- مۇھاببەت
- 2011/07/22




ئوي-پىكىرىڭىز ھەركىتڭىزنى بەلگىلەيدۇ، ھەركىتىڭىز ئادىتىڭىزنى بەلگىلەيدۇ، ئادىتىڭىز
مىجەز-خارەكتېرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ، مىجەز-خارەكتېرىڭىز تەقدىرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ.

سەن بۇ دۇنيانى چۈشىنەمسەن؟ چۈشەنسەڭ قانچىلىك چۈشنىسەن؟
بۇ دۇنيا سەن ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىپ بەردى؟
سەن بۇ دۇنيا ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىپ بەردىڭ؟ سەن بۇ دۇنيانى ياخشى كۆرەمسەن؟
سەن بۇ دۇنيانى ياخشى كۆرگەن بىلەن بۇ دۇنيا سېنى ياخشى كۆرەمدۇ؟
بۇ دۇنيا رەھىمسىزمۇ ياكى ئادەملەر رەھىمسىزمۇ؟

قەدىمىي ئەسەرلەرنىڭ بىرىدە مۇنداق بىر مەشھۇر دىئالوگ بار.بىر كىشى بىر دانىشمەنگە مۇنداق دەپتۇ؛ « ھاياتتا بەزىلەر ماڭا قارا چاپلاپ، مېنى ئالدىسا؛ بەزىلەر مېنى ھاقارەتلەپ، مەسخىرە قىلدى؛يەنە بەزىلەر مېنى كۆزگە ئىلمىدى، كەمسىتتى. قانداق قىلسام بولىدۇ؟» دەپ سورايدۇ.دانىشمەن كۈلۈپ تۇرۇپ :« ئۇنىڭغا چىدا،يول قوي؛ ئۇنىڭدىن ساقلان،ئۇنى مەيلىگە قويىۋەت؛ ئۇنىڭغا سەۋر قىل،ھۆرمەت قىل؛ئۇنىڭ بىلەن كارىڭ بولمىسۇن. نەچچە يىل ئۆتكەندە ئاشۇلارغا قايتا قاراپ باققىن» دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.

نېمە-نېمىدىن ياخشى
ئاڭلىغاندىن كۆرگەن ياخشى، يېغلىغاندىن كۈلگەن ياخشى.
بىلمىگەندىن بىلگەن ياخشى، مەنسىز ياشىغاندىن ئۆلگەن ياخشى.
كۈنلۈك ھەقتىن ئايلىق ياخشى، گادايلىقتىن بايلىق ياخشى.
پىيادىدىن ئاتلىق ياخشى، خاپىلىقتىن شادلىق ياخشى.
پايدا ئالغان يالغاندىن، زىيان تارتقان راسمۇ ياخشى.
ئاڭلاپ ئەمەل قىلمىغاندىن، ئاڭلىمىغان گاسمۇ ياخشى.
ئۇرالمىغان دەل توپۇڭدىن، ئەپلىك چىققان پاسمۇ ياخشى.
ئۈنى چىقماس داپ-دۇتتاردىن، داراڭلىغان داسمۇ ياخشى.
مېننىتى بار زىياپەتتىن، قۇرۇق ئىچكەن ئاشمۇ ياخشى.
باشقىلارنىڭ گۆھىرىدىن، ئىلكىڭدىكى تاشمۇ ياخشى.
تەپكەك قىرى ئارغىماقتىن، خۇيى ياخشى تايمۇ ياخشى.
يورۇتمىغان شۇ چىراقتىن، ئاسماندىكى ئايمۇ ياخشى.
ئەندىشە بىلەن يېگەن ئاشتىن، غەمسىز ئىچكەن چايمۇ ياخشى.
تولغانغۇچە پۇشايماندىن، ئۆز-ئۆزىنى سورىغانمۇ ياخشى.
پىتىر ناندىن قىل ئالغۇچە، سېخىلارنى دورىغان ياخشى.
ئىتنىڭ ئەڭ ئالى خېسلىتى ۋاپادارلىق ۋە ساداقەتمەنلىك بولغىنىدەك، تۈلكىنىڭ ئەڭ ناچار ئىللىتىمۇ ئالدامچىلىق ۋە ساختىپەزلىكتۇر .بۆرىنىڭ ئۇلۇغلىقى ئۆملۈك ۋە تاپنى يېمىگىنىدە بولغىنىدەك، يولۋاسنىڭ سۈرمۇ ئۇنىڭ ھېچنىمىنى مەنسىتمەيدىدىغان مەغرۇرلىقىدا.

بۇ دۇنيادا بىرسىنى ياخشى كۆرمەك تەس ئىكەن،
ياخشى كۆرگەن كىشىگە ھەم ئىرىشمەكمۇ تەس ئىكەن.
ئىرىشكەندە ئۇنىڭغا، خوشال قىلماق تەس ئىكەن،
خاپا قىلساڭ ئەگەردە چۈشەندۈرمەك تەس ئىكەن.
بۇ دۇنيادا بىرسېنى سۆيۈپ ئۆتمەك تەس ئىكەن،
سۆيۈپ ئۆتكەن كىشىدىن رەنجىمەك ھەم تەس ئىكەن.
كۆڭلى قالغان كىشىنى ئەسلىمەكمۇ تەس ئىكەن،
دەرد-ئەلەمگە تولغاندا كۈلۈپ يۈرمەك تەس ئىكەن.

ئىككىمىز يېراقتا بەكمۇ يېراقتا
يۈرەكلەر كۆيمەكتە ئوتتا پىراقتا. تەقدىرنىڭ چاقچىقى دىمىگىن بۇنى،
سۆيگۈمىز تۇرماقتا ئەڭ چوڭ سىناقتا
رىشتە
شۇنداق قارىغان ۋاقتىڭدا ساڭا شۇنچىلىك گۈزەل كۆرۈنگەن، ساڭا چەكسىز ئۈمىد بېغىشلىغان،
ھەمدە ساڭا گۈزەل كەلگۈسىڭنى خۇددى سايىدەك غىل-پال كۆرسەتكەن، ساڭا ھاياتىدىكى بارلىقىنىمۇ
تەقدىم قىلىشتىن باش تارىتمايدىغان شۇنداق بىر كەلگەن ئامەتتىن سەن ئۆزۈڭچە سەل قاراپ ۋە ياكى
ئارلىق يىراق << بولدىلا >> دەپ بىپەرۋالىق قىلىپ ئۆزۈڭنى قاچۇرساڭ، ئۇنىڭغا پەقەتلا كۆڭۈل

ئىھتىمال بۇنداق ئامەت ھەرقانداق كىشىگە نىسىپ بولىۋەرمەيدىغاندۇ؟
ئۇ شۇنچىلىك قەدىرسىزمۇ؟ ياكى سەن ئۇنىڭ قەدىرىنى بىلمەي قالدىڭمۇ؟

ئادەم پەقەت ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ۋە ياكى ئۆزى قول سېلىپ قىلىپ باققان ئىشلارغىلا ئىشىنىدۇ.
بىراق باشقىلار ئۇنىڭغا ئىيتقان، ئاڭلىغانلىرىغا ئانچە ئىشىنىپ كەتمەيدۇ، شۇنداقمۇ؟

( مىسالغا ئالساق: ئادەتتە ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا بېشىدىن ئۆتكەن كەچۈرمىشلىرى توپلىغان تەجىربىلىرىنى
سۆزلەش ئارقىلىق پەرزەنتلىرىنىڭ توغرا يولىنى تىپىپ مېڭىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بىرىدۇ ئەمما نادان پەرزەنتلەر
ئۇ گەپ-سۆزلەرنى شۇ يەردىلا ئاڭلاپ قۇيىدۇ خالاس. يەنە ئۇلار ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسسەپ يۈرىۋىرىدۇ.
ئەپسۇسلىندىغان بىر ئىش شۇ ئىشلار باشقا كەلگەندە ئۆز ۋاقتىدا ئاتا-ئانىلىرى ۋە باشقىلار ئىيتقان سۆزلەرنىڭ
ھەقىقەتەن توغرا ئىتىلغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. لېكىن كېچىكىدۇ. بەكلا كېچىكىدۇ......)

نېمىشقا بالدۇرراق شۇ سۆزلەرنىڭ توغرا ئىتىلغانلىقىنى، قەددىرلەش كېرەكلىكىنى ھېس قىلمايدۇ؟
دۇنيادىكى ئەڭ سۆيۈملۈك، ئەڭ مېھرىبان ئاتا-ئانىلىرىنىڭ سۆزىنى ئەستە تۇتمىغان يەردە باشقىلارنىڭ
دىگەنلىرىگە ئىشەنىچ بىلەن قاراشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدىغۇ دەيمەن.........

ۋاز كىچىش....... ۋاز كىچىش....... يەنىلا ۋاز كېچىش كېرەكمۇ؟
ۋاز كىچىش دىگەن نېمە؟ ۋاز كىچىش دىگەن زادى نېمە؟
ۋاز كىچىش دىگەن مەنچە بولسا:
ئىرىشىشكە پەقەتلا نىسىپ بولمىغان، باشقا ئىمكانىيەت دىگەندەكلەردىن قەتئىي سۆز ئاچقىلى بولمايدىغان،
پەقەتلا باشقا چىقىش يولى تاپالمىغان، بەخت كۆز ئالدىدا بولسىمۇ مەڭڭۈ ئىرىشەلمەيدىغان ئەھۋالدا ۋاز كىچىش
ئاندىن كۈچكە ئىگە بولىدىغان سۆزغۇ دەيمەن.......

سەن ھايات مەنمۇ ھايات تۇرۇپ، پۇرسەت تېخى كۆپ تۇرۇپ نېمىشقا سەۋەپ قىلىپ باقمايمىز؟؟؟؟؟؟ بۇ
دۇنيانىڭ ھالاۋىتى ۋە ھۆرمىتى پەقەت تىرشىقانلارغا مەنسۇپ دەيدىكەن، نېمىشقا بىزمۇ تىرىشىپ باقمايمىز؟
گەرچە قېسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە بولسىمۇ سېنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان چەكسىز خوشاللنارلىق مېنۇتلارنى، ماڭا بەرگەن
تەسەللىيلىرىڭنى، ماڭا كۆرسەتكەن يوللۇرۇڭنى ئۆزۈمگە زور بەخت دەپ ھېساپلايمەن. ئىككىمىز كۈلگەن شوق
كۈلكىلەر مېنىڭ ھايات يولۇمغا پايانداز بولغۇسى.

بەلكىم سەن ماڭا ئىشەنمەيسەن. چۈنكى سەن مەن پەرىشاننىڭ كۆز يېشىنى كۆرۈپ باقمىدىڭدە......

ئاھ خۇدا مەن زادى نېمە بولدۇم؟؟؟؟؟ بۇ ئىشلارغا زادى نېمە سەۋەپ؟؟؟؟؟؟
مەيلى سەن مېنى ئىزدىمە، مەيلى سورىما، مەيلى ۋاز كەش، مەن يەنىلا ساڭا بۇرۇن قانداق قارىغان بولسام
ھېلىھەممۇ شۇنداقلا قارايمەن، سېنى ئويلايمەن، سېغىنىمەن، مەن ساڭا يەنىلا شۇنچىلىك ئامراق........
چۈنچى سېنى ياخشى كۆرىمەن.

مەن سېنى يەنە قاچانلا كەلسەڭ قارشى ئالىمەن. مەن سېنى يەنە شۇ 5 دوقمۇشتا ساقلايمەن،
مەيلى قار ياغسۇن، مەيلى يامغۇر..........
سېنىڭ شۇ يولدىن بىر تال كۈنلۈكنى كۆتۈرگەن پىتى چىرايىڭدا كۈلكە تەبەسسۇمى بىلەن كىلىشىڭنى
ئارزۇ قىلىمەن. مەن ساڭا ئىشىنىمەن.

مەن سېنى ئۇنتۇشقا توغرا كەلسىمۇ پەقەت ئۈستۈمگە ئاق كىپەن
يېپىلغاندىلا ئاندىن ئۇنىتالايمەن.........
باشقا ھەرقانداق ئىشلارنى ئۇنتۇپ كەتسەڭمۇ مەندەك بىر ساراڭ ئاشقنى ھەرگىز يادىڭدىن چىقىرىپ
قويماسلىقىڭنى ئۈمىد قىلىمەن.

سېنى سۆيۈپ :
ئاشىقىڭ دىل ئارامىدىن-

بۇ قانداق رىشتە؟
بەلكىم سەن يەنىلا پەرۋاسىز يۈرىسەن، بۇنى ھەرگىز سەندىنلا كۆرۈپ كەتمەيمەن، چۈنكى سېنىڭ پۈتۈن
دىقىتىڭنى ئۆزۈمگە قاراتقۇدەك، سېنى لايىقىدا تەسىرلەندۈرگۈدەك بىرەر ئىش-پائالىيەت قىلىپ
بىرەلمىدىم ئەمەسمۇ؟ بۇمۇ يەنىلا شۇ ئۆزۈمنىڭ بەخت ئىچىدىكى بەختسسزلىكىم شۇنداقمۇ؟
ئويلىسام بىز- خۇددى ئىچىدە ماگما ئىقىۋاتقان دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىدا قالغان ئاشق-مەشۇقلا بوپتۇق،
ئۆتۈش ئۈچۈن دەرياغا چۈشەيلى دېسەك ئىقىۋاتقىنى سۇ ئەمەستە، ھەرقانچە سۇ ئۈزۈش ماھىرى بولسىمۇ
ھەرگىز ماگمىدا ئۈزەلمەيدۇ-دە. كۆۋرۈك ئىزدەپ يەنە تىپىرلىساق ئۇ كۆۋرۈك بىزدىن قانچىلىك يىراقلىقتا
ئىكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ.( ئىقىۋاتقان ماگما، دىدارىنى كۆرۈش تەس بولغان كۆۋرۈك........)
قانداق ئۆتۈش كېرەك؟؟؟؟؟؟؟؟
بۇ مېنىڭ بەختسىزلىكىممۇ ۋە ياكى......مۇ؟
ھېلىمۇ ياخشى تەلىيىمگە تېلىفۇن بولۇپ قاپتىكەن، گەرچە قارىسام ئۆزۈمنىڭ ئەكسىنى كۆرۈپ تۇرىدىغان
ئوتلۇق شەھلا كۆزلەرىڭنى كۆرەلمىسەممۇ، مەن ئۈچۈن شىپايى خۇش يېقىملىق ئاۋازىڭنى ئاڭلاپ تۇرىمەن
ئەمەسمۇ؟ بۇمۇ ئاللاھنىڭ مەندەك بىر غېرىپ بەندىسىگە ئاتا قىلغان ئالاھىدە ئىلتىپاتى ئەمەسمۇ.
بۇ مېنىڭ بەختلىك ئىكەنلىكىمدىن دېرەك بىرەمدۇ؟ ياكى...........
سەن بىلەن دىدارلىشىش ئۈچۈن شۇ تېلىفۇننىڭ مەن ماڭا قانچىلىك قەدىرلىك ئىكەنلىكنى پەقەت ئۆزۈملا
بىلىمەن، ئويلىسام تۈگىمەيدىغان ئوي-خېياللار داۋامىدا سېنىڭ ئاۋازىڭنى بىر قېتىم ئاڭلاپ بولسىمۇ
ئاندىن بىر ئىشلارغا ئاتلانسام مەن يەنىلا ئۆزۈمنى كۆڭلى توق، بەخـت ئىلىكىدە ياشاۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن.
شۇ مەخسەتلەردە ئۇيقۇسىز ئۆتىۋاتقان كۈنلىرىمنىڭ بىر ئايدىڭ كەچلىرىدە ساڭا ھەرقانچە چۈش
كۆرسەممۇ ئىيتالمىغان سۆزلەرىمنى پۇرۇتۇپ بولسىمۇ ئۆتۈپ كېتىش ئۈچۈن ساڭا ئۇرغان تېلىفۇنۇم ياكى
يازغان ئۇچۇرۇمنىڭ جاۋاپسىز قىلىشى مېنى بىر قىتىم جازاغا تاشلىغاندەك، ھېجرانلار مەن تەكلىپ
قىلمىساممۇ ئۆزى خالىغانچە كىلىپ مېنى يوخلاپ كەتكەندەكلا بولىدۇ ئەمەسمۇ؟ سەن بۇلارنى ھېس قىلالامسەن؟
بەلكىم بۇ كۈنلەر باشقىلار ئۈچۈن ئاشق-مەشۇقلارنىڭ جەم بولغان بايرىمى بولۇپ تۇيۇلسا، مەندەك
بىر مەجنۇن ئۈچۈن ساڭا دېسەممۇ ئىشەندۈرەلمەيدىغان بىر ھېجران قاينىمى بولۇپ تۇيۇلىدۇ ئەمەسمۇ؟
مەن سېنى سېغىنىپ ئۇرغان تېلىغۇنۇم( ياكى يازغان ئۇچۇرلۇرۇم ) سېنىڭ ئارام ئېلىشىڭدىكى شېرىن
ئۇيقۇڭنى بۇزىدىغان، خۇددى بەك قىززىقارلىق كىنۇ ئارىسىدىن چىققان بىر قاملاشمىغان ئېلاندەك
دىل ئارامىڭنى بۇزغان بۇزغۇنچى بولۇپ تۇيۇلىشى مومكىن؟
ماڭىمۇ نە ئامال؟
ھېجران ئازابىنى كۆرمىگەن بولساڭ ھېجراندا يۈرگەن كىشىنىڭ ھال-ئەھۋالىنى ئېنىق چۈشىنىپ
كېتەلمەسلىكىڭ مومكىن، ئەگەر ھېجراننى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن ساۋاق ئالمىغان بولساڭ، ھېجران كۈيلىرىنى
ئاڭلاپ ئۇنىڭغا چۆكىنىپ كېتەلمىگەن بولساڭ، ھېجران دېگەن سۆز بەلكىم سەن ئۈچۈن بىر ئاۋات بازاردىكى
ساتىراشخانىنىڭ ۋېۋىسكىسىدەكلا كۆرۈنىشى مومكىن؟
ناۋادا ماكان، زامان، جاھان ئالماشقاندەك ئىككىمىزنىڭ ئورنى ئالمىشىپ قالغان بولسا، ئاللاھ ماڭا
سالغان كۆيەك ئوتى، ئاشق يۈرۈكى سەندە بولۇپ قالغان بولسا سەن قانداق قىلغان بولاتتىڭ؟ مەن بۇ
سوئالنبڭ جاۋابىنى ئاڭلاشقا بەكلا قىزىقىمەن. سەن بۇ سوئالغا جاۋاپ بىرىشنى ئويلاپ باقتىڭمۇ؟
ئىككىمىز نورمال پاراڭلىشىپ ئىيتقان بىر تېپىشماقنى تېپىشقا ۋاقتىڭ، شارائىتىڭ يار بەرمەي قالغاندەك
بۇنىڭغىمۇ ۋاقتىڭ يەتمەسمىكىن دەپ ئويلايمەن. سېنىڭ ماڭا مەيلى خېزمەت ۋە ياكى باشقا بىر ئىشلارنى
ئالدىراشلا قىلىپ يۈرىمەن دېيىشلىرىڭدىن ۋاقتى-سائەتى كەلسە سېنىڭ توي قىلىدىغانمۇ ۋاقتىڭ يەتمەسمىكىن
دەپ ئويلاپ قالىمەن؟
بەلكىم سېنى بىنورمال قىلىدىغان بۇنداق گەپ-سۆزلەر چىقىپ قىلىپ- سۆزلىشىۋاتقان ۋاقتىڭ بولسا تېلىفۇننى
قويىۋەتكۈچە، مېھمان بولۇپ كىلىپ قالغان بولسا ئۇزىۋەتكۈچە كۆزۈڭ تۆت بولۇپ كېتىشى مومكىن؟
خۇددى قازاننىڭ كۆرۈمسىز ئاغىزىنى تۇۋاق بىلەن جايلىغاندەك مېنىمۇ شۇنداق قىلىشىڭدىن بەكلا ئەنسىرەيمەن.
<<بەك قورقۇمەن بۇ كۈنلەردە يالغۇز قىلىشتىن>>.
سەن ھەمىشە ماڭا شۇنداق چوڭ ئىشلارنى قىلىش ئويۇڭنىڭ بارلىقىنى ھەمدە يېڭى قەدەملەرنى
بىسىۋاتقانلىقىڭنى ئىيتىسەن، شۇ چاغلاردا سەندىن ھەقىقەتەن مەمنۇن بولىمەن. ھەم پەخىرلىنىمەن......
ئەمما ئىككىمىزنىڭ ئىشى توغۇرلۇق بىر ئاتالغۇنىمۇ دەپ بېرىشنى ئارتۇق
كۆرگەنلىكىندىن ئۆزۈممۇ ھەيران قالىمەن؟
سەن ماڭا ھازىر قىلىۋاتقان ھەم قىلماقچى بولغان ئىشلىرىڭنى بۇرۇندىنلا ئارزۇ ھەم پېلان قىلغانلىقىڭنى
ئېيتقان چېغىڭدا- بىزنىڭ ئىشىمىز سەن ئويلانغىدەك بىر مەيدان ھاسىل قىلالمىغانمىدۇ دەپ ئەجەپلىنىپ
قالىمەن. سەن ئورۇنداۋاتقان غايەت زور پېلانلىرىڭ قاتارىدا بىزنىڭ ئىشىمىز مۈكچىيىپ قالغان بۇۋايدەك
كۆرۈنەمدىكىن تاڭ؟
مەن نېمە قىلسام- سەن ماڭا ھەم كەلگۈسىمىزگە بىرخىل مەيدانى ئېنىق نېشانى ئوچۇق ھەم بىر-بىرىمىزگە
ئىشەنېچ بىلەن قارايدىغان ئويدا بولارسەن؟
مەن سەندىن بىر مېنۇت بىر سېكىنۇتمۇ ئۈمۈدۈمنى ئۈزۈپ قويغىنىم يوق. سەن مەن ئارزۇ قىلغان ئىشلارنى
چوقۇم لايىقىدا ئۇرۇندىيالايسەن. مەن ساڭا ئېشىنىمەن. ئاناممۇ ماڭا شۇنداق مەدەت بىرىدىغان......
دىل ئارامى
خوشاللىق، ياخشى كەيپىيات سىزگە ئۆمۈرۋايەت ھەمرا بولىدىغان
ھاياتىڭىزنىڭ بىر قىسىمى ئەلۋەتتە.
ئېنسانلار شۇ شاد-خورام گۈزەل تۇرمۇشقا ئېنتىلىپ، ئارزۇلىرىغا يېتىش ئۈچۈن جاپا-
مۇششاقەتلەر ئۈستىدىن غالىپ كىلىپ، ئۈمىدۋار ياشايدۇ ئەمەسمۇ؟
كۈلكەھەردايىم سىزگە ھەمرا بولغاي، پەقەت قەدىرىنى بېلسىڭىزلا........
سىزگە ئىيتسام-
ھەرگىز تاشقى گۈزەللىكنى قوغلاشماڭ، ئۇ ئادەم ئالدايدۇ.
بايلىقنى قوغلاشماڭ، ئۇمۇ تۈگەيدۇ. كونىلارمۇ شۇنداق ئىيتقان......
ئەڭ ياخشىسى سىزنى چىن يۈرۈكىڭىزدىن شادلاندۇرۇپ كۈلدۈرەلەيدىغان كىشىنى
تاللاڭ ھەم قوغلاڭ.
چۈنكى كۈلكە دېگەن ئىللىق قوياش نۇرىغا ئوخشايدۇ.
تۇرمۇشىڭىزدىكى قاراڭغۇ دىلىڭىزنى يورۇتىدۇ.
بىراۋنى خاپا قىلماق بەك ئاسان، ئەمما شادلاندۇرۇپ كۈلدۈرمەك بەكلا تەس.......
بۇ ھەقىقەت
ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىز شۇنداق بىر تاللاشقا دۇچ كەلسىڭىز.......
قانداق قىلىسىز؟
دىل ئارامى


مانا بۈگۈن بىر كۈنمۇ ئۆتۈپ كەتتى. ئۆزۈمنىڭ قانداق بولۇپ قالغانلىقىمنى ئۇقمايمەن؟ نېمىشقىكىن تاڭ
ئىچىمگە بىر تېزگىنەك سېلىپ قويغاندەك، خۇددى بىر تېلىۋىزوردا بىرلا قانال چىققىنىدەك، مەيلى خوشال
بولاي مەيلى خاپا بولاي ۋە ياكى چوڭقۇر خېياللار قاينىمىدا قالاي-كۆڭلۈمدە يەنىلا سېنىڭ پىراقىڭ خۇددى
خەلق مەيدانىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى لەپىلدەپ تۇرغان بايراقتەك قەلبىمدە ھۆكىمىرانلىق قىلاتتى.
مەن مەيلى بىرەر پىشكەنلىككە يولۇقاي ۋە ياكى بىرەر خوشال بولىدىغان ئامەتكە يولۇقاي ئەڭ بالدۇر شۇ خەۋەرلەرنى
ساڭا يەتكۈزۈپ-سەن بىلەن ئورتاق ئۇزاق پىكىرلىشنى، سېنىڭ يۈرەكنى سەگىتىدىغان بۇلاق سۈيىدەك يېقىملىق
ئاۋازىڭنى ئاڭلاشنى بەكمۇ كۆپ ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم. ئىچىمگە تۇتاشقان بۇ ئوت زادى قانداق ئوت؟
مەن ئويلاۋىرىپ بىر ئىشقا ھەيرانمەن؟
ھەرقانچە ئۆكسۈپ يېغلىغان ئادەملەرمۇ يەنە توختايدىكەن، يەنە ھەرقانچە كۈلۈپ تېلىقىپ قالاي دېگەن ئادەملەرمۇ
يەنلا كۈلۈپ توختايدىكەن، بىراق بۇ ياراتقۇچى ئىگىمىز سالغان سېغىنىش ئوتى، بىر سېنى سېغىنىپ تېنىمىز
سوقىۋاتقان ئاجىز يۈرەكنىڭ سېغىنىش ئوتلىرى ھېچ بىر توختايدىغاندەك ئەمەس........
مەن يەنە كۆڭلۈمدە-
( ئاھ- جېنىم، مەن ئۈچۈن بارچە مەۋجۇداتلاردىن ئەۋزەل بولغان كۆزۈمنىڭ قارىسى، يۈرۈكۈمنىڭ پارىسى سېنى
بەك سېغىندىم. مەن ئاشۇ يامغۇر يېغىۋاتقان كوچىدا يالغۇز، يېگانە كېتىپ بارىمەن. ھەتتا يامغۇر بېشىمنى
يۇقىرراق كۆتۈرۈپ قاراشقىمۇ پۇرسەت بەرمەي يېغىۋاتقان شۇ يولدىن سېنىڭ خۇش تەبەسسۇم بىلەن قولۇڭدا كۈنلۈك
كۆتۈرگۈنۈڭچە مەن تەرەپكە قاراپ كېلىشىڭنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن. سېنى ماڭا ئەجەپ مەن ياختۇردىغان نەرسىلەرنى
ئېلىپ كەلمەپتىغۇ؟ يەنە ئەجەپ ئۇزاق ۋاقىتلارنى كەينىمىزگە تاشلاپ ئاران بىر كۆرۈشۈشكە نېسىپ بولغاندا
ماڭا گۈلمۇ ئالغاچ كەلمەپتۇ دېمەيمەن. ماڭا باشقا ھېشقانداق نەرسە كېرەك ئەمەس. ماڭا پەقەت سەنلا بولساڭ
بولدى.
سەن كۈنلۈكنى ماڭا تۇتىمەن دەپ ئاۋارە بولما، بولدى ئۆزۈڭگىلا تۇتقىن، چۈنكى سەن مەندىن موھىم.
مەن ھېچنىمە بولمايمەن، بىراق سەن ئاغىرىپ-تاتىپ قالساڭ سېنىڭ خېزمىتىڭگە تەسىر يېتىدۇ ھەم مېنىڭ
كۆڭلۈم يېرىم بولىدىكەن. مەن سەن ئۈچۈن ئانچە موھىم ئەمەستەك تۇيۇلۇشۇم، ھەتتا مەن بولمىساممۇ سەن
يەنىلا ئېلگىرى قانداق ياشىغان بولساڭ شۇنداق ياشاپ كېتىۋىرىشىڭ، ئۆزۈڭ خالىغان يولۇڭدا خۇددى تايچاقلاردەك
ئاتا-ئاناڭنىڭ ھېمايىسىدە غەمسىز ئەركىلەپ، ئويناپ كېتىۋىرىشىڭ مومكىن، چۈنكى سەن ئائىلەڭلاردىكى
بىر تاللا ئارزۇلۇق كۆز مۇنچاق ئەمەسمۇ؟ بىراق مەن ئۇنداق قىلالمايمەن. سەن مېنىڭ بۇ بەخـتسىزلىككە ئۇچىرغان
ھاياتىمدىكى بىردىن بىر ماڭا مۇھەببەت ۋە قەلىپ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇرالىغان قىز. سەن مېنىڭ بۇ قېسقىغىنا
ھاياتىمدا كەم بولساڭ بولمايدىغان بىر ئەزىز گۆھىرىم. سەن بۇلارنى ھېس قىلالامسەن؟
سېنى بەك بەك بەكلا سېغىدىم..........
دىل ئارامى
مۇھاببەتنىڭ سىرى
پەسلىدىمۇ ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئىللىتىپ ، چىھرىدە تەبەسسۇم ياغدۇرىدۇ . مۇھاببىتىڭىزنى قەدىرلەڭ . قەدىرسىز
مۇھاببەت سىزنى ، مەڭگۈلۈك پۇشايمانغا مەھكۈم قىلىدۇ .
ئەگەر سىز ياخشى كۈرىمەن دەپ قارىسىڭىز ،ھەرگىزمۇ ئىككىلەنمەڭ . چۈنكى سىز ئىككىلەنگەن
ۋاقىتتا ئۇنىڭ سىزدىن كۆڭلى قېلىشى مۇمكىن. مۇھاببەتتە سىز ئالدى بىلەن ئۈزىڭىزگە
ئىشىنىڭ، بولمىسا بىر ئۆمۈر ھېچقانداق ئىشنى بىرباشقا ئېلىپ چقالمايسىز. چۈنكى :ئىشەنىچ
بىرىنچى ئۇرۇندا تۇرىدۇ، نىمىلا ئىش قىلسىڭىز مەن چۇقۇم قىلالايمەن دەپ قىلىڭ. خاتالاشمايسىز،
پەقەت ئۈزىگە ئىشىنىدىغان ئادەملا ھەممە ئىشتا غالىپ كىلىدۇ. ئۈزىگە ئىشەنىچ يوقلار
دائىم مەغلۇپ بۇلىدۇ.

سېنى زادى قاچان كۆرىمەن؟ بۇنى پەقەت ياراتقۇچى ئىگەم ئۆزى بىلىدۇ. قالغىنىغا سەن سەۋەپ قىلىسەن.
شۇنداق ئاسمانغا قارىسام مەندىن شۇنچە يىراق بولغان يولتۇزلار چېغىدا ئۆزىنى كۆرسەتتى، ئەمما سەن
ئۆزۈڭنى ھېچ بىر كۆرسىتەي دېمىدىڭ، سەن مېنى چۈشەنمەمسەن؟ ياكى مېنىڭ ساڭا باغلىغان ئەقىدەمگە
پەقەتلا ئىشەنمەمسەن؟ يۇشۇرۇش دېگەن زادى نېمە مەخسەتتە،نېمە سەۋەپ بىلەن ئىشلىتىدىغان
ۋاستە بىلەمسەن؟ سەن بۇ ئىشلارنى بىلىپ شۇنداق قىلىۋاتامسەن ياكى بىلمەيمۇ؟
مەن ھەرقانچە ئويلاپمۇ قىلۋاتقان ئشلىرىڭنىڭ تېگىگە يېتەلمىدىم......
تەنھا
دىلىم يېغلايدۇ ھەسرەتتە،
پىغانلىق كۈنلەرىم تەنھا.
غېرىپلىق ئېلكىدە كۆڭلۈم،
جۇدالىق تۈنلۈرۈم تەنھا.
سېنى كۈتتۈم بىتاقەتتە،
يولۇقغا تەلمۈرۈپ تەنھا.
ئۈمىد ئۈزمەي خېيال ئىچرە،
سېنى مىڭ كەلتۈرۈپ تەنھا.
يولۇڭغا جۆر بولۇپ كاككۇك،
تۆكۈپ ياش سايرىدى تەنھا.
بىلەمسەن مەن ئامراق يايرىم،
ئاراملىق تاپمىدىم تەنھا.

مۇھەببەت=ئازاپ
ئاھ جېنىم ،مەن دەسلەپ سىنى ئۇچراتىقېنىمدا سەن شۇنچە ئوماق ھەم سۆيۈملۈك ئىدىڭ-،ئەمدىلىكتە شۇنچە سەت كۆرۈمسىز كۆرنىۋاتسەن .

مەن سېنى چۈشەنگەن چىغېمدا قەلبىڭ ئاق قەغەزدەك غۇبارسىز پاك ئىدى- ئەمدىلىكتە قەلبىڭدە بىر مۇنچە داغلارنى كۆرۈۋاتىمەن .

ئاشۇ چاغلاردا سېنى ئۇچىرتىپ قالسام، يۈرۈكۈم دۈپۈلدەپ سوقۇپ كىتەتتى-ئەمدىلىكتە توختاپ قالغاندەك
ھىس قىلىۋاتىمەن.









؟ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم تورداش ياخشمۇسز؟- سۆز قالدۇرۇلغان ۋاقىت :2012 - يىلى 05 - ئاينىڭ 18 - كۈنى سائەت 20 دىن 40 مىنۇت
- ھەسرەت چەكتىم مەيلىمنى بېرىپ،








يانتاق ئالدىم قىزىل گۈل تېرىپ.8888888888888888888888888888888888888888888888888888888888
بۇ ئۆمۈرنى ھەسرەتكە سېلىپ،3333333333333333333333333333333333


يۇقالغىنە يالغان مۇھاببەت
77 - سۆز قالدۇرۇلغان ۋاقىت :2012 - يىلى 02 - ئاينىڭ 19 - كۈنى سائەت 17 دىن 57 مىنۇت

- ئىــــسمـى :
- &ئىبادەت بىلوگى&
- سالاھىتى :
- ئادەتتىكى ئەزا
- دەرىجىسى :

- يېشـــــى :
- 19
- جىنســى :
- خانىم
- چـى چــى :
- 0
- يــــۇرت :
- ئاقسۇ شەھىرى
- تەۋەلىكى :
- ئاقسۇ شەھىرى
- ئـاۋاتلىقى :
- 18784
- بېكەت پۇلى :
- 210
- تورھالىتى :
- يوق
- تىزىملاتقان :
- 16:19 13-08-2010
- پــائــالىيەت :
- 18:34 29-03-2012
- باش بەت قىلىۋېلىش
- ساقلىۋېلىش
- دوسىتقا قوشۇش
- ئۇچۇر يوللاش
ياخشى بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ سالامەتلىكىڭىزگە كۆڭۈل بۆلۈڭ






























