ناخشىلىرىم
خاتىرىلىرىم
شــېـــرنـــــچــــــۇش بـــــېـــــلــــــوگــــې
2011/10/21

 

مۇھەببەتنىڭ قۇلى بۇلۇپ قالماڭ.


سىزنىڭ خىزمىتىڭىز ،تاشقى قىياپىتىڭىز ئۇنىڭ ھەقىقىي ياخشى كۆرۈشىمۇ

ياكى سىزنىڭ ئادىمىلىگىڭىز ئۇنىڭ ھەقىقىي تاللىشىمۇ؟
بىلىڭكى، سىزنى ئاي دېگەن كىشى يەنە باشقا بىرىنى كۈن دىيىشىمۇ مۇمكىن.

سىزنى جېنىم دىگەن كىشى باشقا بىرىنى ھاياتىم،بارلىغىم  دىيىشىمۇ مۇمكىن.

كۆڭلىڭىز يېرىم بولغاندا قاتتىق ئويلىنىڭ،ئاچچىققا ھاي بېرىڭ،سەۋرچان بولۇڭ.

بولمىسا جۇشقۇن مۇزىكىلارنى ئاڭلاپ، كۆڭلىڭىزنىڭ داۋالغۇسىنى بېسىڭ.

پەقەت بولمىغاندا ئاۋازىڭىزنى قويىۋېتىپ قاتتىق يىغلاڭ.

شۇنىڭدا كەيپىياتىڭىز بىر ئاز بولسىمۇ تەڭشىلىدۇ.

يۈرەك ئازاۋى يەڭگىللەنگەندىن كېيىن چىقىرىلغان يەكۈن بىرقەدەر ئورۇنلۇق بولىدۇ.

ياخشى كۆرگەن ئادىمىڭىز سىزنىڭ ئويلىغان يېرىڭىزدىن چىقماي قالغاندا،

ھەممە ئىشنى ئاخىرلاشتى دەپ كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ.كۆپ ھاللاردا،

بۇرۇنغا يىگەندىن كېيىنلا ئادەم ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى ھەقىقىي

چۈشۈنۈش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر بولالايدۇ ھەم

چۈشۈنۈپ يېتەلەيدۇ.
  •  

     

 

مۇخەببەت

    مۇھەببەت بىلەن ئازاب بىر ئانىدىن تۇغۇلغان قوشكېزەكلەر بولۇپ ، نەگىلا بارسا بىر – بىرىدىن ئايرىلمايدىكەن . ئۇلار ۋايىغا يېتىپ ئىنسانلار ئارىسغا قوشۇلغاندىن كېيىن كىشىلەر مۇھەببەتنى قىزغىن قارشى ئاپتۇ . ئەمما ئازابتىن ئۆزىنى ئېلىپ قېچىپتۇ . بۇنىڭدىن ئازابنىڭ كۆڭلى تولىمۇ يېرىم بوپتۇ .

بىر كۈنى ئازاب بىلەن مۇھەببەت بىر تويغا بارماقچى بوپتۇ . ئازاب مۇھەببەتكە قاراپ :

    - نەگىلا بارساق كىشىلەر سېنى قىزغىن قارشى ئېلىپ ، ماڭا سوغۇق مۇئامىلە قىلىدىكەن ، بۇ قېتىم سەن ماڭا چىرايىڭنى بېرىپ تۇرساڭ ، - دەپتۇ .

    مۇھەببەت ئىككىلەنمەيلا ئۇنىڭغا ئۆز چىرايىنى بېرىپ تۇرۇپتۇ . ئەمما تويغا بېرىپ كەلگەندىن كېيىن ئازاب مۇھەببەتنىڭ چىرايىنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەرمەپتۇ . شۇنىڭدىن ئېتىبارەن كىشىلەر مۇھەببەت بىلەن ئازابنى ئالماشتۇرۇپ قويىدىغان بولۇپ قاپتۇ . شۇڭا كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ مۇھەببەت دەپ قىلغان ئەقىدىسى ئازابنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن . ئەكسىچە ، قەلبى دۇنيانىڭ غەم – قايغۇلىرى بىلەن تولغاندا بولسا مۇھەببەت ئۆزىنىڭ ئىللىقلىقى بىلەن كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىدىكەن .

    شۇنداق ، ئەمەلىي تۇرمۇشتىمۇ كىشىلەر مۇھەببەتلەشكەندە چىرايغا قاراپلا ئۆزىگە بىر تالاي ئازابلارنى تېپىۋالىدۇ . ئەمما بەزى كىشىلەر مۇھەببەتكە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ ، چىرايغا ئەمەس قەلبىگە سىنچىلاپ قاراپ ، ئۇنىڭدىن ھەقىقىي مۇھەببەتنى بايقىۋالالايدۇ . شۇڭا دوستۇم سىزمۇ مۇھەببەتلەشكەندە دىققەت قىلىڭكى ، چىراي گۈزەللىكى بىر نىقاپ ، قەلب گۈزەللىكى بولسا ئۇنىڭ ئارقىسدىكى ھەقىقىي مۇھەببەتلىك دۇنيادۇر .

 

دوستلىرىم
رەسىملىرىم
سۆز قالدۇرۇش
ۋەلەيكۇم ئەسسالام كانداك ياخشېمۇ؟ سېزنېگمۇ ېشلېرگېزگە ئوگۇشلۇك تېلەيما يوكلاپ كەلگېنېگېزگە رەخمەتخوش ئاللاگا ئامانەت
سۆز قالدۇرۇلغان ۋاقىت :2012 - يىلى 05 - ئاينىڭ 21 - كۈنى سائەت 23 دىن 34 مىنۇت
سۆز قالدۇرۇلغان ۋاقىت :2012 - يىلى 05 - ئاينىڭ 21 - كۈنى سائەت 23 دىن 02 مىنۇت
سۆز قالدۇرۇلغان ۋاقىت :2012 - يىلى 05 - ئاينىڭ 21 - كۈنى سائەت 22 دىن 49 مىنۇت
سۆز قالدۇرۇلغان ۋاقىت :2012 - يىلى 05 - ئاينىڭ 21 - كۈنى سائەت 22 دىن 23 مىنۇت

يۇشۇرۇش ھالەتتە قالدۇرۇلغان سۆز

كۆرۈش ئۇسۇلى : سېستىمىغا كىرىش نى چىكىپ قالدۇرۇلغان سۆزلەر نى چىكىش
سۆز قالدۇرۇلغان ۋاقىت :2012 - يىلى 05 - ئاينىڭ 21 - كۈنى سائەت 22 دىن 04 مىنۇت
قىسقىچە ماتىريالىم
ئىــــسمـى :
شــرنـــچـــۇش بىلوگى
سالاھىتى :
ئالاھىدە ئەزا
دەرىجىسى :
25
يېشـــــى :
21
جىنســى :
ئەپەندىم
چـى چــى :
1239153860
يــــۇرت :
خوتەن ۋىلايىتى
تەۋەلىكى :
گۇما ناھىيىسى
ئـاۋاتلىقى :
411788
بېكەت پۇلى :
1720
تورھالىتى :
يوق
تىزىملاتقان :
18:24 09-08-2010
پــائــالىيەت :
22:28 21-05-2012
باش بەت قىلىۋېلىش
ساقلىۋېلىش
دوسىتقا قوشۇش
ئۇچۇر يوللاش
تەۋسىيە قىلىنغان ئەزالار
بېكەت ئۇقتۇرىشى
ھەر كۈنى كەچ سائەت 11 دىن ئەتە ئەتتىگەن سائەت 5 كىچە بولغان ئارلىقتا پائالىيەت قىلىش چەكلەندى
ياخشى بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ سالامەتلىكىڭىزگە كۆڭۈل بۆلۈڭ
زىيارەتچىلەر