- مۇھەببەت
- 2010/07/30

مەن سىنى ياخشى كۈرىمەن!لېكىن بۇنى دىيەلمەيمەن، دىسەم ئۈلۈپ كىتىشىمدىن قورقىمەن....
بىراق مەن ئۈلۈمدىن قورقمايمەن.......
مەن ئۈلۈپ كەتسەم سىنى مەندەك ياخشى كۈرىدىغان بىرسىنىڭ چىقماسلىقىدىن قورقىمەن........

ئەي ئۇماق سىنىڭ قەيەردە بۇلۇشۇڭدىن قەتئنەزەر سىنى چۇقۇم تاپماي قويمايمەن!

مەن سىنى ئاخىرى تېپىۋالدىم........ مىنىڭ ئۈزۈمگە بولغان ئىشەنچىم ۋە ساڭا بولغان ئىشەنچىم سىنى تېپىشىمغا ياردەم قىلدى.....

لېكىن ئەپسۇس مىنىڭ ساڭا بولغان ئىشەنچىمنى يوق قىلدىڭ~~~` ئاخىرقى ھىساپتا سەن مىنى يەنىلا تاشلاپ كەتتىڭ، مەن بولسام سەندىن ئايرىلىپ قالغىنىمغا ئەمەس بەلكى ساڭا شۇنچىلىك ئەقىدە قىلغان، ساڭا ئىشەنگەن پاك سەمىمى يۈرۈكىمنىڭ ئازاپلانغانلىقىنى كۈرۈپ پەقەت چىدىيالمىدىم.

ھەي ئۇماق يەنىلا ساڭا بەخىت تىلەيمەن~`~~ سەندىن پەقەتلا ئاغىرىنمايمەن، ئاغىرىنىشقا توغرا كەلسە ئۈزۈمدىن ئاغىرىنىمەن..... چۈنكى ئۈزۈم ياخشى كۈرۈشكە تىگىشلىك بولمىغان بىر قىزنى ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن. ... ماڭىمۇ ئامال يوق كۇڭۇل دىگەن ساراڭ تۇرسا!

مۇھەببەت لىرىكىلىرى
ﺭﻩﻧﺠﯩﻤﻪﻳﻤﻪﻥ ﺳﯩﻨﯩﯖﺪﯨﻦ ﯬﺳﻼ
ﺑﯩﺮﻩﻟﻤﯩﺴﻪﯓ ﻣﺎﯕﺎﻣﯘھﻪﺑﺒﻪﺕ
ﯬﺳﻠﻪ ﺩﻩﭘﻤﯜ يۈﺭﻣﻪﻳﻤﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ
ﺯﻭﺭﻻﭖ ﺳﯩﻨﻰ ﺳﯚﻳﮕﯜﻣﮕﻪ ﯬﺑﻪﺕ
ﺗﯩﻠﯩﻤﻪﻳﻤﻪﻥ ﺳﯩﻨﯩﯖﺪﯨﻦ ﺳﯚﻳﮕﯜ
ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺳﯚﻳﮕﯜ .ﯬﻣﻪﺱ ﺳﻪﺩﯨﻘﻪ
ﺭﺍﺯﻯ ﺳﯩﻨﻰ ﻛﯜﺗﯜﭖ ﺑﯩﺮ ﯲﻣﯜﺭ
ﯲﺗﺴﻪ ﺳﺎﯬﺕ ﺗﺎﻻﻱ ﺩﻩﻗﯩﻘﻪ
ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻣﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﻟﯩﻤﻪ ﺳﯚﻳﻤﻪ
ﻣﻪن سۆﻳﮕﯜﻣﻨﻰ ﺗﺎﯕﻤﺎﻱ ﻣﻪﻥ ﯬﺳﻼ
ﺭﺍﺯﻯ ﻟﯩﻜﯩﻦ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺳﻪﻥ ﯴﭼﯜﻥ
ﺑﯩﺮﯨﺸﻜﯩﻤﯘ ﺟﯧﻨﯩﻤﻨﻰ ھﻪﺗﺘﺎ
ﯪﻳﺮﯨﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯘﻥ
ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﯩﺪﯨﯔ ﺑﯩﺮﻩﺭﻩﺕ ﺩﯨﺪﺍﺭ
ﭼﯜﺷﻠﯜﺭﯛﻣﺪﻩ ﺋﯩﺰﻟﯩﺪﯨﻢ ﺳﯩﻨﻰ
ﯰﻧﯘﺗﺘﯘﯕﻤﯘ ﺳﯚﻳﮕﯜﻣﻨﻰ ﻧﯩﮕﺎﺭ
ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﯨﻢ ﻛﻪﺗﺘﯩﯔ ﻳﺎﺭ ﺯﺍﺩﻯ ﻗﺎﻳﺎﻗﻘﺎ
ﯬﻣﺪﻯ ﻛﯩﻤﻠﻪﺭﮔﻪ ﺟﯚﺭﺑﯘﻻﺭ ﻛﯜﻳﯜﻙ
ﯰﻧﯘﺗﺴﺎﻡ ﯰﻧﺘﺎﺭﻣﻪﻥ ھﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﺍﻕ
ﺋﯩﺴﯩﻤﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻤﺎﻳﺪﯗ ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﯪﻳﺮﯨﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﯜﻡ
ﻣﻪﻥ ﯬﺳﻠﯩﺪﻩ ﯬﻣﻪﺱ ﺷﺎﺋﯩﺮﻩ
شىئېر ﻣﺎﯕﺎ ﺑﻪﺭﺩﻯ ﺩﻩﺕ ھﻪﺳﺮﻩﺕ
ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺘﯩﻢ ﻣﻪﻥ ﻣﯘھﻪﺑﺒﻪﺗﻨﻰ ھﯩﺶ
ﯬﺳﻠﻰ ﯪﺯﺍﭖ ﺋﯩﻜﻪﻥ ﻣﯘھﻪﺑﺒﻪﺕ
ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻧﯩﺴﯩﭗ
ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﻳﺎﺭ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪﻯ ﺗﻪﻏﺪﯨﺮ
ﺳﻪﻥ ﯮﻳﻠﯩﺪﯨﯔ ﻛﯚﯕﻠﯜﯕﺪﻩ ﻧﯩﻤﻪ
ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ ﺑﯘﻻﺭ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺳﯩﺮ
ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻧﯩﮕﺎﺭ ﺑﻪﺧﯩﺘﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﯩﻦ
ﻣﻪﻥ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﻪﻥ ﺳﺎﯕﺎ ﻗﯘﺕ ﯪﻣﻪﺕ
ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺳﯩﻨﻰ ﺋﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻣﻪﺑﯘﺕ
ﻗﯩﻼﻱ ﺳﺎﯕﺎ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ
ﺗﯩﻠﻪﭖ ﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪﺧﺘﯩﯖﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ
ﻗﯩﻼﻱ ﺗﺎﯕﺪﺍ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ
ﮔﯜﻝ ﺑﯩﺮﯨﭗ ﯪﻟﻐﯩﻨﯩﻢ ﺑﻮﻟﺪﯨﻤﯘ ﺗﯩﻜﻪﻥ
ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﻨﻰ ﺑﯩﺮﯨﭗ ﺗﺎﭘﻘﯩﻨﯩﻢ .ﯪﺯﺍﭖ
ﻗﻮﻧﺪﻯ ﯬﻗﯩﺪﻩﻡ ﯴﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﯩﺮﺍﯞ
ﭼﯩﻦ ﺳﯚﻳﮕﯜﻡ ﺧﺎﺭﻻﻧﺪﻯ ﺑﻮﻟﺪﻯ ھﻪﻡ ﺧﺎﺭﺍپ

كۈنى- تۈن سېنى سېغىنۋاتىمەن.....بىلەمسەن،چۈشىنەمسەن............سېنى تولا سېغىنىۋىرىپ ئۆزۈمنى يۇتتۈرۈپ قويدۇم.سەنچۇ؟سەنمۇ مېنى سېغىندىڭمۇ؟ ھەي تاڭ............سەندەسۆيگۈنى چۈشەنگۈدەك قەلب،سۆيۈلۈش ۋەزنىنى تەپەككۇر قىلالىغىدەك نېرۋا يوق تۇرسا؟ قانداقمۇ بۇمەسئۇليىتى ئېغىر ئىشنى ساڭا يۈكلەپ ئۆزۈم غەمسىز يۈرەلەيمەن؟........ سېغىندىغان ئىنساننى ئالەمنىڭ ئەڭ چەت يىراق جايلىرىدىنمۇ،دورىلىققىمۇ ئىزلەپ تاپالماسلىقىڭ مۇمكىن.بۇ شەكشۈبھىسىز مۇقەررەر ھەقىقەت.

چۈنكى سىنى چىن دىلىمدىن سۈيىمەن!
رەنجىتسەممۇ ئازار بىرىپ دىلىڭغا،
بارمىساممۇ جىلە قىلىپ يېنىڭغا،
لېكىن، ئىشەن، جېنىم پىدا جېنىڭغا،
چۈنكى سىنى چىن دىلىمدىن سۈيىمەن.

كەت دىسەممۇ كىلىپ گاھى ئاچچىقىم،
تۈرۈلسىمۇ جۇدۇن كەبى قاپىقىم.
دەيمەن يەنە ئىچ-ئىچىمدىن تاتلىقىم،
چۈنكى سىنى چىن دىلىمدىن سۈيىمەن.

يىغلىغاندا پەرۋاسىزدەك تۇرساممۇ،
تەلۋىلىشىپبىرەر تەستەك ئۇرساممۇ.
چىدىمايمەن، تەڭ ياش تۈكەر ۋىجدانمۇ،
چۈنكى سىنى چىن دىلىمدىن سۈيىمەن.
![]()
شۇ ئوخشايدۇ ياخشى كۈرش-مۇھاببەت،
يۈرىكىمىز رېتىمداشتۇر تائابەت.
ئاچ قوينۇڭنى چەككۈزمىگىن نادامەت،
چۈنكى سىنى چىن دىلىمدىن سۈيىمەن.
因为我真的爱

پەقەت چۈشلەرىمدە بولسىمۇ سىنى كۈرەلىگەن بولسام ،
قانچە ياخشى بۇلاتتى ھە ! ~~ ئەپسۇس .....


ئىسىڭدىمۇ ئاشۇئايدىڭ ئاخشام بىزنىڭ ئۇزاقتىن ئۇزاق مۇڭداشقىنىمىز، ئۇزاقتىن ئۇزاق بىر-بىرسىمىزگە بېقىشىپ تويماي قاراپ كەتكىنىمىز، شۇ بېقىشلىرىڭ مىنى ئاجايىپ بىر تۇيغۇغا كەلتۈرگەنىدى........
مەن ھازىر شۇ ئايدىڭ كىچىلەرنى سېغىنىۋاتىمەن، شۇ ۋاقىتتىكى قاراشلىرىڭنى قايتا كۆرسەمكەن شۇ كۈنلەرنى قايتىلانسىكەن دىگەن ئارزۇدىمەن.






























سەن بىلەن كۈرۈشكەندىكى ھالىتىمنى بىلىشنى خالامسەن.
مىنىڭ تىلىم تۇتۇلغان ئىدى، لېكىن ھازىر گەپ قىلالايمەن، يۈرۈگۈم توختاپ قالغاندەك ئىدى،ھازىر سۇقۇۋاتىدۇ،مەن سىنى چۈشۈمدە كۆرگەندەك ئىدىم، بىراق` مەن ئۈ چاغدا ئويغاق ئىكەنمەن.
كەچۈر```تېپىلغۇسىز پۇرسەتلەر ئەنە شۇنداق ئۈتۈپ كەتتى.....

ئۇچراسساق دائىما كۈلۈپ يۈرۈسەن،
مەسخىرە قىلامسەن ۋە ياكى نازمۇ؟
نىمانچە چىگىش تەبەسسۇم-كۈلكەڭ،
ئىشقى ئۇتۇڭدا كۆيگۈنۈم ئازمۇ؟

ھەر كۆرگەندە كۆزلەردە مەنا،
تىكىلىمەن ئوتلۇق كۈزۈڭگە.
بىلەمسەنكىن يۈرۈكۈم قانچە،
تەشنا ئىدى شىرىن سۈزۈڭگە.
ئەپسۇس بىر خىل تەبەسسۇم بىلەن،
كىتىۋەردىڭ قالدۇرۇپ داغدا.
رازى ئىدىم يۈرەك سۈزۈمنى،
ئېيتىۋالسام خالىد-باغدا.
مۇھاببەتسىز تىلسىزمۇ سەن يا،
چۈشۈنۈكسىز يۈرەمسەن كۈلۈپ.
ئۇۋالىمغا قالىسەن چۇقۇم،
كەتسەم ئەگەر ئىشقىڭدا ئۈلۈپ.

بۇ كۈلكەڭدىن جىق تويدى جېنىم،
<<راس سۈزۈڭنى ئېيتقىنا قېنى>>؟
تەستەك بىلەن ئۇرساڭمۇ مەيلى،
كۈلۈپ بۇنداق قىينىما مىنى.

<<سېغىنىش ۋە كۈتۈش>>
بۇدۇنيادا سېغىنىش بىلەن كۈتۈشكە ھېچقانداق دورا تېپىلمىسا كىرەك.
تاتلىقىم، سىزنى شۇنداق سېغىندىم. يېنىڭىزغا باراي دىسەم سىزنى يەنە رەنجىتىپ قۇيۇشىمدىن بەكلا ئەندىشە قىلىمەن.
شۇڭا سىزنى كۈتمەكتىن باشقا ئىلاجىم يوق..... سىزنى مەڭگۈ كۈتىمەن!
كۆڭۇلنې دەپ ھارماي يۈرەتتې كۆڭلۈم،
ۋېسالسز سۆيگۈگە دەرت تارتقان كۆڭلۈم،
يۈز ئۆرۆپ كەتكېنېڭدە يېگانە كۆڭلۈم،
كەل دېسەڭ رەت-رەت بارغانتې كۆڭلۈم.

مەن سۆيگەن سەن كۆيگەن سەن يۈز ئۆرېگەن،
بارغاندا ھەممېنې ئۇنۇتقان كۆڭلۈم،،،،،
ئاڭلېغان ۋە كۆرگەن ئېشلېرېڭنې بېلگەن،
ھەممېگە چېدېغان ئەپۇچان كۆڭلۈم،،،

سېنڭ شۇ مېسكېن چېرايېڭغا قاراپ،
چېدېماستېن باغرېغا باساتتې كۆڭلۈم.
ئەركېلەپ قاراشلېرېڭ ماڭا بەك ياراپ.
مېنې ھەم ئۆزۈڭگە قاراتقان كۆڭلۈم.

سالام ساڭا!
ھەقىقى ھۆرمەتنى، پاك ئەقىدىنى، سەمىمى مىھرى-مۇھاببەتنى چۈشەنمەيدىغان سۈيۈملۈك ئىنسان.سالام ساڭا!
قەلىب بېغىمغا قەدەم قويغان ئىللىق باھار! سەن مەن ئۈچۈن نەقەدەر قىممەتلىك ھە!``~ ئەپسۇس ناھايتى ئەپسۇس~~` سەن ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىغان بىر ئاجىز گۈلگە پەرۋامۇ قىلماي، ئۇنىڭ قەلبىنى خۇددى ئۆتكۈنچى شامالدەك سىيپاپلا ئۈتۈپ كەتتىڭ، ئۇنى ئەسلا ھەقىقى گۈل دەپ بىلمىدىڭ، ئۇنىڭ ساپ پۇرقىنى پۇرىيالمىدىڭ. سەن كەتتىڭ ئەمما، ساڭا پۈتۈن ھاياتى بىلەن تەلمۈرگەن بىچارە گۈل، مەڭگۈلۈك پىغان بىلەن قالدى.......
~~~ سىنىڭ قانداق گۈل تاللىشىڭ ئۇنىڭغا سىر ئىدى. ئۇ ساڭا قانچە ئەقىدە قىلغانسىرى سەن ئۇنىڭدىن شۇنچە ئۈزۈڭنى قاچۇردۇڭ، ئۇنى قۇبۇل قىلىشقا ئەسلا رايىڭ يوق ئىدى. ~`` سەن بىر ئىنسانسەن خالاس. ئۇمۇ بىر گۈل ئەمەس بەلكى يۈرۈكى كىچىككىنە گۆشتىن پۈتۈلگەن ئىنساندۇر.
~~`خەيىر مەن ساڭا بۇرۇنلا دوسلۇقتىن سۆز ئېچىپ ساپتىمەن، ھەممە گۈناھ ئۈزۈمدە. ئەمما شۇ ئىسىڭدە بولسۇنكى سىنى قاچان ئۇچراتتىم شۇندىن باشلاپ ساڭا مەڭگۈلۈك ئەقىدە باغلىغانمەن. ئەمما سەن مىنى قۇبۇل قىلالمىدىڭ، قۇبۇل قىلالمىدىڭلا ئەمەس مەن سىنى ئۈزۈمگە مايىل قىلالمىدىم.
`~~` خەيىر ئەمدى سىنى ھەرگىز بىئارام قىلمايمەن. چۈنكى سىنىڭ خۇشاللىقىڭ مىنىڭ ئورتاق باھارىم، سىنىڭ بەختىڭ مىنىڭ ھاياتىم. مەن ساڭا چىن سەمىمىيتىم بىلەن ئالەمچە خۇشاللىق، تۈگۈمەس ئامەت تىلەيمەن. ئەمما!~` مەڭگۈلۈك بەخىت تىلىيەلمەيمەن. چۈنكى ئىنسان ئىنتايىن شەخسىيەتچى بۇنى توغرا چۈشەنگىن. مەن ئېغىزىمدا ساڭا بەخىت تىلگىنىم بىلەن يۈرۈگۈم ئېچىشىدۇ، شۇڭە كۆڭلۈڭگە كەلسىمۇ مىنى كەچۈرگىن. پەقەت مىنى توغرا چۈشەنسەڭلا بۇ مىنى كەچۈرگىنىڭ خالاس.........
ئۇچراتتىم گەر سىنى يەنە يۇلۇمدا،
سالام قىلىمەن ھۆرمەت ئۈچۈنلا.
تەنھالىق قەلبىمنى چىرمىسا يەنە،
چىدايمەن ھەممىگە بەختىڭ ئۈچۈنلا.
![]()
زىمىستان قىش كەبى كەلسىمۇ جۇدۇن،
چىدايمەن ھەممىگە پاك قەلىب ئۈچۈن.
دەرت تارتىپ يۈرمەسمەن كەلمەس بەخىتكە،
ئەرزىمەس بەدەل تۈلەش، تاش يۈرەك ئۈچۈن.
سىنىلا تاللىغانتىم مەڭگۈلۈك ھەمراھ،
پەقەت بىر ساڭىلا ئەقىدە باغلاپ.
بەرگەنتىم بارلىغىم، مىھرىمنى يەنە،
سىنى بىر ۋاپادار، ۋىژدانلىق چاغلاپ.
ھەممە ئىش ئايلاندى ئۆتمۈشكە ئەمدى.
ئەسلەشكە رايىم يوق ئۆتكەن كۈنلەرنى،
قەلبىڭگە باغلاندىم قاچاندىن باشلاپ،
ئويلاشمۇ ئازاپتۇر خۇشال كۈنلەرنى.
يامغۇرلۇق چىرمىسا سىنى بەزىدە،
تىز پۈكمە جۇدالىق كەلسە بېشىڭغا.
كىلەر يەنە خۇشاللىق كۈنلەر،
غەيرەت قىل، چىكىنمە ئەسلا كەينىڭگە.
ئايرىلىپ كەتسەممۇ گەرچە سىنىڭدىن.
پاك ئەقىدەم ساڭا مەڭگۈ ھەمراھدۇر،
ياشىغىن غەيرەتتە جاپاغا چىداپ،
غەيرەتتە كەلگەن ئامەت ساڭا ھەمراھتۇر.

ئۇنتۇش نۇمۇس ئەسلەش ئازاپلىق
بىر سەۋداغا بولدۇم مۇپتىلا
لىكىن مىسكىن غېرىپ قەلبىمدە
مەغرۇر ياشاپ كەلدىم يەنىلا
كىم بىرىپتۇ ئۇنتۇ دەپ پەرمان
قەلبىم ئاڭا كۆتىرەر ئىسيان
ئۇنتۇش ئۈچۈن يازغان شىئېرىمنىڭ
تۇنجى سۆزى سۆيىمەن ھامان
ئۇنتۇپ كەتتىم دىگىنىم بىلەن
قەلبىمدە لىق ئەسلىمە قالغان
بەخىتلىك بول دىگىنىم راس گەپ
بەخىتلىكمەن دىگىنىم يالغان
ئۇنۇت دىمەك ئاساندۇر بەلكىم
بەكمۇ تەستۇر لىكىن ئۇنۇتماق
كۆيمەك ئاسان سۆيمەك بەكمۇ تەس
مىڭ ئۆلۈمدۇر ھەمدە ئايرىلماق
ئۇنۇتمايمەن سۆيگىنىم سۆيگەن
كۈندە مىڭ رەت ئۇنۇت دىسەڭمۇ
مىڭ ئۆلۈمگە تەييارمەن تەييار
كۈندە مىڭ رەت زەھەر يىسەممۇ
ئۇنتۇش زۆرۈر بوپ قالسا ئەگەر
ئۇنتالىساڭ ئۇنۇت سەن تىزراق
قەبرە ياساپ قەلبىمگە ئەمما
مەن ياشايمەن ئۈلۈمدەك ئۇزاق

- ئىــــسمـى :
- 永不放弃
- سالاھىتى :
- ئادەتتىكى ئەزا
- دەرىجىسى :

- يېشـــــى :
- 20
- جىنســى :
- ئەپەندىم
- چـى چــى :
- 1468565885
- يــــۇرت :
- خوتەن ۋىلايىتى
- تەۋەلىكى :
- قاراقاش ناھىيىسى
- ئـاۋاتلىقى :
- 8236
- بېكەت پۇلى :
- 450
- تورھالىتى :
- يوق
- تىزىملاتقان :
- 18:14 28-07-2010
- پــائــالىيەت :
- 21:14 24-11-2011
- باش بەت قىلىۋېلىش
- ساقلىۋېلىش
- دوسىتقا قوشۇش
- ئۇچۇر يوللاش
ياخشى بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ سالامەتلىكىڭىزگە كۆڭۈل بۆلۈڭ









































