساپ بىر قېيىق.
![]()

.gif)
مەن ئۆلگەندە...
مەن ئۆلگەندە، ئېسىڭدە بولسۇن،
بايرىقىڭنى چۈشۈرمە يېرىم.
جەسىدىمنى تاپساڭ كۆمۈپ قوي،
تاپالمىساڭ ئۆكۈنمە جېنىم!

بايرىقىڭنى چۈشۈرمە يېرىم.
جەسىدىمنى تاپساڭ كۆمۈپ قوي،
تاپالمىساڭ ئۆكۈنمە جېنىم!
مەن بىلىمەن دېمەيدۇ ھېچكىم،
ئۆلۈمۈمنى ئېغىر يوقىتىش.
مەن ئەمەسمۇ ناتونۇش ئادەم؟
ماڭىلا خاس ئۈنسىز يوقىلىش.

مەن ئۆلگەندە، ئېسىڭدە بولسۇن،
دە جاھانغا كۈلۈپ ئۆلدى ئۇ.
ئىشەنگەندە ھەممە سۆزۈڭگە،
دېگىن ئاندىن، يالغان كۈلدى ئۇ.

مەن ئۆلگەندە كۈلگىن قاقاقلاپ،
مىسكىن دىلدىن كەتسۇن بىر خىيال.
بېسىم بولۇپ قالغان مەن ساڭا،
ھاياتلىقتا بىلسەڭ ئېھتىمال.

مەن ئۆلگەندە، ئېيىتقىن شوخ ناخشا،
نەزىر بېرىش بىھاجەت ھامان.
ئېھتىياجىم يوقتۇر يىغاڭغا،
مەيۈسلەنمە، بولما پەرىشان.

مەن ئۆلگەندە، كۆمۈپمۇ قويما،
قاغىلارغا بولاي بىر ئوزۇق.
مەن زېمىنغا چۈشۈپ قالغان داغ،
ناپاك تېنىم يوقالسۇن تولۇق.

مەن ئۆلگەندە، يۈرىۋەر جىمجىت،
بىلسەڭمۇ گەر بىلمەسكە سېلىپ.
قار ياغمىسۇن خىياللىرىڭغا،
ئاچچىق ھېسلار قەلبىڭنى تىلىپ.

مەن ئۆلگەندە، يۈرىۋەر جىمجىت،
بىر تامچىمۇ ياش تۆكمىگىن بەس!
قايغۇرماستىن ياشاۋەر چۈنكى-
ئىچ ئاغىرتىش مۇھەببەت ئەمەس.

.gif)
ئۆلۈمۈمنى ئېغىر يوقىتىش.
مەن ئەمەسمۇ ناتونۇش ئادەم؟
ماڭىلا خاس ئۈنسىز يوقىلىش.
مەن ئۆلگەندە، ئېسىڭدە بولسۇن،
دە جاھانغا كۈلۈپ ئۆلدى ئۇ.
ئىشەنگەندە ھەممە سۆزۈڭگە،
دېگىن ئاندىن، يالغان كۈلدى ئۇ.
مەن ئۆلگەندە كۈلگىن قاقاقلاپ،
مىسكىن دىلدىن كەتسۇن بىر خىيال.
بېسىم بولۇپ قالغان مەن ساڭا،
ھاياتلىقتا بىلسەڭ ئېھتىمال.
مەن ئۆلگەندە، ئېيىتقىن شوخ ناخشا،
نەزىر بېرىش بىھاجەت ھامان.
ئېھتىياجىم يوقتۇر يىغاڭغا،
مەيۈسلەنمە، بولما پەرىشان.
مەن ئۆلگەندە، كۆمۈپمۇ قويما،
قاغىلارغا بولاي بىر ئوزۇق.
مەن زېمىنغا چۈشۈپ قالغان داغ،
ناپاك تېنىم يوقالسۇن تولۇق.
مەن ئۆلگەندە، يۈرىۋەر جىمجىت،
بىلسەڭمۇ گەر بىلمەسكە سېلىپ.
قار ياغمىسۇن خىياللىرىڭغا،
ئاچچىق ھېسلار قەلبىڭنى تىلىپ.
مەن ئۆلگەندە، يۈرىۋەر جىمجىت،
بىر تامچىمۇ ياش تۆكمىگىن بەس!
قايغۇرماستىن ياشاۋەر چۈنكى-
ئىچ ئاغىرتىش مۇھەببەت ئەمەس.

.gif)
كىرپىكىڭ شېخىدا تۈنىدىم كېچە
جۇدالىق دەردىنى سالغاچ سەن نىگار،
يانغىندا توڭلۇدۇم ، مۇزلاردا كۆيدۈم .
گۈللەرنى قۇچاقلاپ تۇرسىمۇ جاھان،
جاھاندىن كەچتىممەن ، بىر سېنى سۆيدۈم .

قەلبىمنى ئازاپتا تىلىسەن نېچۈن؟
جېنىمنى قىيناشلار تۈگەيدۇ قاچان ؟
سۆيۈلمەي سۆيگەن شۇ گۇناھىم ئۈچۈن ،
تاپتىم مەن ئۆزۈمگە قىيىن ئىمتىھان .

ئاچالماي قەلبىڭنىڭ دېرىزىسىنى،
كىرپىكىڭ شېخىدا تۈنۈدۈم كېچە.
تاڭلاردا ماكان قىپ گۈلزارلىقىڭنى،
سايرىدىم بۇلبۇلدەك، قانلار قۇسقىچە .

كېچىلەر قوينىدا سۇندى ئاۋازىم ،
گۈللەرنىڭ باغرىدا ئاقار لەختە قان .
كۆڭۈلنىڭ ئالدىدا بولۇپ بىچارە،
سىرلارنى پىنھاندا ساقلىدىم جانان
يانغىندا توڭلۇدۇم ، مۇزلاردا كۆيدۈم .
گۈللەرنى قۇچاقلاپ تۇرسىمۇ جاھان،
جاھاندىن كەچتىممەن ، بىر سېنى سۆيدۈم .
قەلبىمنى ئازاپتا تىلىسەن نېچۈن؟
جېنىمنى قىيناشلار تۈگەيدۇ قاچان ؟
سۆيۈلمەي سۆيگەن شۇ گۇناھىم ئۈچۈن ،
تاپتىم مەن ئۆزۈمگە قىيىن ئىمتىھان .
ئاچالماي قەلبىڭنىڭ دېرىزىسىنى،
كىرپىكىڭ شېخىدا تۈنۈدۈم كېچە.
تاڭلاردا ماكان قىپ گۈلزارلىقىڭنى،
سايرىدىم بۇلبۇلدەك، قانلار قۇسقىچە .
كېچىلەر قوينىدا سۇندى ئاۋازىم ،
گۈللەرنىڭ باغرىدا ئاقار لەختە قان .
كۆڭۈلنىڭ ئالدىدا بولۇپ بىچارە،
سىرلارنى پىنھاندا ساقلىدىم جانان

.gif)
<<ئابدىشۇكۇر>> ئىشلىدى
تېلفۇن: 13040466808 15384977005
دوستلىرىم
رەسىملىرىم
سۆز قالدۇرۇش
- ئەسالام تورداش..............



- سۆز قالدۇرۇلغان ۋاقىت :2012 - يىلى 05 - ئاينىڭ 23 - كۈنى سائەت 01 دىن 25 مىنۇت









- سۆز قالدۇرۇلغان ۋاقىت :2012 - يىلى 05 - ئاينىڭ 22 - كۈنى سائەت 22 دىن 31 مىنۇت
- ئەسسالاممۇ ئەلەيكۈم ياخشىمۇ سىز،
مەن سىزنى يوقلاپ كەلدىم،ياخشى تۇرۋاتامسىز،؟
ئولۇغ اللە سىزگە تىنىچ-ئامانلىق ئاتا قىلسۇن،
خالىسىڭىز دوستلۇققا قۇشۇپ قۇيۇڭ دوستۇم،!
ئەگەر ۋاختىڭىز بولسا بىز تەرەپكىمۇ كەپتۇرۇڭ، - سۆز قالدۇرۇلغان ۋاقىت :2012 - يىلى 05 - ئاينىڭ 22 - كۈنى سائەت 21 دىن 17 مىنۇت








- سۆز قالدۇرۇلغان ۋاقىت :2012 - يىلى 05 - ئاينىڭ 22 - كۈنى سائەت 19 دىن 29 مىنۇت
- ئەسالاممۇ ئەلەيكۇم ياخشمۇسېز


خۇشالېق سزگەياربولسۇن


- سۆز قالدۇرۇلغان ۋاقىت :2012 - يىلى 05 - ئاينىڭ 22 - كۈنى سائەت 19 دىن 02 مىنۇت
قىسقىچە ماتىريالىم

- ئىــــسمـى :
- نامسىز شاھزادە
- سالاھىتى :
- ئالاھىدە ئەزا

- دەرىجىسى :

- يېشـــــى :
- 20
- جىنســى :
- ئەپەندىم
- چـى چــى :
- 1210764167
- يــــۇرت :
- ئاقسۇ شەھىرى
- تەۋەلىكى :
- ئاۋات ناھىيىسى
- ئـاۋاتلىقى :
- 399009
- بېكەت پۇلى :
- 1625
- تورھالىتى :
- بار
- تىزىملاتقان :
- 18:01 09-10-2010
- پــائــالىيەت :
- 17:16 23-05-2012
- باش بەت قىلىۋېلىش
- ساقلىۋېلىش
- دوسىتقا قوشۇش
- ئۇچۇر يوللاش
تەۋسىيە قىلىنغان ئەزالار
بېكەت ئۇقتۇرىشى
ھەر كۈنى كەچ سائەت 11 دىن ئەتە ئەتتىگەن سائەت 5 كىچە بولغان ئارلىقتا پائالىيەت قىلىش چەكلەندى
ياخشى بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ سالامەتلىكىڭىزگە كۆڭۈل بۆلۈڭ
ياخشى بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ سالامەتلىكىڭىزگە كۆڭۈل بۆلۈڭ
زىيارەتچىلەر






































