- شېئىرلار
- 2011/12/08




































![]()

![]()
![]()






























































كۈتۈش
قېتىپ قالدى كىرپىكىمدە قار ،
ساقلاپ سىنى خىلۋەت دوقمۇشتا .
قەلبىمدىكى سۆيگۈ يالقۇنى ،
پەرۋاز قىلىپ چەكسىز بۇشلۇقتا .
ياغماقتا قارلەپىلدەپ ئاستا ،
كائىناتقا كىيدۈرۈپ لىباس .
تۇنجى قاردىن كۆمۈلگەن تۇپراق ،
قوزغىماقتا قەلبىمدە قىقاس .
جۆر بولماقتا سۆيگۈگە بۈگۈن ،
ئاق لىباسنى كىيگەن كائىنات .
كېيىنەيلى بىزمۇ ئاق قاردىن ،
سۆيگۈ بىلەن ياشنىسۇن ھاتات .
پارچىلار
كۈندە يۈرەر ئاشۇ يىگىت كەينىڭدە ،
ساراڭمۇ بوپ قالغۇدەك سۆيگۈ دەردىڭدە .
بۇنچىۋالا قىينىمىغىن ئەي قىز سەن ئۇنى ،
دورا كار قىلماس سەندىن باشقا بۇ شەھرىڭدە .
**********************************
ئاشۇ يىگىت ھەردەقىقە ئەسلىدى سىنى ،
ناخشىسىدا كىچە-كۈندۈز كۈيلىدى سىنى .
بەختىڭ ئۈچۈن ھەر جاپاغا تۇردى ئۇ تەييار ،
زەپەر قۇچۇپ كۆكتە ئۇچسۇن دەيدۇ ئۇ سىنى .
*************************************
نىچۈن سەن بىلەن تۇنۇشتۇم دىلبەر ،
نە سەۋەب بىز ئايرىلىپ كەتتۇق .
ياپيىشىل چىمەنلەر ئاراسىدىن ،
نە ۋىسال نە ئارمانغا يەتتۇق .
*****************************************
پەرھات- شىرىن تاھىر-زۆھرەلەر ،
ھەر جاپاغا ئەگمىگەندى باش .
بىز مۇشۇنداق ئەركىن زاماندا ،
مۇھەببەتتىن تۆكىمىزمۇ ياش .
*****************************************
زىنداندىكى يۈرەك
مەن سىنى چىن دىلدىن سۆيگەچكە نىگار ،
ھەر مىنۇت ھەر سىكنۇت كۆيەتتىم ساڭا .
نە قىلىلاي ئەمدى مەن ئامالىم قانچە ،
پەقەتلا چىن دىلدىن كۆيمىسەڭ ماڭا .
ماڭدىم مەن ئارقاڭدىن تەلمۈرۈپ ئاڭا ،
قەلبىمدىكى ئازاپنى ئىيتالماي ساڭا .
ياش ئەگىپ كۆزۈمدىن توۋلىدىم سىنى ،
كىتىپ قالدىڭ قاراپمۇ قويماستىن ماڭا .
شۇ چاغدىكى ھالىمنى نە قىلاي ئەمدى ،
ئارقاڭدىن قاراپلا قالدىمغۇ نىگار .
يۈرۈگۈم ئازاپتىن ئۆرتۈنۈپ كەتتى ،
بۇ ئىشىڭ كۆڭلۈمگە كىلىپ بەكمۇھار .
كۆز ئالدىمدىن سىمايىڭ يىتكەندىن كىيىن ،
تۇردىم مەن ئورنۇمدىن كۆزۈمنى ياشلاپ .
قايىتتىم مەن ئارقامغا قاراپ ئاستا ،
سەن يارنىڭ ئوتلىرى قەلبىمنى داغلاپ .
نىمانچە باغرى تاش رەھىمسىز دۇرسەن ،
يۈرۈگۈم بولدىغۇ لەختە-لەختە قان .
مۇھەببەت مۇشۇنداق بولسىلا نىگار ،
ئۆتەرمەن تەنھالا كەتسىمۇ بۇ جان .
ئەي دىلبىرىم كەلگىن يىنىمغا
ئەي دىلبىرىم كەلگىن يىنىمغا ،
مۇھەببەتلىك باغرىڭنى ئچىپ .
يىڭى يىلغا قىلايلى بەزمە ،
ھەر تەرەپكەخۇشاللىق چىچىپ .
ئەي دىلبىرىم كەلگىن يڭنىمغا ،
قايغۇ ئەلەم بولسۇن خاتىرە .
يىڭى يىلدىن ئالايلى ھۇزۇر ،
يۈرەكلىرىم بولمىسۇن پارە .
ھىجران
تەنھالىق ئىزلىگەن مۇشۇ دەقىقە ،
كۆزلىرىم باقماقتا يىراق-يىراققا .
قەلبىمدىكى ئازاپ ھىجران ياشلىرى ،
چۈشمەكتە مۇڭلىنىپ مۇنبەت تۇپراققا .
نەلەرگە كەتكەنسەن سەن مىنى تاشلاپ ،
سۆيگۈڭگە جۈر قىلىپ مەڭگۈگە مىنى .
ياپيىشىل ياپراقلار سارغايدى بۈگۈن ،
قەلبىدىن سىغىنىپ تاپالماي سىنى .
ئمىنجان تۇرسۇن مەجنۇنى
*******************************
تۇتقىنىڭدا گۈل
تۇرىمەن دەرىزەڭ ئالدىدا بىھۇش ،
سىنىڭدىن قەلبىم ئۆتۈنۈش ئلكىدە .
تۇيۇقسىز نىگارىم چاقىردىڭ مىنى ،
باردىم مەن ئالدىڭغا خۇشال كۈلكىدە .
تەبەسۇم ئىلكىدە خۇش چىراي ئىچىپ ،
تۇتتىڭ سەن قىزىل گۈلدىن بىر جۈپ ماڭا .
ئالدىم مەن قۇلۇڭدىنن ئاۋايلاپ گۈلنى ،
ھاياجاندا ئىيىتتىم رەھمەت ساڭا .
شۇ گۈل مىنى باغلاپ قويدىمۇ ساڭا ،
كىچە-كۈندۈز تەلمۈرۈپ يۈرەرمەن ئاڭا .
گۈلنى بىرىپ كىتىپ قالدىڭغۇ نىگار ،
يا چىن دىلدىن كۆڭلۈڭ بارمىدى ماڭا .
تارتىنماي ئىيتىۋەر قەلىب سۈزۈڭنى ،
بىھۇدە ياشلىما يىغلاپ كۆزۈڭنى .
سەن قانداق تەشنا بولساڭ مەنمۇ شۇنداق ،
ئاڭلايمەن ئولتۇرۇپ نىگار سۆزۈڭنى .
قەلبىمنى ئىيتالماي يۈرەتتىم ساڭا ،
چۈشۈنۈپ قاپ سەنغۇ قەلبىمنى نىگار .
يۈرەكتىن ساڭىلا تەشنا ئىدىم شۇنداق ،
ئاتايمەن قەلبىمنى ساڭىلا زىنھار .
ئمىنجان تۇرسۇن مەجنۇنى ئىجادىيەتلىرى
************************************************
دوستۇمدىن كەلگەن ۋاپا
دوستۇم مىنى ئاپىرىپ چۆلگە ،
تەلۋىلەرچە تاشلىۋەتىغۇ .
شۇنچە سەبىي نادان قەلبىمنى ،
تۇيدۇرماستىن داغىۋەتىغۇ .
ماڭا ھەمراھ بۇلاتتى دوستۇم ،
يىنىمدا پۇل تۇرغاندا كۆپلەپ .
پەقەت قارىماس بولدى ماڭا ،
ئەمدى مەندە قالمىغاچقا نەپ .
سىنى پەقەت چۈشەنمەپتىمەن ،
مىنى شۇنداق قىلدىڭ ۋايرانە .
سىنڭ كۆڭلۈڭ پۇلدىلامىتى ،
دوستۇم بۇلۇپ قالدىم ھەيرانە .
دوستۇم ساڭا ئىيتايمان بىر سۆز ،
دوسقا ھەرگىز قىلما خىيانەت .
دوسلۇق مىھرى چۇڭقۇر مۇھەببەت ،
ياغدۇرما سەن ئۇنىڭغا نەپرەت .
سىنى بۇرۇن چۈشەنگەن بولسام ،
سىنىڭ بىلەن بولماستىم ئۈلپەت .
سەندىن پەقەت كەلمىدى ۋاپا ،
ياغدۇرۇپسەن بىشىمغا كۈلپەت .
مەجنۇنى
**********************************************
ئانامنىڭ ئەجرى ئالدىدا....
جىمجىتلىق ھۈكۈمران ئاشۇدەقىقە ،
ئالغانتى قوينغا ئوي خىيال مىنى .
كۈيۈمچان ئانامنىڭ ئەجرى ئالدىدا ،
ۋىجدانىم سوراققا تاتماقتا مىنى .
چىكىلگەن تاماكا تۈتۈنلىرىدە ،
قايغۇرۇش ھەسرەتتە ئىسلانغان ياتاق.
باقماقتا ھەممىسى ۋەھىمە بىلەن ،
دىگەندەك ئەمدى سىنىڭ ھالىڭ چاتاق .
بالا بەختى ئۈچۈن تىنىمسىز ئىشلەپ ،
دۇنيانىڭ خورلۇقى كۆرمىگەن ئانام .
بىر پىيالە ئىسىق چىيىمنى ئىچمەي ،
كۆز يۇمۇپ كىتىپتۇ ھاياتى تامام .
شۇندىن بىرى غەمكىن ئۆتمەكتە كۈنۈم ،
خۇشاللىق ئىزلىرى قالمىدى ئەسلا .
ئانامنىڭ ئەجرىگە قايتۇرماي جاۋاپ ،
ياشاشنىڭ كىرىكى يوقتۇر پەقەتلا .
(مەجنۇنى)
2004-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى
******************************************************************
- ئەسسالاممۇ ئەلەيكۈم ياخشىمۇ سىز،سىزنى يوقلاپ كەلدىم،،
گۇزەل دىياردا گۇزەل ئارزۇ-ئۇمۇت بەخىت-ئامەت مەڭگۇ سىزگەيار بولسۇن،
سىزگەسالام تور بەتلەر ئېسېل كۆز تەگمىسۇن
سالامەت بولۇڭ - سۆز قالدۇرۇلغان ۋاقىت :2012 - يىلى 05 - ئاينىڭ 05 - كۈنى سائەت 16 دىن 03 مىنۇت

- ئىــــسمـى :
- ئىمىنجان majnun828
- سالاھىتى :
- ئادەتتىكى ئەزا
- دەرىجىسى :

- يېشـــــى :
- 26
- جىنســى :
- ئەپەندىم
- چـى چــى :
- 1525782694
- يــــۇرت :
- قەشقەر ۋىلايىتى
- تەۋەلىكى :
- يېڭى شەھەر ناھىيىسى
- ئـاۋاتلىقى :
- 8301
- بېكەت پۇلى :
- 125
- تورھالىتى :
- يوق
- تىزىملاتقان :
- 20:51 16-11-2011
- پــائــالىيەت :
- 10:58 11-05-2012
- باش بەت قىلىۋېلىش
- ساقلىۋېلىش
- دوسىتقا قوشۇش
- ئۇچۇر يوللاش
ياخشى بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ سالامەتلىكىڭىزگە كۆڭۈل بۆلۈڭ

























