ناخشىلىرىم
خاتىرىلىرىم
تورداشلار كۇلۇبىدىكى قىزلارغا سالام خەت
2011/10/07

كېرىيە دەرياسىنىڭ لاتقىسىدەك ۋەيرانە يۈرۈكۈمدىن چاغاندا ئېتىلغان پوجاڭزىدەك سالام!

ھۆرمەتلىك: كۆزى پولتاي، ئېغىزى دورداي جانانىم: ئايپاتەم

ياخشىمۇسىز؟ كۈنلىرىڭىز ئاران مېڭىۋاتقان تېراكتۇدەك ياخشى كېتىۋاتامدۇ؟ ئىسلىۋەتكەن دوقمۇشتەك سۆرۈن تەلەتىڭىز قەدىر ئەھۋالمۇ؟ يىرتىلىپ كەتكەن كالاچتەك كۈلۈپ يۈرەمسىز ياكى يىغىدىن ماڭقىلىرىڭىز چۇۋۇلۇپ كەتسە ئانىسىنى ئىمىۋاتقان موزايدەك يالاپ يۈرەمسىز؟ بىزدىن ئەھۋال سورىسىڭىز، بىزمۇ بىكارچىلىقتا ئالدىراش يۈرۈيمىز. دەرىسلەرنىڭ ئاسانلىقىدا كىتاپلارنىڭ ئۈستىدىن ئۆزىمىزنى ئېتىۋالغۇدەك بولىۋاتىمىز. مەكتەپ يوللىرىنى كۈندەچىڭداپ، كۆزياشلىرىمىز بىلەن سۇ سېپىۋاتىمىز.

مەقسەتكە كەلسەك: بەئەينى پايتىمىدەك سۆرىلىپ، ئىتقا چاپلاشقان سالجىدەك چاپلىشىۋالغان ھېلىقى مەرەزنى باياتىن ئەسكى چاپاننى چۆرىگەندەك چۆرىۋتكەنىدىم، ئەمدى زېرىكىپ سىزگە خەت يىزىۋاتىمەن. دىسەم دىمىسەم، سىز ئۇنىڭدىن بەش تاپان ئاشسىڭىز ئاشىسىزكىن ھەرگىز ئارقىدا قالمايسىز . سىز بەلكىم يۇندىسىنى ئىت، تۈتۈنىنى بۇلۇت كۆرمەيدىغان بىر پىخسىققۇ دەيمەن. سىزنى ھەردائىم تەسەۋۋۇر قىلسام، كۆزىڭىز ئەلەس، يۈزىڭىز چوقۇر، ئوڭ پۇتىڭىز توكۇر، بۇرنىڭىز پۇچۇق، ئىڭىكىڭىز سوقا، تەقى-تۇرقىڭىز بەئەينى بۇقا، ئىككى مۈرىڭىز بېشىڭىزدىن ئىگىز، كالپۇكىڭىز سىرتقا چىقىپ تۇرغان، ھىڭگاڭ چىشلىرىڭىز بەئەينى بىگىز، يۈزىڭىز يايپاڭ، قۇلىقىڭىز سالپاڭ، ئۆزىڭىز ئۆتۈپ كەتكەن ھورۇن ھەم گالۋاڭ. كۆزىڭىزدىن ياش، ئېغىزىڭىزدىن شۆلگەي كەم بولمايدىغان، بۇنى ئاز دەپ گەپ قىلغاندا كېكەچلەيدىغان، ئامىرىكا، ئەنگىلىيە، ياۋرۇپانىڭ داڭلىق پوشكىلىنىڭ قېتىقا يۆگەپ چوڭ يولغا تاشلاپ قويسا، كوچىدىكى لالما ئىتمۇ پۇراپ قويمايدىغان مۇبارەك تېنىڭىز ھىدرو – سۇلفىتتىنمۇ ئۆتە پۇرايدىغان قىياپىتىڭىز، ئىسسىق تېنىمدىن مۇزدەڭ تەرلەرنى ئاققۇزۇپ، پاھ دېگەن ھالدا ئاھ دەپ كۆيدۈرىدۇ. ئوتىڭىزدا گۈلخان ، دەردىڭىزدە دەريا بولۇپ، كېچىلىرى سىز بىلەن سامان يولىدا يۈرۈپ چۈشەيدىغان بولۇپ قالدىم. سىزگە كۆيۈش ئەھدىمدۇر، سىزنى سۆيۈش پەخرىمدۇ. سىز بىلەن دىدارلىشىپ مەخپى بىرگە ئۆتۈش ئارمىنىمدۇ. ئەگەر قوشۇلسىڭىز، جالدۇر-جۇلدۇر ئاشخانامنى تەڭ ئاچاتتۇق. قەلەندەرلەر تاۋىقىدا بىرگە تاماق يەيتۇق. ئېشىپ قالغان تاماقلارنى بېرىپ بولسىمۇ، سىزگە ياخشى قارايتىم. كۆمۈر تارتالمىغان پويىزدەك ئاۋازىڭىز بىلەن خېرىدار چاقىرىپ بەرسىڭىز، سۆيۈنچە ئۈچۈن گىلدىڭ باشلار دېسكو خانىسىغا ئاپىرىپ، تېكىدەك سەكرىتىپ، بەش مىنۇت ئوينىتىپ كېلەتتىم. قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، ئۈزۈپ تاشلاپ گاڭپەن قىلىپ بېرەتتىم. سىزنى رازى قىلاتتىم. بولامدۇ قانداق؟ ئويلىشىپ باقامسىز؟

جاۋابىڭىزنى تىرنىقىمنى چىشلەپ ، قوللىرىمنى غاجاپ تۆت-بەش كۆزۈم بىلەن كۈتىمەن. نا ئۈمىتتە قويمىغايسىز.

سىزگە يوشۇرۇن كۆيۈپ يۈرگۈچى: ….قېنى دەڭە مەن كىم؟

دوستلىرىم
رەسىملىرىم
سۆز قالدۇرۇش
سۆز قالدۇرۇلغان ۋاقىت :2012 - يىلى 02 - ئاينىڭ 02 - كۈنى سائەت 22 دىن 49 مىنۇت
ياخشىمۇسىز دۇستۇم

كەپ تۇرۇڭ بېېز تەرەپلەگە

سۆز قالدۇرۇلغان ۋاقىت :2012 - يىلى 01 - ئاينىڭ 26 - كۈنى سائەت 14 دىن 32 مىنۇت
سۆز قالدۇرۇلغان ۋاقىت :2012 - يىلى 01 - ئاينىڭ 24 - كۈنى سائەت 23 دىن 20 مىنۇت
سۆز قالدۇرۇلغان ۋاقىت :2012 - يىلى 01 - ئاينىڭ 21 - كۈنى سائەت 20 دىن 18 مىنۇت
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ....
قانداق ئەھۋالىڭىز دوستۇم سىزنى يوقلاپ كەلدىم
سۆز قالدۇرۇلغان ۋاقىت :2012 - يىلى 01 - ئاينىڭ 02 - كۈنى سائەت 20 دىن 08 مىنۇت
قىسقىچە ماتىريالىم
ئىــــسمـى :
ياخشى ئۇكاش
سالاھىتى :
ئالاھىدە ئەزا
دەرىجىسى :
22
يېشـــــى :
25
جىنســى :
ئەپەندىم
چـى چــى :
860638080
يــــۇرت :
خوتەن ۋىلايىتى
تەۋەلىكى :
كېرىيە ناھىيىسى
ئـاۋاتلىقى :
59462
بېكەت پۇلى :
160
تورھالىتى :
يوق
تىزىملاتقان :
23:44 31-07-2010
پــائــالىيەت :
19:55 01-12-2011
باش بەت قىلىۋېلىش
ساقلىۋېلىش
دوسىتقا قوشۇش
ئۇچۇر يوللاش
تەۋسىيە قىلىنغان ئەزالار
بېكەت ئۇقتۇرىشى
ھەر كۈنى كەچ سائەت 11 دىن ئەتە ئەتتىگەن سائەت 5 كىچە بولغان ئارلىقتا پائالىيەت قىلىش چەكلەندى
ياخشى بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ سالامەتلىكىڭىزگە كۆڭۈل بۆلۈڭ
زىيارەتچىلەر