يۇمۇر

ئىمامەتچىلىك قىلۋاتقان مەسچىتكە يېپيېڭى گىلەم سېلىنغانىكەن، يىراق - يېقىنغا داڭقى كەتكەن بىر قىمارۋاز ئۆيدىكى پۇل - پۈچەك ۋە مال - مۈلكىنى ئۇتتۇرۇۋەتكەندىن كېيىن تەپتارتماستىن مەسچىتتىكى گىلەملەرنى ئوغرىلاپ ئۆيىگە سېلىپ قويۇپتۇ. ئەپەندىم بۇ ئىشنى ئۇقۇپ بىر كۈنى ئەتىگەن جامائەتنى باشلاپ ھېلىقى قىمارۋازنىڭ قورۇسىغا بېرىپتۇ. بۇ جامائەتنى كۆرۈپ ھودۇقۇپ كەتكەن قىمارۋاز ئەپەندىمدىن: - ئىمام ئاخۇنۇم، بامدات نامازنى مەسچىتتە ئوقۇماي بۇ يەرگە كىرگەنلىرىگە قارىغاندا، يېڭىلىپ قالدىلىمۇ، نېمە؟ - دەپ سوراپتۇ. - يوقسۇ، - دەپتۇ ئەپەندىم قىمارۋازغا چۈشەندۈرۈپ، - تۈنۈگۈن قورۇيىڭىز ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، قورۇيىڭىزغا قارىسام، ساپلا مەسچىتنىڭ گىلەملىرى سېلىقلىق تۇرىدۇ، شۇنىڭغا قاراپ مەسچىت سىزنىڭ قورۇيىڭىزغا يۆتكىلىپ قالغان ئوخشايدۇ، دەپتىمەن. قىمارۋاز بۇنى ئاڭلاپ ئۆپكىدەك قىزىرىپ كېتىپتۇ. 

2012 - يىلى 02 - ئاينىڭ 20 - كۈنى سائەت 14 دىن 15 مىنۇت دە يوللانغان
مەزكۇر ئەسەر 12 قېتىم كۆرۈلدى