- ئازاپ
- 2010/10/28
ياڭزا بولسا مەندىن ئىسىل ياشا ھاراملىق كوچۈرۈشمە



































مودا قىز
قانداق قىلاي پەرەڭلەردەك چاچلىرىڭنى ،
يۆتكەپ سىزىپ ،چېكىۋاپسەن قاشلىرىڭنى،
ئەرۋاھلاردەك بويىۋاپسەن كۆزلىرىڭنى،
تەبئىيلىكتىن ئايرىۋەتتىڭ يۈزلىرىڭنى ،
تاقىتىم يوق ئاڭلىغىلى سۆزلىرىڭنى .

تىرنىقىڭنى ئالۋاستىدەك بويىۋاپسەن،
تار ئىشتاننى ، كەپلەپ قىستاپ كىيىۋاپسەن ،
مەيدە يەنە كىندىكىڭنى ئېچىۋاپسەن ،
شۇ تۇرقىڭدا كوچىلاردا ئۇيالماسەن ،
ئەخلاقىغا كېسەل تەككەن ھەي مودا قىز

مەتۇ دەپسەن چىمەن دوپپا، ئەتلىسىڭنى ،
ئۇنتۇپ كەتتىڭ مىللىتىڭنى ، كىملىكىڭنى،
يوقاتتىڭ سەن سەبئىيلىكىڭ ،پاكلىقىڭنى ،
خىرۇستالدەك بېغۇبار ھەم ئاقىلىقىڭنى ،
ئار-نۇمۇسنى ئۇنتۇپ كەتكەن ھەي مودا قىز،

ئىچىپ پىۋا، قىزىل ھاراق ، ئاق ھاراقنى،
بۇلغىۋەتتىڭ ئېتقادىڭ، ئىمانىڭنى،
تۇتۇپ قالدىڭ ياتىقىڭدا يىگىتلەرنى ،
ئوقىغانمۇ بىرەر قارى نىكاھىڭنى ،
ئەجدادىدىن تېنىپ كەتكەن ھەي مودا قىز.

ئاتا-ئاناڭ تۇققانمىتى چوڭ كوچىغا ،
يا كى دىبا قاۋاقخانا ، مەيخانىغا ،
چىۋىن ئامراق نىجاسەتنىڭ سېسىقىغا،
يارىمايسەن يىگىتلەرنىڭ سەر خىلىغا،
يىڭنە چاغلىق قىممتى يوق ھەي مودا قىز.

ئەل جامائەت توۋا دېيىشىپ ياقا تۇتتى ،
بىر-بىرىگە پىچىرلىشىپ كۆز قىسىشتى،
پاناھ بېرىڭ بۇنداق قىزدىن دەپ كۈلۈشتى ،
شۇ بىگۇناھ ئانىسىغا سەت قاراشتى،
ئاتا قەددى ئىگىۋەتكەن ھەي مودا قىز.

ئۇيغۇر قىزى پەرىلەردەك گۈل يۈز ئىدى ،
ياندىن ئۆتسەڭ گۈپىلدەيتى ئىپار ھېدى ،
كەشتە تىكەر ،تاماق ئېتەر ئىشچان قولى ،
يۈرەكلەرگە ئوتنى ياقار پەزىلتى ،
شەرمى-ھايا، ئار-نۇمۇسلۇق ھەي چىۋەر قىز .

ئەتلەس كۆينەك ،چىمەن دوپپا ياراشقانتى ،
چوڭ-كىچىكلەر ھەۋەس بىلەن قاراشقانتى ،
كېلىن قىلاي دەپ ئانىلار تالاشقانتى ،
ئىشقى بىلەن شوخ يىگىتلەر ماراشقانتى،
قىز خىسلىتى شۇنداق بولۇر ھەي مودا قىز.

بىلسەڭ ئەگەر يىگىت كۆيەر ناز-خۇلقىغا ،
قىزغا لايىق پاك جىسمىغا، ئەخلاقىغا،
زەپ ئۇياتچان ، پەرى سۈپەت جامالىغا،
پاك مۇھەببەت ، ئەقىدىسى ، ۋاپاسىغا،
بەس! ئەسلىڭنى تېپىۋالغىن ھەي مودا قىز.


سېنى دىلىمدىن سۆيگۈنىم گۇناھ ئەمەس ، بەلكى سۆيگەن تۇرۇقلۇق ۋىسالىڭغا ئىنتىلمىگىنىم ئازاب بولدى

كۆز ئالدىمدا تۇرساڭمۇ ، ساڭا تىكىلىپ قارىيالمايمەن ،يىراقتا تۇرۇپ ساڭا تەلمۈرۈپ قارايمەن ،سېنىڭ ھەركىتىڭنى ئوغۇرلۇقچە كۈزىتىپ تۇرىمەن .



تىلەيدىغان يۈرىكىمنى بوغچىڭىزغا ئۈن-تۈنسىز سېلىپ قويۇپ، ئۇنى سىز بىلەن بىللە ماڭغۇزىمەن.
مەنبە زىلتاش مۇنبىرى

ھەي قىزچاق نىمە ئۈچۈنكىن تاڭ ھېچ بىلمدىم بىز ئادىيلا سەۋەپسىز ئايرىلدۇق.سەن كەتتىڭ مەن بىلەن خوشللايشمايلا كىتىپ قالدىڭ...لىكىن مەن سەندىن رەنجىمدىم .پەقەت بىزنىڭ ئىلگىركى كۈنلىرمىز شىرىن قەلبىمىزگە تولغان ئارزۇ ئىستەك ئارمانلىرمىز مانا ئەمدى ئۆتمىشكە ئايلىنىپتۇ ..ئۇ گۈزەل چاغلار سېنىڭ ئالدىڭدا ھېچنىمگە ئەرزىمەس بۇپ قالغان ئوخشايدۇ .سېنىڭ ئالدىڭدا ئەمدى ئۇ كۈنلەر كىلشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەسكەن ئۇ خۇشاللىق كۈنلەر پەقەت مەن ئۈچۈن ئەسلەشكە قالغان ئوخشايدۇ خالاس.مەن رەنجىمدىم......ئەمدى ھەم رەنجىشكە ھەقلىقمۇ ئەمەسمەن چۈنكى سىنىڭ ماڭا قەلبىڭدە ئازراقمۇ ئۇرۇن يوق ئىدى .سەن كەتتىڭ تىنىقلىرىڭنى تىنىقلىرىمدىن مۇڭلۇق كۈيلىرىڭنى دىلىمدىن ،خۇمار كۆزلىرىڭنى كۆزلىرىمدىن تىرىك تۇرۇپ ئولگەن مۇھابىتىڭنى قەلبىمدىن ئېلىپ كەتتىڭ بىراق بىرلا نەرسنى ئۇنتۇپ قالدىڭ ئۇ بولسىمۇ مەندىكى بىر ئۇچۇر ئازاپ مەن گەرچە سېنىڭدىن غېربانە ئايرىلغان بولسامۇ يەنلا ساڭا بەخت تىلەيمەن ..ئەڭ ئاخردا سەندىن شۇنى ئۈتۈنمەنكى سەن بۇ ئۆمرىڭدە ۋىجدانلىق غۇرورلۇق بىلەن ياشا..سەن ھېچكىمنىڭ ئالدىغا سويگۈ تىلەپ بارما ئەمما ئۈزۈڭ ئىرىشكەن سويگۈ مۇھابىتىڭنى ئۆمۈر بۇيى قەدىرلە...

ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﻨﯩﯖﻼ ﺑﻮلغۇم ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ
بىر سىنى مەڭگۇگە سۆيگۈم بار ئىدى،
بىر سىنى مىھماندەك كۈتكۈم بار ئىدى
بىر سىنىڭ .ئىشقىڭدا كۆيگۈم بار ئىدى،
بىر سىنىڭ ئىلكىڭگەئۆتكۈم بار ئىدى.
بىر سىنىڭ يىنىڭدا تۇرغۇم بار ئىدى،
بىر سىنىڭ مىھرىڭدە كۈلگۈم بار ئىدى.

ئازاپقا يولۇقساڭ سەن ئۇچۇن يىغلاپ
شاتلىقتا سۇيۇنسەڭ كۇلۇپ قاقاقلاپ.
كەتسەڭ گەر يىراققا ئۈمۈدۈڭنى ئاقلاپ،
ۋەدەمدە تۇرىمەن بىر ئۆمۈر ساقلاپ.
پەقەت سەن كەتمىسەڭ مېنىلا تاشلاپ ،
بىر سىنىڭ بىغىڭغا ئۈنگۈم بار ئىدى

مەندە بار سەن ئۈچۈن كۈيەرگە يۇرەك ،
مەندە بار سەن ئۈچۈن ئەڭ ئالىي تىلەك.
مەندە بار تەۋرىسەڭ يۆلەرگە تېرەك ،
مەندە بار بىر بۇلاق سۇلىرى ئەلۋەك.
مەندە بار ئۇمۇرۇڭگەيەتكىدەك بېزەك ،
مەندە بار بىر ئارزۇ پەقەتلا سەن كىرەك.
بىر سىنىڭ ئامىرىقىڭ بولغۇم بار ئىدى

بىلمەيمەن سىنىڭسىز قانداق ياشاشنى،
ئويلايتتىم سەن ئۈچۈن جاننى ئاتاشنى.
بىلمەسمەن رىسىقىڭغا قارا ساناشنى،
بىلەمسەن سەنمۇ ھەم كۆڭلۈمنى ئاياشنى
بىلگەيسەن كۆزۈمگە ئوتلۇق قاراشنى ،
بىر سىنىڭ بارلىقىڭ بولغۇم بار ئىدى .

بىر سىنىڭ ئىشقىڭدائوت بۇلۇپ يانسام،
بىر سىنىڭ باغرىڭغا باغرىمنى تاڭسام،
بىر سىنىڭ ۋەسلىڭنى كوزلەپ ياشىسام،
بىر سىنىڭ يولۇڭغا پايانداز سالسام.
بىر سىنىڭ ساياڭدەك يېنىڭدا قالسام،
سەن بىلەن جەننەتكە بارغۇم بار ئىدى.
ئەسلى ئاپتورى مەرھابا مەنبەپەرىشتەم مۇنبىرى

مۇھەببەت شەرتلىرى
ئالدىراقسانلىق قىلماڭ،ئەڭ ياخشىسى -دائىم دىققەتسىزلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ.
دائىم ئەستايىدىل بولۇشقا تىرىشىڭ.
ئۇ سىزنىڭ ياش تۈكىشىڭىزگە ئەرزىمەيدۇ، ئەرزىيدىغان ئادەم ھەرگىز
سىزنى ياش تۆكتۈرمەيدۇ.ئۆزىڭىزنى بىھۇدە ئۇپراتماڭ.ھىسىياتىڭىزنى تىزگىنلەشكە ماھىر بولۇڭ.
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ.

ئەڭ قەدىرلەيدىغان ئادىمىڭىزدىن ئايرىلغاندا، ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىزنى تاشلىۋەتمەڭ،
بۇ پەقەت ئۆتكۈنچى دەۋر.يامغۇردىن كېيىن ھاۋا ھامان ئېچىلىدۇ.
قۇياشمۇ پارلاپ چىقىدۇ.
سىز بىلەن ئۆمۈرلۈك ھەمرا بولۇشنى خالىمايدىغان ئادەم بىلەن چەك-چىگرىڭىزنى
بالدۇرراق ئايرىڭ.قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى ۋە ياشلىغىڭىزنى
بىھۇدە ئىسراپ قىلماڭ.
سىز ياخشى كۆرگەن ئادىمىڭىز- سىز ئۇنى ياخشى كۆرگەندەك ،سىزنى ياخشى كۆرەمدۇ؟
ھىسىياتقا بېرىلىپ كەتمەي ، ئىچكىرلەپ ئويلىنىپ كۆرۈڭ.

مۇھەببەتنىڭ قۇلى بۇلۇپ قالماڭ.
سىزنىڭ خىزمىتىڭىز ،تاشقى قىياپىتىڭىز ئۇنىڭ ھەقىقىي ياخشى كۆرۈشىمۇ
ياكى سىزنىڭ ئادىمىلىگىڭىز ئۇنىڭ ھەقىقىي تاللىشىمۇ؟
بىلىڭكى، سىزنى ئاي دېگەن كىشى يەنە باشقا بىرىنى كۈن دىيىشىمۇ مۇمكىن.
سىزنى جېنىم دىگەن كىشى باشقا بىرىنى ھاياتىم،بارلىغىم دىيىشىمۇ مۇمكىن.
كۆڭلىڭىز يېرىم بولغاندا قاتتىق ئويلىنىڭ،ئاچچىققا ھاي بېرىڭ،سەۋرچان بولۇڭ.
بولمىسا جۇشقۇن مۇزىكىلارنى ئاڭلاپ، كۆڭلىڭىزنىڭ داۋالغۇسىنى بېسىڭ.
پەقەت بولمىغاندا ئاۋازىڭىزنى قويىۋېتىپ قاتتىق يىغلاڭ.
شۇنىڭدا كەيپىياتىڭىز بىر ئاز بولسىمۇ تەڭشىلىدۇ.
يۈرەك ئازاۋى يەڭگىللەنگەندىن كېيىن چىقىرىلغان يەكۈن بىرقەدەر ئورۇنلۇق بولىدۇ.
ياخشى كۆرگەن ئادىمىڭىز سىزنىڭ ئويلىغان يېرىڭىزدىن چىقماي قالغاندا،
ھەممە ئىشنى ئاخىرلاشتى دەپ كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ.كۆپ ھاللاردا،
بۇرۇنغا يىگەندىن كېيىنلا ئادەم ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى ھەقىقىي
چۈشۈنۈش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر بولالايدۇ ھەم
چۈشۈنۈپ يېتەلەيدۇ.



مۇشكۇللەرمۇ توسالمىغان بىزدەك جۇپلەرنى.
تاپتىڭمۇ يۇز ئۆرۇپ مەندىن باشقىنى،



بىز بىللە ماڭغان ئاشۇ يوللارغا نەزەر سالاتتىم. ئەپسۇس بىزنىڭ نە ئىزلىرىمىزمۇ قالماپتۇ.ئەمما بەرگەن بۇ ئازابىڭ يۇرىگىمنىڭ چوڭقۇر قاتىلىمىدا قارا داغ بولۇپ ساقلىنىپ قالدى خالاس.
يۇرىگىم سېنى ئۇنتۇش ئۇچۇن ئۆكسىمەكتە. ياق ، سىنى يۈرىكىمدىن چىقىرىپ تاشلاش ئۈچۈن تىپىرلىماقتا.بىراق مەن بەك ئاجىز كەلدىم.سېىنى ئۇنتىشقا قايتا-قايتا تىرشساممۇ ئۇنتىليالمىدىم . ئەكىسچە ،يەنە ئەسلەپ قالدىم سىنى ...

چۇشلىرىمگە كىرگىنىڭدە بولسا ساڭا چىڭ ئىسىلىپ يىنىمدىن كەتمەسلىكىڭىنى ئۆتۇنۇپ ساڭا يالۋۇرۇپ كىتمەن.چۇشلىرىمدىن ئويغانغىنىمدا بولسا ماڭا پەقەت كۆز ياشلىرىم ھەمراھ.
مەن يەنىلا ئارقاڭدىن قاراپ قالاي. مەن ساڭا بەخىت تىلەپ قالاي. ھەم مىنىڭ بىردىن بىر قىلالايدىغىنىم شۇلا خلاس.
سەن بەخىتلىك بولساڭلا ، مەن شۇنىڭغا رازى. شۇندىلا كۆڭلىم ئارام تاپىدۇ ھەم كۆڭلىم شۇندىلا بەخىت تۇيغۇسىغا چۇمىدۇ. سەن بەخىتلىك بولساڭلا مەنمۇ ئۆزۇمنى بەختلىك دەيمەن بىلسەڭ !!!



شۇنداق مەن سىنىڭ ئۇچۇن كۈلەلمىدىم،ئەمما بىلىپ قويغۇنكى سىنىڭ باشقىلار ئۈچۈن كۈلگىنىڭدىن،مىنىڭ سەن ئۈچۈن يىغلىغىنىم ناھايتىمۇ كۆپ بىراق سەن بۇنى ھس قىلالمايسەن.

سەن شۇنچىلىك بىپەرۋا سەن،بىلىپ قويكى سەن باشقىلار بىلەن قەيەردە بول،خىيالى ھسلارغا چۇمگەن ۋاقىتلىرىڭدا
مەن ھەرزامان سىنىڭ كەينىڭدە،سىنىڭ قەستىڭدە يۇشۇرۇنچە كۆيۇپ يۇرۋاتىمەن ئەپسۇس سەن بۇنى كۆرەلمەيسەن سىنىڭ ئالدىڭدا تۇرغىنى بولسا باشقىلار ساڭا ئاتا قىلغان شىرىن ھس -تۇيغۇلار خالاس.


سىنىڭ ئۇچۇق-يۇرۇقلۇقىڭ،سىنىڭ ئۇماقلىقىڭ مىنىڭ ئەقلى ھۇشۇمنى ئالغان ئىدى،ساڭا قاراپ كۆزۇم مەس بولغان
يۇرۇگۇم پەقەت سەن ئۈچۈن سۇقۇشقا باشلىغان ئىدى،سىنىڭ بىلەن بىللە بولغان شۇ بەخىتىلك مىنۇتلارنى مەڭگۇ ئەسلەيمەن. بىراق بۇ خىل ئەسلىمە سەندە بارمۇ-يوق بۇنى بىلمەيمەن.

بۇنى قانداق چۇشىنەي ئەمدى.سىنىڭ بۇ ماڭا كۆز-كۆز قىلغىنىڭمۇ ياكى باشقا بىر سەۋەپمۇ بارمۇ؟ ياق ياق ياق
سىنىڭ بۇ كۆز-كۆز قىلغىنىڭ مىنى مەسخىرە قىلغىنىڭ مىنىڭدەك سۆيگۇسىز قالغان بىرسىگە قىلغان ھاقارىتىڭ ،
مەن سىنىڭ ئاشۇ مىنۇتلاردا زادى نىملەرنى ئويلاپ شۇنداق كۈلگىنىڭنى بەكلا بىلگۇم بار...

ساڭا باغلانغان رىشتىمگە لەنەتلەر بولسۇن.....

ياق. ئەمدى ساڭا بۇنداق پۇرسەت يوق.ھەم ساڭا بۇنداق پۇرسەتنى بەرمەيمەن.چۇنكى مەن سىنڭ ئەمدى بۇ ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرۇپ كۈلگەن چىرايىڭنى ئەمەس ،يىغلىغان،مۇڭ باسقان ،غەم باسقان چىرايىڭنى ۋە ئەسلىڭنى كۆرۋاتىمەن....ئەپسۇس سەن مىنىڭ مۇشۇ پەيتلەردە سىنىڭ ئارقاڭدا تۇرۇپ تۇختىماستىن كۈلۋاتقانلىغىمنى سەن ھس قىلىمىدىڭدە.....

ياق.ياق.ياق. سەن مىنىڭ ساڭا شۇنداق بىر كۈنلەر كىلىپ قۇلۇمغا گۈل ئىلىپ ساڭا تۇتۇشىمنى ئەمدى ئۈمىد قىلما چۇنكى سەن ئاللىقاچان بىراۋلارنىڭ تىكىنى بار ئەتىر گۈللىرىگە كۈمۇلۇپ تۇنجۇقۇپ بولدىڭ. ئەمدى بۇ ھسلارنى مەن ئىزلىمە.مەندىن كۈتمە مۇشۇ تاپنىڭ ئۆزىدە مەن سىنىڭ شۇ تۇنجۇققان ھالەتلىرىڭنى كۆرۇپ بىشىڭدا قاراپ تاماششا قىلۋاتقانلىغىمنى سەن بىلمەيسەن بەلكىم.

بىراق سەن ئاشۇ مىنۇتلاردا كىملەرگىدۇ جۇر بولۇپ شىرىن ھسلارغا چۆمگەن ،شىرىن ھسلارنىڭ پەيزىنى سۆرگەن ئىدىڭ.سىنىڭ بۇنداق چاغلاردا نە مىنى ئەسلىشىڭ نە مىنى ئويلىشىڭ مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

بىراق ئەسلىگە كەلمەيدۇ،
بۇ خىل ھسياتتىن ئەمدىلىكتە سۆز ئىچىش مۇمكىن ئەمەس، چۇنكى سىنى بىراۋ تاشلىدى.سەن مىنى ،ئەسلىڭنى تاشلىدىڭ.ئەمدى سىنى قۇتقۇزۇش مۇمكىن ئەمەس.يۇر شۇ قاۋاقلارغا.....يۇللىرىڭغا مەرھابا ئۇتۇق تىلەيمەن.
ساڭا بىردىنبىر ھەمراھ بولىدىغان.ھەم ھەمراھ بۇلالايدىغان ئىش پەقەت پۇشايمان يىغىسى.نادامەت يىغىسى.
بەلكىم مۇشۇنداق قىلساڭ ئورنۇڭدىن دەس تۇرغاندا ئۆزۇڭ ئۇچۇن يىغلىغانلارغا تەسەللى بىرىشنى بىلىۋالارسەن.
شۇنىڭلىق بىلەن بەلكىم ئۆتكەن كۈنلىرىڭگە خاتىمە بىرىلىپ ھازىرىقى كۈنلىرىڭگە تەسەللى تىپىپ قالارسەن.
بىراق سەن شۇنى ھس قىلالامسەن يوق بۇنى بىلمەيمەن.
خەيرى.ئامان بول
ياڭزا بولسا مەندىن ئىسىل ياشا ھاراملىق كوچۈرۈشمە
ياڭزا بولسا مەندىن ئىسىل ياشا ھاراملىق كوچۈرۈشمە



ياڭزا بولسا مەندىن ئىسىل ياشا ھاراملىق كوچۈرۈشمە
- ئالو بامۇ يە





- سۆز قالدۇرۇلغان ۋاقىت :2012 - يىلى 05 - ئاينىڭ 12 - كۈنى سائەت 20 دىن 05 مىنۇت
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستۇم سىزنى يوقلاپ كەلدىم قانداق ياخشى تۇرۋاتقانسىز؟؟ سىزگە مەڭگۈ بەخىت-ئامەت ياربولسۇن ئامان بولۇڭ

مەن تەرەپكىمۇ ئۆتەرسىز - سۆز قالدۇرۇلغان ۋاقىت :2012 - يىلى 04 - ئاينىڭ 23 - كۈنى سائەت 00 دىن 30 مىنۇت

- ئىــــسمـى :
- ㄣجاھانگىرㄣ
- سالاھىتى :
- ئادەتتىكى ئەزا
- دەرىجىسى :

- يېشـــــى :
- 22
- جىنســى :
- ئەپەندىم
- چـى چــى :
- 849919210
- يــــۇرت :
- ئۈرۈمچى
- تەۋەلىكى :
- سايباغ رايۇنى
- ئـاۋاتلىقى :
- 34018
- بېكەت پۇلى :
- 695
- تورھالىتى :
- يوق
- تىزىملاتقان :
- 14:05 30-07-2010
- پــائــالىيەت :
- 19:39 12-05-2012
- باش بەت قىلىۋېلىش
- ساقلىۋېلىش
- دوسىتقا قوشۇش
- ئۇچۇر يوللاش
ياخشى بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ سالامەتلىكىڭىزگە كۆڭۈل بۆلۈڭ


























































