ناخشىلىرىم
خاتىرىلىرىم
- ئۆز خاتىرەمدىن
- 2010/10/07
^w;oG
aNOAu/
ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنىڭ نىكاھ ئىشىغا ئارىلىشىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟دىگەن مەسىلىدە نۇرغۇنلىغان كىشىلەردە ئوخشىمىغان قاراش بار. نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزى بالا ۋاقتىدا زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قارىسىمۇ ئەمما ئاتا-ئانا بولغاندىن كىيىن زۆرۈرىيىتى بار دەپ قارايدىكەن.ھازىر سىز،« بالامنىڭ نىكاھ ئىشىغا ئارىلىىشىش ھوقۇقۇم بار چۈنكى ئۇنى ئۇنى مەن تاپقان،باققان ئىگە بولمىسام بولمايدۇ»،«ئۇكىچىك ئىش ئۇقمايدۇ،چوقۇم ئۆزەم ئۈستىدە تۇرمىسام چاتاق چىقىدۇ» دەپ قارايسىز،ئەينى ۋاقىتتا سىز توي قىلىدىغان ۋاقىتتا ئاتا ئانىڭىزنىڭ سىزنىڭ نىكا ئىشىڭىزدا تولا يول كۆرسىتىپ،نىكا ئىشلىرىڭىزغا،تاپقان لايىقىڭىزغا پىكرى چىقىپ،سىزنى باشقۇرغاندا قانچىلىك نارازى بولغانلىقىڭىزنى،«دادام-ئاناملار نىمىشقا مېنىڭ ئەركىنلىكىمگە ھۆرمەت قىلمايدىغاندۇ؟نىمشقا تولا كوتۇلداپ ئارىلىشىۋالىدىغاندۇ،»دىگەنلىرىڭىزنى ئەسلەشكە پېتىنالامسىز؟ ھەم بالىلىرىڭىزنىڭ ئىشىدا ئۇنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىشتىن ئىبارەت يولنى دادىل تاللىيالامسىز؟بالىلىرىڭىزنىڭ نىكا ئىشلىرىدا ئۇلارنىڭ دىلىنى رەنجىتىۋاتقانلىقىڭىزنى ھېس قىلالامسىز؟بەلكى سىزنىڭ بالىلارنىڭ نىكايىدا چىقارغان بەزى قارارلىرىڭىزنىڭ ئۇلارنىڭ مەڭگۈلۈك بەختسىز بولۇپ قېلىشىغا سەۋەپچى بولدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى ھېكايىگە نەزەر سېلىڭ.
1zb$5{,|
1
cwH,l$
ئېسىمگە كەلسەم ئۆيىمىز شەھەر ئەتراپىدىكى يېزىدا بولۇپ شەھەرلىكلەرگە باققاندا پەقەت يېزا نوپۇس دەيدىغان بىر«كۆرۈمسىز»قالپىقىمىزدىن باشقا ھەممە تەرەپلەردە شەھەر ئاھالىلىرىدەك تۇرمۇش كەچۈرەتتتۇق. بەلكى شۇ چاغدىكى پونكىتتىن بېرىدىغان سېرىق قوناقنىڭ ئۇنىغىمۇ ئېشىقمايدىغان بەزى شەھەر ئاھالىلىرىمۇ تۇرمۇشتا بىزنىڭ ئائىلىگە يەتمەيتى.ئائىلىمىز چوڭ بىر جەمىيەت بولۇپ، بوۋام،مومام ۋە ئۇلارنىڭ ئۈچ پەرزەنتى يەنى دادام، ھاممام، تاغام ۋە بىزنىڭ ئۆيدىكى تۆت جان بولۇپ جەمئى سەككىز ئادەم بارئىدى.بوۋام يۇرتتا خېلى ئىناۋىتى بار ئادەم بولسا كېرەك مەھەللىدە ئارىشكامنىڭ باللىرى دەپ خېلى ئورنىمىز بار ئىدى.ھەممە ئادەم بىزگە ئالاھېدە نەزەر بىلەن قارايتى.بوۋام ھەم داداممۇ بالا-چاقا نەۋرىلەرنى قاتتىق باشقۇراتتى.ئۇنى مېنىڭ ھازىرقى ئۆيۇمدىكى ئۈچ كىشىلىك جەمىيەتكە سېلىشتۇرغاندا غايەت زورمۇنتىزىم،تەرتىپلىك«زاۋۇت» دىيىشكە بولاتتى.
g2[K<
مەن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3-يىللقىغا چىققاندا ھاممام توي قىلىپ چىقىپ كەتتى،ئەمما ئانام يەنە بىر ئوغۇل تۇغۇپ ئائىلە جان سانىمىزدا يەنىلا ئۆزگىرىش بولمىدى. ئائىلىمىزنىڭ ھال-كۈنى يامان ئەمەس بولسىمۇ بوۋام– موماملارنىڭ دائىم كىچىك ئوغلى نۇرى تاغامنىڭ غېمىنى يەۋاتقانلىقىنى ئۇلارنىڭ گەپ سۆزلىرىدىن پەملەيتىم.مەن ئادەتتە ئۇنى ئاكا دەپ ئۇگەنگەن بولغاچقابەزىدە ئۇنى دوست قاتارىدا كۆرەتتىم،شۇڭلاشقىمۇ چوڭلارنىڭ ئۇنى توي قىىلىشقا مۇنچە زورلىشى ھەم نۇرى ئاكامنىڭ بولسا ھېچ ئىش خيالىدا يوقتەك ئېتىز ئېرىق ئىشلىرىنى قىلىپ يۈرىشىنىڭ تېگىگە يېتەلمەيتىم. مەنمۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقتىم ھەم ئۆيىمىزگە ئانچە يىراق بومىغان شەھەرگە قاراشلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇشقا كىردىم.بوۋام-موماملار تاغامنىڭ توي ئىشى توغرۇلۇق نەچچە قېتىم دادام ئاناملار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، بىرنەچچە ئائىلىنىڭ قىزىنى تونۇشتۇرغان بولسىمى ئەمما تاغام زادىلا يېقىن كەلمەپتۇدەك.تاغام ھامان دادام-ئاناملار بىلەن بىللە ئەشۇ ھۆددە يەرگە ئىشلەيتتى.ھەركۈنى مەكتەپتىن يانغاندا ئۇنىڭ ئېتىزدا ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بىر ھازا قاراپ تۇرۇپ كېتەتتىم.بەزىدە قېشىغا بېرىپ بىردەم ئولتۇرۇپ ئاندىن ئۆيگە كىرەتتىم. ئۇمۇ ماڭا بەك ئامراق ئىدى چۈنكى مەن بۇ چوڭ ئائىلىنىڭ تۇنجى نەۋرىسى-دە !،بەزىدە مومام ياكى ئانام ئوت-چۆپ ئالغىلى چىقىپ:
9O),/SH;:
ــ تاپشۇرقۇڭ يوقمىدى.سەنمۇ بىزدەك مۇشۇ ئىككى تال يەرنىڭ قۇلى بولاي دەمسەن؟سېنىچۇ نۇرغۇن ئارزۇ ئارمانلاربىلەن ئوقۇتىۋاتىمىزجۇمۇ؟ماڭە كىرىپ كىتىۋىڭنى ئوقە !!!،ھەي نۇرى سەنمۇ چۇ ئۇنى بۇيەردە گەپكە تۇتماي تىزراق كىرگۈزىۋەت،ئۆزەڭغۇ قېچىپ يۈرۈپ ياخشى ئوقۇمۇدۇڭ،ئەمدى بۇنىمۇ كەتمەنچى قىلاي دەمسەن؟... دەپ ھەرئىككىمىزگە كايىپ ھەيدىگەندىلا تاغامغا كۆزقىسىپ قويۇپ كىرىپ كېتتىم.
T$gkq>!j
راستىمنى ئېيتسام تاغامغا بەكلا ھەۋىسىم كېلەتتى.ئۇنىڭ قاملاشقان ئىگىزبوي بەستى،ھەقىقى ئۇيغۇر دىخانلىرىغا خاس قاپقار قاش-كۆز،يارىشىملىق،داۋاملىق قىسقا ياسىتىۋالىدىغان،سەل بۈدرە چېچى،يۇمۇلاق يۈزىگە تولىمۇ يارىشىدىغان تۇم قار ھەم پاقىراق بۇرۇتى،بۆرتۇپ چىققان مۇسكۇللىرى،داۋاملىق تۈرۈكلۈك تۇرىدىغان پۇشقىغىدىن كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان تۈكلۈك پاچاقلىرى... مەندە قاچانمۇ تاغامدەك مۇنداق بېجىرىم ھەم كۈچلۈك تەن بولار؟قاچان ئۇنىڭدەك بولارمەن ،مېنىڭ بۇرۇتۇم قاچانمۇ ئۇنىڭكىدەك قۇيۇق،قارا ھەم پاقىراق بولار...قاچانمۇ پاچقىم ئۇنىڭكىدەك....دەپ بەزىدە ئەينەك ئالدىغا كېلىپ ئەمدىلا خەت تارتىشقا باشلىغان يۇمران بۇرۇتۇمنى سىلاپ باقسام،بەزىدا بالىلارنىڭكىدەك ئىنچىكە،ئاپپاق ھەم سىدام پاقالچىكىمنى سىلاپ ئىچىم پۇشاتتى. a6;gBoV
يىللار ئۆتۈپ تاغام 24ياشقا كىرىپ قالدى.مەنمۇ تولۇقسىزنىڭ ئىككىنجى يىللىقىنى تۈگەتتىم.ماۋسۇملۇق ئىمتاھان تۈگىگەن كۈنى ئادەتتىكىدەك شۇ توپىلىقى يول بىلەن مېڭىپ بىرزنىڭ ئېتىزنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ تاغامنى يوقلاپ ئۆتكۈم كەلدى.ھەم يولدىن چۈشۈپ ئېتىز بويلاپ،بىزنىڭ تاۋۇزلۇققا كەلدىم، ساتمىدا ئادەميوق.ئادەتتە تاغام بۇ يەردىن پەقەت ئايرىلمايتى.تاماقنىمۇ ئانام ياكى مومام، بەزىدە مەن ياكى ئېنىم مۇشۇ يەرگە ئېپچىقىپ بېرەتتى.ئىشقىلىپ يازلىق يىغىم تۈگۈگىچەتاغام ئانچە ئۆيگە قايتمايتى. EHH|4;P6
ــ ئاكا !،نۇرى ئاكا!،ئاكا..............! –لىكىن ھېچ سادا يوق ئىدى.مەن بىر بېسىپ ئىككى بېسىپ ساتىمىدىكى ئاكام ياتىدىغان كارۋاتقا كېلىپ ئولتۇرۇپ ئۇنى كۈتۈشكە باشلىدىم.كۈتە-كۈتە ،بىرەر تاۋۇز ئەكەلىپ مۇش بىلەن ئۇرۇپ، يېرىپ،يەپمۇ بولدۇم ،يەنىلا يوق. يازنىڭ تومۇز ئىسسىقى ھەم ساتمىنىڭ سالقىن ئارام بەخش ھاۋاسىدا كۆزلىرىم يۇمۇلۇپ، ئۇيقۇ بېسىشقا باشلىدى.تۈرۈپ يۆگەپ قويۇلغان كۆرپىنى ئاچتىمدەموككىدە چۈشتۈم. قانچىلىك ئۇخلىدىمكىن تاڭ يەرنىڭ تېگىدىن ئاڭلىنىۋاتقاندەك ئەمما بۇلاق سۈيىنىڭ شىلدىرلىشىدەك يېقىملىق قىز بالىنىڭ ئاۋازىدىن كۆزۈمنى يىرتىپ ئېچىشقا مەجبۇر بولدۇم. Nb gp_:{
ــ ئۆيىڭىزدىكىلەر قاچان بارىدۇ؟تىزراق بولسا بولاتتى،ئاۋۇ ناچۇقتىكى ئەخەت زەنجاڭنىڭ ئۆيىدىكىلەر ئانامنىڭ بېشىنى ئاغرىتقلى نەۋاق،مەن جاۋاپ بەرمەي تۇرىۋالغاچقا ئۇلارنى كەلسۇن دەپ جاۋاپ بېرېلمەيۋاتىدۇ. { M`
ــ ئەمىسە ماقۇل دىسەڭ بولمامدۇ؟-دىدى نۇرى ئاكام بېزەڭلىك بىلەن كۈلۈپ. iP~sft6
ــ ماقۇل دەيما ؟سىزلا چىدىسىڭىز ماقۇل دەيمەن،چىدىيالماي قالارسىزمىكى-دىدى ئۇ ئەركىلەپ:-ـ ئاۋالچۇ ئى ئوڭ قولڭىزنى سول مەيدىڭىزگە قويۇپ: ماۋۇ گۈلچىمەن قاۋۇل ئېۋۇ ئۆمەرئېلى دىگەن گۆش خالتىسىغا تەگسە مەيلىمۇ دەپ سوراپ بېقىڭا نىمە دەيدىكىن..... @;||p eU
مەن بۇ قىزنىڭ ئاۋازىنى مەھەللىدىكى بىرنەچچە قىزنىڭ ئاۋازىغا ئوخشاتقان بولساممۇ زادى قايسى گۈلچىمەن ئىكەنلىكىنى خېلى ئويلاپمۇ تاپالمىدىم.چۈنكى مەن ئەتتىگىنى مەكتەپكە كېتىپ كەچتە كېلىپ مەھەللىدىن بىللە مەكتەپكە بارىدىغان بالىلاردىن باشقىلارنى ئانچە بىلىپ كەتمەيتىم.بولغۇسى يەڭگەمگە قىزىقىش،بولۇپمۇ نۇرى ئاكامدەك مۇنداق ئاتا-ئانىنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىغان يىگىتنىڭ تاپقان لايىقىنى كۆرۈپ بېقىش ئىستىكىدە پەقەت ساتمىنىڭ تېرەك شېخى، قۇرۇق ئوت-چۆپلەر ئايرىپ تۇرغان،ئارىلىقىمىز ئۈچ مېترمۇ كەلمەيدىغان قاشا تېمىنىڭ ئىچىدە ئاستا بېشىمنى كۆتۈرۈپ، قۇرۇپ كەتكەن شاخ پېلەكلەر ئارىسىدىن ئۇلارغا قارىدىم.ئاپلا...قېرىشقاندەك ئۇ قىز مەن تەرەپكە كەينىنى قىلىپ تۇرۇپتۇ ئەمەسمۇ؟ كاساپەت!ئاكام بىلەن ئىككىسىنىڭ ئورنى ئالمىشىپ قالسىچۇ كاشكى ئۇنى بىر كۆرۈپ باقسام...... -(6eVI
ــ سوراپ باقتىم لىكىن يۈرىكىم :ئۇلار ماس كەلمەيدۇ،گۈلچىمەن پەقەت نۇرى ئارىش ئۈچۈن بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلىنغان دەيدۇ،ئىشەنمىسەڭ ئۆزەڭ تۇتۇپ باق!-شۇنداق دىدى-دە ئۇنى چىڭ قۇچاقلىۋالدى. l0gH(28K
ــ ئەسكى،قىلىقسىز، باشقىلار كۆرۈپ قالىدۇ،قويۇۋڭتىڭا،كۈپ-كۈندۈزدە،يەنە كېلىپ ئوچۇقچىلىقتا ...، قىز يۇلقۇنۇپ دىگىدەك ئاكامنىڭ چاڭگىلىدىن قېچىپ قۇتۇلدى،ئاكاممۇ بەك چىڭ تۇرىۋالماي رايىغا باقتى بولغاي، بولمىسا ئۇ ماۋۇنىڭدەك بىرەر قىز ئەمەس مەھەللىدە خېلى مانامەن دىگەن يىگىتلەرنى مەيلى بېلەكتە كۈچ سىنىشىش بولسۇن مەيلى چېلىشش بولسۇن يىقىتماي قويمايتى. ئۇلار يانمۇ-يان ئولتۇرغاندىن كىيىن ئاندىن ئۇلارنىڭ ئورنى ئالمىشىپ قىزنىڭ چىرايىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇم. YH6snC$u
ئانچە ئۆلچەملىك گۈزەللەردىن بولمىسىمۇ دىخان قىزلىرىغا خاس تەبئى گۈزەللىك ئەكىس ئېتىپ تۇرىدىغان قاراقۇمچاق،مەن مەھەللىدە ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان بۇ قىز ماڭا خېلى يېقىمىلىق تۇيۇلغان بولسىمۇ.قەيەردىدۇ كۆرگەندەك قىلاتتىم،كىملەرگىدۇ ئوخشاتقۇم كېپ تۇراتتى.ئۇنىڭ بىر يەرلىرى نۇرى ئاكامغا ئوخشايدىغاندەكمۇ قىلاتتى.لىكىن يەنە بىر تۇرۇپ نەدىمۇ مۇنداق ئىش بولسۇن دەپ ئويلايتىم. IetCMp
ــ مەن تېخى ئويدىكىلەرگە دىمىدىم،دادامنىڭ مىجەزىنى بىلىسەن،ئۇ خۇددى تۆمۈر گېنرالنىڭ ئۆزى پەقەت گەپ يىمەيدۇ،ئالدىنقى قېتىم ھېلىقى قۇدرەت ماتاڭنىڭ قىزىنى سايە قىلغاندا ئۆيدىن چىقىپ كېتىمەن دەپ جىدەل قىلىپ ئاران قۇتۇلدۇم.ھازىر ئۇلارغا قانداق دىيىشنى بىلمەيمەن،ئۇنىڭدىن كۆرە ئىككىلەپ تېرىش ئاياقلاشقاندىن كىيىن سېنى ئېلىپ قېچىپ كېتەيمىكىن دەيمەن،قانداق يۈرىكىڭ بارما؟ ' " Bex`
ــ نىمە دەيدىغانسىز ؟ قايسى زامان بۇ قېچىپ كېتىپ توي قىلىدىغان،ئاخىر يەنە مۇشۇ يۇرتقا قايتىپ كېلىدىغان ئىشقۇ؟ قايسى يۈزۈمىز بىلەن.... ri_P;#lz
ــ قورقىۋاتامسەن؟ cL6 6gOEL
ــ ياقەي سىزلا يېنىمدا بولسىڭىز ھېچنىمىدىن قورقمايمەن.-دىدى ئۇ ئاكامنىڭ مەيدىسىگە بېشىنى قويۇپ. w(aUEWYL
ــ قايتىپ كەلگىڭ بولمىسا كەلمىسەكمۇ مەيلى،بىرەر ئون يىل ئۆتسە بالىلارنىڭ بىرنى كەينىمىزگە سېلىپ، بىرنى يېتىلەپ، يەنە بىرنى كۆتۈرۈپ قايتىپ كەلسەك ھېچكىم بىرنىمە دىيەلمەيدۇ! fW(;
ــ يۈزى قېلىن قاقۋاش-دىدى ئۇ ئاكامنىڭ ساقاللىق ئېڭىكىنى نوقۇپ تۇرۇپ: 1Pu ,:Jt
-لىكىن مۇنداق قىلىشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟دادىڭىز تاپانچا بىلەن«پاڭ!»قىلىپ ئېتىۋىتىدىغان ئىش بولسىمۇ دەپ باقساق بولمامدۇ؟ TLy ;4R2Nn
ــ قېنى تىرىشىپ باقاي،لىكىن پايدىسى يوق...! P<8LAc$T
ــ لىكىن تىزراق جۇمۇ ئۆيدىكىلەر ئالدىرىتىپ كېتىۋاتىدۇ،مەن ۋاقتىدا جاۋاپ بەرمىسەم،ئۇلار خەخنىڭ داستىخىنىنى قوبۇل قىپ قويسا قانداق بولىدۇ؟-دىدى ئۇ تۇمشۇقىنى ئۇشلاپ. ',DeP>'%>
ــ ھەراست دىدى ئۇ كۆزلىرى نۇرلىنىپ: ــ يەڭگەم ماڭا بەك ئامراقەي،بەك كۆيۈنىدۇ،ئانامغا دىمىگەن گەپلەرنى ئۇنىڭغا دەيمەنەي دەپ يۈرەتتىڭىز ئۇنىڭ ئارقىلىق ئانىڭىزغا دىگۈزسەك بولماسمۇ؟يەنە ھېلىقى ئوماق جىيەن ئوغلىڭىزچۇ؟ ئۇمۇ تولۇقسىزنى پۈتتۈرەي دىگەندۇ؟ئۇمۇ مۇنچىلىك ئىشقا يارايدىغاندۇ؟ K/DH / r
ــ مەرداننى دەمسەن ئۇ تېخى كىچىكقۇ؟ئۇنىڭغا مۇنداق گەپلەرنى دىگىلى بولاتتىما؟نىمىلا دىگەن بىلەن بالا دە !،بولىدۇ شۇنداقتىمۇ سىناپ باقاي-دىدى ھەم ئۇلار چىڭ قۇچاقلاشتى. QI.t&sCh5
نۇرى ئاكامغا ئامراقلىقىمدىن ئۇنىڭ بۇ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىشنى ئۆزەمنىڭ چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپەم، ئاكام ئۈچۈن ئىش قىپ بېرىدىغان ئەڭ چوڭ پۇرسەت دەپ ئويلىدىمدە ئويلىنىپ تۇرمايلا چاچراپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ سىرتقا ئۆزۈمنى ئاتتىم: m^ z,,t9
ــ ئاكا ! ئەگەر سەن خىجىل بولساڭ بۇ ئىشنى ماڭىلا قويۇپ بەر بوۋامغا ئۆزەملا دەيمەن ! A5+q^t}
ئۇلار چۆچۈپ كەتكەنلىكىدىن قاتتىق ۋاقىراپ كېتىشتى،ئاندىن خۇددى توك سوقۇۋەتكەن ئەندىكىپ تۇرۇپلار قېلىشتى،قىزچىرقىرىغان پېتى ئىككى قولى بىلەن يۈزىنى توسىۋالغان ئىدى.بىر ئازدىن كىيىن نۇرى ئاكام تەستە زۇۋانغا كېلىپ: $+"qs)
ــ سەن...سەن نەدە ئىدىڭ مەردان ؟بايا –بايىقى گەپلەرنى ئاڭلىدىڭما؟ S=4R5igrC
ــ مەن... مەن ھېچنىمىنى كۆرمىدىم - دىدىم قىزىقچىلىق قىلىپ،-خاتىرجەم بول ئاكا بۇ ئىشنىچۇ ماڭا قويۇپ بەر بوۋامغا ئۆزۈم دەيمەن . YRXK@'[=
شۇندىلا قىزنىڭ قولى يۈزىدىن ئاجرىغان بولۇپ،قىزىرىپ كەتكەن يۈزى ئاپاتاپتا ئېچىلغان لەيلىگۈلدەك تېخىمۇ جۇلالانىپ كەتكەن ئىدى. q Z#!CPHS
P7'M],!9w
Q Qi@>v|d
داۋامى بار...
دېھقاننڭ مۇھەببەت تارىخى
كىچە، ھويلىنىڭ چىرىقىنى ياندۇرۇپ قويۇپ ھوجرا ئۆيگە كىرىپ دىرىزىدىن سىرىتتا قارىدىم، قار قاراڭغۇدا شۇنچىلىك چىرايلىق كۆرىنەتتىكى ھازىرلا چىقىپ شۇ ئاپپاق قار ئۈستىدە يىتىپ قار بىلەن پىچىرلاشقىم كەلدى. تۇيۇقسىز يۆتەلگەن ئاۋازنى ئاڭلاپ يىنىمغا قارىدىم. ياسىن ئىدى. ئۇ بىرنى يۆتىلەپ قويۇپ يەنە تاتلىق ئۇيقىغا كەتتى. توغرا ھازىر بىرىپ ئۇنىڭغا قوينىغا كىرىمەن. ئۇنىڭ ئۆزۈمنىڭ ئىرىم ئىكەنلىكىمگە زادىلا ئىشەنگۈم كەلمەيتتى. بىز توي قىلغىلى مانا 17 يىل بوپتۇ. بىر قىز بىر ئوغلىمىزمۇ قاتارغا قوشۇلۇپ قالدى. بۇ 17 يىل جەريانىدا ئۇنىڭ ماڭا ھەقىقى چىن قەلبىدىن بىرەر ئىغىز گەپ قىلغىنىنى بىلمەيمەن. ئۇ شۇنداق جىمغۇر، ئۇنىڭ بىلەن ئولتۇرۇپ شۇنداق پاراڭلاشقىم، قەلىب دىڭىزىدا بىر گە يۈرگۈم كىلىدۇ. بەزىدە ئۇنىڭغا قەلبىمدىكى تۇيغۇلىرىمنى سۆزلەپ بىرەي دەيمەن يەنە ئۇنىڭ شۇ مۇز چىرايىغا ئەمدىلا ئىچىلغان ئىغىزىمنى يۇمۇپ خىياللىرىمنى غايىپ قىلۋىتىمەن. oEE*H2l
ئۇنىڭ ئەتە سەھەردە چىقىپ كىتىپ كەچتە يىنىپ كىلىدىغان ئادىتى بار، مەن ئۇنىڭ نىمە ئۈچۈن شۇنچە سەھەردە چىقىپ كىتىدىغانلىقىنىڭ سىرىنى تا ھازىرغىچە بىلمەيمەن، ئىش قىلىپ توي قىلغاندىن باشلاپ ئۇنىڭ مەندىن نۇرغۇن ئىشلارنى يوشۇرغانلىقىنى كۆڭلۈم تۇيۇپلا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۇخلاۋاتقان ھالىتىگە قاراپ ئۆزۈمچە كۈلۈپ كەتتىم. توغرا ئۇ ئويغاق ۋاقىتتا ئۇنىڭ چىرايىغا تىكىلىپ قارىيالمەيمەن. ئەمدى بولسىمۇ ئۇنى ياخشى كۆرۋالاي. شۇ ۋاقىتتا ئۇ ئويغىنىپ ماڭا قاراپ قويۇپ. يەنە ئۇيىقىغا كەتتى. قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغانلىقىمنى بىلمەيمەن. تاراق تۇرۇق ئاۋاز بىلەن ئويغاندىم. ياسىن كىيىملىرىنى كىيىپ يەنە سەپەرگە تەييارلىق قىلغىلى تۇرۇپتۇ. بۇرۇن ئۇ مىڭىشتىن بۇرۇن ناشتىلىق تەييارلاپ بىرەتتىم. بۇ قىتىم قەستەنگە ئۇخلىغان قىياپەتكە كىرىپ يىتىۋالدىم. ئۇ گەپ سۆز قىلمايلا چىقىپ كەتتى. يۈرۈگۈم تىترىگەندەك، بىر نەرسىدىن ئايرىلىپ قالغاندەك، گىلىمغا بىرسى دەسسىۋالغاندەك بوپ قالدىم. يۈگۈرۈپ چىقىپ دەرۋازىنىڭ بوسوغىسىدا ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قارىدىم. ئۇ ئاپپاق قار ئۇچقۇنلىرى بىلەن تەڭ غايىپ بولدى. ھوجرا ئۆيۈمگە يۈگرۈپ كىردىم. ئۇ زادى قەيەرگە بارىدۇ. نىمە ئىشلارنى قىلىدۇ. شۇنچە يىلدىن بىرى ماڭا ھەقىقى مۇھەببىتىنى ئاتا قىلمايدۇ. Fz_SID
قەلبىمدىكى سۇئاللار بارغانسىرى كۆپەيمەكتە ئىدى. توغرا ئۇنىڭ بىر سومكىسى بار، ئۇ شۇ سومكىنى مەندىن باكلا سىر ساقلايتتى. مىنى يىقىنلاشقىلى قويمايتتى. سومكىنىڭ ئىچىدە زادى نىمە باردۇ. بىر كۆرۈپ باقاي، ئاستا سومكا بار ئۆيگە كىرىپ سومكىنى تۇتۇشۇم بلىەن يۈرۈگۈم سىلكىپ تىنىقلىرىم تىزلىشىشكە باشلىدى. ئاستا قولۇمغا ئالدىم سومكىنى ئىچىپ سومكا ئىچىدىكى سۈرەتلەرگە كۆزۈم چۈشتى. ياسىننىڭ بىر چىرايلىق پەرىزات قىز بىلەن چۈشكەن سۈرەتلىرى، ساياھەتكە چىققاندىكى سۈرەتلىرى. سۈرەتلەرنى بىر قۇر كۆرۈپ چىققاندىن كىيىن سومكا ئىچىدىكى تۈرلۈك بويۇملارنى قولۇمغا ئىلىپ سومكىدىكى خاتىرگە كۆزۈم چۈشتى. +2kJuoj:
خاتىرنى ئىچىپ چىڭ ئوتتۇرسىنىلا ئوقۇدۇم. 4VjP:>*p
ئەسسالام ياسىن ياخشىمۇ سىز؟ A0SEzX({[
سىزنى يوقۇتۇپ قويغان شۇ كۈندىن باشلاپ مىنىڭ خۇشاللىقىممۇ سىز بىلەن تەڭ غايىپ بولدى. ئويلاپ باقسام سىز مىنىڭ جىسمىم بىلەن روھىم بوپ قاپسىز، شۇ تاپتا سىزنى شۇنچىلىك سىغىندىم. قەيەردە بولسىڭىز سىزنى ئىزدەپ باراتتىم. كۈنلىرىمنى شۇنچىلىك تەستە ئۆتكۈزۋاتقانلىقىمنى بىلەمسىز، سىغىنىشنىڭ قانچىلىك ئازاب بولغانلىقىنى ئەمدى ھېس قىلۋاتىمەن. سىز بىلەن تونۇشۇپ ئۆزۈمنىڭ دۇنيادىكى بىر دىنبىر بەخىتلىك كىشى ھېس قىلغان ئىدىم. مانا ئەمدى ئەڭ قەدىر، ھېچ نىمىگە ئەرزىمايدىغان بىر نەرسىگە ئوخشاپ قالغاندەك ھېس قىلۋاتىمەن. كۈندە چىقىپ سىزنى ئىزدەيمەن. شۇ ئىنسانلار توپى ئارىسىدا پەقەت سىزلا يوق. تونۇش چىرايلا، مۇنداقلا قىلىپ قويغان سالاملار. بەلكىم ھازىر مىنى كۆرگەن كىشى ساراڭ دىيىشى مومكىن، كىشىلەر نىمە دىسە دېسۇن. مەن پەقەت سىزنىلا ياخشى كۆرىمەن. ھازىر غىرىپ خانەمدە تەنھالىققا جور بولۇپ سىزنى كۈتىۋاتىمەن. سىزنىڭ بىر كۈنلەردە ئالدىمدا پەيد بولۇپ مىنى باغرىڭىزغا چىڭ بىسىپ قەدىرلىكىم مىنى كەچۈرۈڭ، مىنى ئەپۇ قىلىڭ دەپ مەندىن كەچۈرۈم سورىشىڭىزنى ئۈمىد قىلدىم. .... l@FPTHq
خاتىرنى ئوقىۋىتىپ ئۇنىڭ ئەسلى باشقا بىر قىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدىم. شۇڭا توي قىلغان شۇنچە يىلدىن بىرى بىرەر قىتىم بولسىمۇ ماڭا ھەقىقى مۇھببىتىنى بىلەن چىراي ئاچماپتىكەندە... بەلكىم بۈگۈنمۇ شۇ قىزنى ئىزدەپ چىقىپ كەتكەن بولىشى مومكىن. .. 3,8>yf`
ئۇنى ساقلاۋاتىمەن. ئۇنىڭ ئۇنىڭ يولىغا قاراپ كۆزۈم تۆت بولدى. بۈگۈن كەچ بولمىقى ئەجەپمۇ تەسكە چۈشتى. يولغا چىقىپ قاراۋاتىمەن. ئۇ ھېچ كىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئۆيگە كىردىم چىقتىم. قولۇم زادىلا ئىشقا بارمىدى. بىر ۋاقىتلاردا دەرۋازا ئىچىلىپ ياسىن كىرىپ كەلدى. ئۇنى كۆرۈپلا ئالدىغا باردىم. ھاردىڭىزمۇ؟ }fW@8ji
ياق ھارمىدىم. gRX:i#n
قىز دوستىڭىز بىلەن كۆڭۈللۈك ئوينىڭدىڭىزمۇ؟ i0 ax`37
نىمە؟ +B$ o8V
ئۇ ماڭا سۇئال نەزىرى بىلەن قارىدى. H/>86GG
قىز دوستىڭىز بىلەن ؟ hPhNDmL#3
كىمكەن مىنىڭ قىزدۇستۇم. نەدىكى گەپنى قىلىدىكەنسەن. TY[1jW~{r
بالىلار قىنى؟ e%w>QN`
چوڭ ئۆيگە ئاپىرۋەتتىم. XUmL8
نىمىشقا؟ wSHE~Xx
ئاۋال ئۆز گپىمىزگە كىلەيلى Y,OSQBgk
مەن سومكىنى ئاچتىم، سومكىدىكى سۈرەتلەرنى، خاتىرنى ئوقۇدۇم. Ml` f+$
ياخشى قىپسەن، ئۇ مىنى يەۋىتىدىغاندەك قارىدى. ۋە ئۆيگە كىرىشكە قەدەم ئالدى. iha{(-
مەن توختاڭ گىپىمگە جاۋاپ بىرىڭ. sw{,l"]<
سۈرەتتىكى كىم. {yQeLION
بولدى بۇ گەپلەرنى سورىماڭ. F23/|q{{
ياق دەپ بىرىڭ. ئۇ جالاپ بىلەن ديىشىمەن. &K5wCNX1
قاتتىق تەككەن شاپىلاق كۆزۈمدىن ئوت چىقىرۋەتتى. jA R@?X
شۇنچە يىلدىن بىرى ماڭا قاتتىق ۋاقىراپ باقمىغان ياسىن بۈگۈن مىنى تۇنجى قىتىم تەستەك بلەن ئۇرغان ئىدى. /w0l7N
ئۇ يەنە ئۆيگە ماڭدى. m RB-}
مەن بۈگۈن گەپنى ئوچۇق قىلىڭ بولمىسا. 1J<Wth{
مىنىڭ دەيدىغان گىپىم يوق ئايشەم، بولدى خاپا بولما بىز بۇ توغۇرلۇق پاراڭ قىلىشمايلى "/Fp_g6#:
ياق ئۇ جالاپ بىلەن بۈگۈن نىمە ئىش قىلىشتىڭىز. [OBj2=
يەنە يۈزۈمگە تەكگەن شاپىلاق بىلەن يىغلىۋەتتىم y6ntGrZ}$
كۆزۈمدىن يوقال ھازىرلا چىق ئۆيدىن... 8MgoAX,p
كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشتى. خۇدايا توۋا ئۇ نىمە داۋاتىدۇ. بولىدۇ مەن يوقىلاي، بىرىپ شۇ جالىپىڭىزنى ئۆيگە ئەكىلۋىلىڭ. pOQ'k>!
تولا كاپشىما قانجۇق، ئۇ جالاپ ئەمەس مىنىڭ سىڭلىم. ئۆمرۈمدە مەن ياخشى كۆرگەن، ھەم مەڭگۈ مەن يات ئىتىدىغان بىر دىنبىر قەدىردانىم. 4`5jq)
نىمە ئۇ سىزنىڭ سىڭلىڭىزما؟ v;" [1w}
ئۇ راس مىنىڭ سىڭلىم، لىكىن ئۇنى ياخشى كۆردىغان قىز دوستۇم ياكى سىڭلىم دىيىشنى بىلمەيمەن. dABmK;
نىمىشقا. @0A7d $J(
بولدى بۇ ئىشلارنى سورىما؟ kFmd):U!R
كەچۈرۈڭ، سىزنىڭ ئۆتمىشىڭىزنى بىلمەيمەن. بىر ۋاقىتلاردا سىز ئىمتىھان بىرىپ يىزىمىزغا شان شەرەپ ئىلىپ كەلدىڭىز. تۇنجى بولۇپ، كەنتىمىزدىن شەھەردە ئوقوغان ئادەم بولدىڭىز. كىيىن كادىر بولدىڭىز. قانداق قىلىپ ھازىرقىدەك سەھرادا مەن بىلەن دېھقان بوپ قالغانلىقىڭىزنى تا ھازىرغىچە سوراي دىدىم لىكىن كۆڭلىڭىزگە ئازار بەرمەسلىك ئۈچۈن سورىيالمىدىم. بىشىڭىزدىن كۆپ ئىشلارنىڭ ئۆتكەنلىكىنى بىلىمەن. شۇ سەۋەبتىن بولسىمۇ بەلكىم سىز جىمغۇرلۇق روھى ھالەت شەكىللەنگەن بولىشى مومكىن. @.ebQR-:H
بۈگۈن ئۇقۇشماسلىق بولدى، سىزنىڭ قەلبىڭىزگە ئازار بەردىم. مەن سىزنىڭ ئايالىڭىز تۇرۇپ بۇنداق يۈرىشىڭىزنى خالىمايمەن. سىزمۇ ئىنسان سىزنىڭ كۈلۈپ ياشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇنىڭدىن كىيىن بۇنداق ئۇقۇشماسلىقلارنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن. مىنى كەچۈرۈڭ ياسىن... خالىسىڭىز ماڭا بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى دەپ بىرىڭ. مەن بەلىكىم قەلبىڭىزنىڭ تۆرىدىغان ئورۇن ئالغان شۇ قىزچىلىك بولالمىساممۇ، لىكىن سىزگە قانداق كۆيىنىشنى، مىھىر مۇھەببىتىم ئارقىلىق قەلبىڭىزدىكى دىل ئازابىنى يۇيۇشنى ئۈگىنەي. s 7re
ياسىن مەردانە قىياپەتتە چوڭقۇر تىنۋىتىپ بولدى سورىماڭ. مىنىڭ دىگىم يوق. d{2+> >d
كۆزۈم قۇرىمىغان ئىدى.ئۇ ئۆيگە مىڭىشقا تەمشەلدى. مەن ئۇنىڭ قولىدىن تارتىۋالدىم. ئۇ مىنى سىلكىۋەتتى. wjW>#DE
مەن ئۇنىڭ پۇتىغا ئىسىلدىم. ئۆمرۈمدە تۇنجى قىتىم بەلىكىم ئىنسان ئالدىدا بۇنچىلىك خار بولىشىم مومكىن. pMM,ox"
خوش بولاي ياسىن ماڭ ھەممە قەلىب سىرلىرىڭىزنى ئىيتىپ بىرىڭ بولامدۇ؟ ?#"rI6
ئۆيگە كىرىڭ دەپ بىرەي. WGFp<R
ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆيگە كىردىم. @~% R%Vu
ئۇ سۆزىنى باشلىدى. ~*RG|4#
بىلەمسەن قوشنا مەھەللىمىزدە بىر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ بار، مەن تولۇقسىزغا چىققان يىڭى ئوقۇش يىلى ئدى . ئوقۇش باشلىنىپ يىرىم ئاي بولغاندا سىنىپىمىزغا بىر قىز كەلدى. ئۇنىڭ ئىسمى پەزىلەت ئىدى. ئۇنىڭ ئوقۇشى ياخشى ئىدى. لىكىن ئۇنىڭ مىجەزى بەكلا توڭ بولۇپ ئادەتتە بىز سەھرالىق بالىلارنى ياقتۇرمايتتى. ئۇ بۇرۇن شەھەردە ئوقۇپ دادىسىنىڭ خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ يىزىدا ئوقۇشقا مەجبۇر بوپتۇ. سىنىپىمىزدىكى بالىلار ئۇنىڭ بىلەن دوس بولۇشقا شۇنچە تىرىشقان بولسىمۇ لىكىن مەغلۇم بولدۇق. بىز دەم ئىلىش كۈنلىرى مەھەللىمىزدىكى دەريا بويىدا بىر يەرگە يىغىلىپ ئوينايتتۇق، شۇ ۋاقىتتا مەن پەزىلەتكە بىز ئەتە دەريا بويىچە چىقماقچى خالسىڭىز بىرگە چىقىڭ، بەلىكىم كۆڭلىڭىز ئىچىلىپ قالار. يالغۇز ياشىسىڭىز بەللا بۇرۇخدۇرۇم بوپ قالىسىڭىز. بىلەمسىز بىز سەھرالىق بالىلار ئەسكى ئەمەس. دوسلۇققا بەك ئەھمىيەت بىرىمىز. لىكىن سىز ئۆزىڭىزنى بىزدىن بەكلا ئىلىپ قاچتىڭىز. Xh"JyDTj3
كەچۈرۈڭ، ئەتە چوقۇم چىقاي. 3wK{?
ئەتە مەھەللىمىزدىكى بالىلار دەريا بويىچە يىغىلدۇق. بىرسمىز ئۆيدىكى ئۈرۈك قىقى ئىىپ چىقساق بىرسىمىز شاپتۇل قىقى، يەنەبىرسىمىز، قوغۇن، تاۋۇز ئىلىپ چىقساق، قىزلار ئۆيىدىن مانتا دىگەندەك تاماقلارنى ئىتىشىپ ئىلىپ چىتقى. بىركەمدە پەزىلەتمۇ كەلدى. بىز ئولتۇرۇشۇپ مەڭتەپتىكى پاراڭ، ئائىلىمىزدىكى تۈرلۈك قىزىقارلىق پاراڭلارنى قىلىشتۇق. بىردەم دەريانى بويىنى ئايلانساق بىر ھەرخىل ئويۇنلارنى ئويناتتۇق. بىركەمدە پەزىلەت، كەچۈرۈڭ ياسىن مەن ئەسلى شۇنداق بىر توپتىن ئايرىلىپ قالغىلى تاسلاپ قاپتىمەن، سىلەردىن كەچۈرۈم سورايمەن. بۇنىڭدىن كىيىن بىز دوس بولايلى. سىز بەك ياخشى، سىز بەك سەمىمى ئىكەنسىز... مەن ھاياتىمدا بۈگۈنكىدەك خۇشال ئويناپ باقمىغان. سىلەر ماڭا خۇشاللىق ئاتا قىلدىڭلار... r'xZF~}k"~
مانا شۇنىڭدىن كىيىن بىز پەزىلەت بىلەن بىرگە ئۈگۈنۈش قىلىدىغان، ئۆز ئارا ھەمكارلىشىدىغان بولدۇق. ئىشقىلىپ قاچانلا بولسۇن بىر بىرىمىزدىن ئايرىلالمايتتۇق. O?e38(
بىر كۈنى ئۇ ماڭا قولۇمنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ، ياسىن كۆڭلۈم شۇنداق يرىم. 9}4P%>_
نىمىشقا. دادامنىڭ خىزمىتىنى يۆتكىلىدىكەن. شۇڭا مەنمۇ شەھەرگە كىرىپ ئوقۇيدىغان بوپ قالدىم. ئەتە مەكتەپكە كىلەلمەيمەن. لىكىن سىزنى بولۇپمۇ ساۋاقداشلارنى ئۇنتۇپ قالمايمەن. بۇ قەلەم سىزگە قىلغان سوۋغام بولسۇن. بۇ قەلەم بىلەن ئۈگۈنۈش قىلىپ ياخشى نەتىجىگە ئىرىشىڭ. مەن بۇ راسما؟ 0zfh:O
راس. مىنىڭ راسلا سىلەردىن ئايرىلغىم يوق. لىكىن مىنى كەچۈرۈڭ. 7l}P!xa&
مەن بوينۇمدىكى كۆك رەڭلىك قاشتاشنى ئۇنىڭغا بەردىم. بۇنى مەڭگ ساقلاڭ، بۇ بىزنىڭ دوسىتلىقىمىزنىڭ يالدامىسى بولسۇن شۇندا سىز مىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالميسىز. Rd~-.&
ئۇ قاشتاشنى خۇشاللىق بىلەن ئىلىپ ئۇنى قولىدا چىڭ سىقىندىغىچە كۆزۈمدىن غايىپ بولدى. &}:'YK*X
ئەتىسىدىن باشلاپ ئۇ ئىككىنچىلەپ مەكتەپتە پەيدا بولمىدى. _u TaN
ئۇنىڭسىز كۈنلەر ماڭا بەكمۇ مەنىسىز تۇيۇلدى. بىر مەزگىل ئۈگۈنىشىمگىمۇ تەسىر يەتتتى. d-Vttxa6
ئارىدىن 7 يىل ئۆتۈپ كەتتى. مەنمۇ ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرۇپ خىزمەتكە چىقتىم. :YaEMQJ^
wdg,dk9e$
لىكىن قەلبىمدا ھامان ئۇنى ئەسلەپ تۇردۇم. ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ئالدىمدا پەيدا بولۇشنى ئويلىدىم. قەلبىمدە ئۇنڭىدىن باشقا بىر قىزنى ئەسلا پاتقۇزمىدىم. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە مىنىڭ دوستۇم رەيھانگۈل ئۆزىنىڭ بىر ساۋاقدىشىنىڭ خىزمىتنىڭ بۇ ناھىيگە يۆتكىلىپ كەلگەنلىكىنى، ئۇنى مېھمان قىلماقچى بولغانلىقىنى، مىنى بىرگە بىرىپ بىرىشىمنى ئىيىتتى. ياق دىسەم تىنماي تىلىفۇن قىلاتتى. تىلىفۇننى تاقىۋەتسەم ئىشخانامغا ئىزدەپ كىلەتتى. ئۇنىڭ مىجەزىنى ئوبدان بىلگەچكىمۇ بىرىپ كۆرۈشۈپلا يىنىپ كىلەي دەپ ئويلىدىم. رەيھان بىلەن كۆرىدىغان ئورۇننى ديىشۋالغاندىن كىيىن شۇ يەرگە بەردىم. قىنى دوستۇم كىلىدۇ دەۋاتقان ئىدىڭىز كەلمىدىمۇ؟ 2F9Gx;}t5=
ئۇ ھازىر كىلدۇ. بىر نەرسە سىتىۋالغىلى كەتكەن ئىدى. EH{m~x[Ei
ئۇنىڭغىچە بىز رەيھان بىلەن ئۆز گىپىمىزنى قىلىشىپ تۇراتتۇق. رەيھاننىڭ دوستى كەلدى. كۆزۈم ئۇ قىزغا تىكىلدى. ئەجەپ تونۇش چىراي، ئەجەپ تونۇش كۆزلەر. خۇددى بىر يەردە كۆرگەندەك، ئۇزۇندىن بىرى مەن كۈتىۋاتقان بىرسىنى كۆرگەندەك. ئىچىمدە ئويلىدىم ئەجەپ پەزىلەتكە ئوخشايدىكەن. MH@=Qqx#=t
تاماق يىمەيلا قايتاي دەپ ئويلىغان لىكىن ئۇنداق قىلغۇم كەلمىدى. ئاشخانىغا كىردۇق. رەيھاننىڭ دوستىمۇ بەكلا جىددىيلەشكەن چىغى بىردەمدە تەرلەپ بىلىپ تۇرىمەن ئۇنىڭ ئىغىزىمۇ گەپكە كەلمەيتتى. قەلبىدە بىر نەرسىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقى ماڭا ئايان ئدى. تۇرۇپ ئۇنىڭ كۆزلىرى بىر نوقتىغا تىكىلىپ قالاتتى. سىرىتقا دۇنيا بىلەن ئالاقىسى تاماق تۈگىگەندەكلا. رەيھاننىڭ تايىنى يوق گەپلەرگىمۇ كۈلىدىغان كۈلكىسى پەزىلەتنىڭ خىيالىنى چىچىۋەتتى. مەن پەزىلەتنىڭ كۆزلىرىگە قارىدىم. ئۇمۇ ماڭا كۆزىنىڭ قۇيرىقىدا قاراپ دېھققەت قىلۋاتاتتى. ئىككى كۆز ئۇچراشقان ۋاقىتتا تۇيۇقسىز پەزىلەت كۆزىنى مەندىن ئىلىپ قاچتى. lz2B,#
كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرىدۇ. ئۇ ئىنىقلا پەزىلەت. Xc"l')1H
مەن رەيھاندىن سورىدىم. بۇ دوستىڭىزنىڭ ئىسمى نىمە؟ `{w.OK
رەيھان ھە كەچۈرۈڭلار تونۇشتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. بۇ دوستۇمنىڭ ئىسىمى پەزىلەت، ناھىيلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىغا يىڭىدىن يۆتكىلىپ كەلدى. BfZAK0+*$
بۇنىڭ ئىسمى ياسىن. ناھىيلىك سوت مەھكىمىسىدە خىزمەت قىلىدۇ. /+^7lQo]
بىز يەنە قايتىدىن بىر بىرىمىزگە قاراشتۇق. UrtA]pc3L
مەن قەستەن يىنىمدىن پەزىلەت سوۋغا قىلغان قەلەمنى ئالدىم. ئۇنى شۇنچە يىلدىن بىرى يىنىمدىن بىردەممۇ ئايرىمىغان ئدىىم. f_A'.oq+
پەزىلەت تۇيۇقسىز قەلەمنى قولۇمدىن ئالدى. ئۇ قەلەمگە بىر ھازا قارىغاندىن كىيىن ئاستا قولۇمغا قايتۇرۇپ بەردى. WUOoK$I~K
مەن سورىدىم.
پەزىلەت سىز تولۇقسىزنى قەيەردە ئوقوغان. dy/>hu
ئۇ ناھىيدە. l0Rjq*5hJ
ئارىش مەھەللىسىنى بىلەمسىز؟ Z;M}.'BE
نە ئۇ ئارىش مەھەللىسى. WX.6|
ھە كەچۈرۈڭ ئەمەسە. ])`+ 78
قايتا سورىمىدىم z!`aJE/
قەلبىم ئارىش مەھەللىسىگە، ئارىش دەرياسى بويىدىكى شوخ كۈلكىلەرگە كەتكەن ئىدى. NsbC0xLd
ئەتىسى مەن رەيھانغا تىلىفۇن قىلدىم. بۈگۈن بىز سەھراغا چىقىپ ئويناپ كىلەيلى. E2.@zY|:
رەيھان خوش بوپ كەتتى. ئۇنداق بولسا پەزىلەتنىمۇ بىرگە ئىلۋالساق قانداق؟ m@(8-_
ئەلۋەتتە بولىدۇ. j&6O 1
مەن ماشىنىنى تەييارلاپ كۆرىدىغان يەرگە كىلىپ تۇردۇم. (29h{=P'
رەيھان پەزىلەت بىلەن كۈلگەن پىتى كىلۋاتاتتى. كۆزۈم پەزلەتكە تىكىلدى. ئۇنىڭ شۇ كۈلكىسى ئەجەپ تونۇش كۈلكىلەر. ئۇنىڭ مىڭىشلىرى. ھەي... |[6jf!F
ئۇلار كەلدى. 3)D'Yx
ئۇلار ماشىنىغا چىققىپلا رەيھان، ۋاي نىمانداق بىلىق پۇرايدۇ. aC!e#(q
ھە بىلىق ئىلۋالدىم سەھرادا ئوتق بىلىق قاقلاپ پۇشۇرۇپ يىسە بەك تەملىك، ھەم كۆڭۈللۈك بولىدۇ. *yx5G-#?
ياخشى ئويلاپسىز. Z~XZ.
مانا بىز ئارىش دەرياسى بويىغا يەنە بىز بۇرۇن بالىلىقتا ئوينايدىغان دەريا بويىغا چىقتۇق. 3EY>XS
بىز دەريا بويىدىن ئوتۇن تىرىپ بىلىقنى پۇشۇرۇپ يەپ بولغاندىن كىيىن دەرياغا پۇتىمىزنى چىلاپ ئولتۇردۇق. eT!*_.' e
ئۇنىڭغىچە رەيھان بىر يەرلەرگە بىرىش ئۈچۈن كىتىپ قالدى. ?$chO|QY
مەن پەزىلەتتىن سورىدىم. 'R-Ly^:Qd
سىز بۇ يەرگە كەلگەن شۇنداقمۇ؟ g$^:2MT"aQ
ياق. 2`Dqu"TWh
سىز قەلبىڭىزدىكى گەپنى دەڭ راس سىز بۇ يەرگە كەلگەنمۇ، تولۇقسىزنى مۇشۇ يەردە ئوقوغان بىر مەزگىل بولسىمۇ؟ Z 91{*?
ياق. *A^`[_y
بوينىڭىزدىكى كۆك رەڭلىك قاشتاشنى كىم بەرگەن. +VSq[P
ئۇ جىدىيلىشىپ كەتتى. },]G +L;R
پەزىلەت؛ بولدى مىنى قىينىماڭ ياسىن، مەن بۇ يەرگە كەلگەن، بۇ يەردە ئوقوغان بالىلىقتىكى، ياق ھاياتىمدىكى ئەڭ خۇشال ۋاقىتلار، ئەسلىمىلەر بۇ يەردىن باشلانغان ھەم بۇ يەردە ئاخىرلاشقان. ھەم مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىشىنى بۇ يەردە قالدۇرپ نەچچە يىل ئۇنى كۈتۈش، ئەسلەش بىلەن كۈنلىرىمنى ئۆتكۈزگەن. 8*bEsc|
مەن ياسىن، مىنى تونىدىڭىزمۇ؟ شۇ ۋاقىتتا شۇنچە يىلدىن بىرى مەن كۈتكەن، مەن ئىزدەۋاتقان قىزنىڭ ئالدىمدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ خو ش بولدىم. w'r?)WW$
مىنى تونىدىڭزمۇ؟ qN=l$_UD
تونىدىم. 7{BTtUMAC
ئەمسە؟ swTur
كەچۈرۈڭ، سىزنىڭ قىز دوستىڭىز بار ئىكەن. رەيھان سىزنى ياخشى كۆرىدىكەن. cWU9mzsE
ئۇ مىنى ياخشى كۆرگەن بىلەن مەن ئۇنى ياخشى كۆرمەيمەن. مەن نىيىتىمنى بۇرۇنلا ئىيىتقان رەيھانغا.
لىكىن ئۇ سىزنى ياخشى كۆرىدىغان تۇرسا، ئۇمىنىڭ دوستۇم. L ,/(^0;
مەن پەقەت سىزنىلا ياخشى كۆرىمەن سىزنى شۇنچە ئۇزۇن يىلدىن كۈتتۈم، ئەمدى سىزدىن ئايرىلغىم يوق. x & ZW f?
ئۇ دىگەن بالىلىقتىكى دوسىتلۇق. ئۇ ھەرگىزمۇ مۇھەببەت ئەمەس. qib4DT$v-6
بەلىكىم شۇ ۋاقىتلاردا دوسلۇق بولىشى مومكىن، لىكىن مەن قەلبىدە ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان پەزىلەتنىڭ ئوبرازىنى ئاللا بۇرۇن يارىتىپ بولغان، ئەمدى ھېچكىم بۇ ئوبرازغا رول ئالالمايدۇ سىزدىن بۆلەك. n5U-D0/Q
ئۇنڭغىچە رەيھان كەلدى. RG8Ek"D@
,7/F?!G!J
ۋاي ۋوي سىلەر ئەجەپ ياخشى پاراڭغا چۈشۈپ كىتىپسىلەرغۇ؟ ytyX:e"
مەن بۇ يەردىكى ئىشلارنى پەزىلەتكە دەپ بىرۋاتقان شۇڭا؟ v?L`aj1ox
رەيھان پەزىلەتكە ۋاي ئۇنىڭ بۇ يەردىكى تۇرمۇشى كۆڭۈللۈك. ئاڭلا ۋەرسىڭىز باللىققا قايتىپ ھاياتىڭىزنى سەھرادا ئۆتكۈزگىڭىز كىلىدۇ. بولدى ئاڭلىماڭ. Nu[0X
ھەمىمىز كۈلۈشكەندىن كىيىن ئورنىمىزدىن تۇردۇق. مەن ئۇ ئىككىسىگە بىردەم دەريا بويىنى ئايلىنايلى. بۇ يەرنى ئايلانسام بالىلىقتىكى ئۆتمۈشۈم ئىسىمگە كىلىدۇ. قەلبىم ئىچىلىپ قالىدۇ. 5faY{;8
O?OG`{k
بۈگۈن كەچنىڭ قانداق بولغانلىقىنى بىلمىدۇق. بىر ۋاقىتلاردا كەچ بولغانلىقىنى ھېس قىلىپ ناھيە مەركىزىگە قاراپ يول ئالدۇق. TOpPSYbl
ئەتىسىدىن باشلاپ بىزنىڭ ئالاقىمىز باشلاندى. بىز دوسىتلۇقنى قايتا باشلىدۇق. شۇنىڭدىن باشلاپ كۆڭلۈمدىكى غەم ئەندىشىلەر يوقالدى. قەلبىمنى بىسىپ كىلۋاتقان يۈكلەر، كۆز ئالدىمدىكى ',l}$]y5
قارا تۇمانلار غايىپ بولغان ئىدى. شۇ نىڭدىن باشلاپ ھاياتتىكى خۇشالىقنى ھېس قىلىشقا باشلىدىم. @?QZX(H
تۇيۇقسىز مىنى ئىدارىدىن يىرىم يىللىق بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ بىشىم قاتتى. E5.@=U,c
مەن پەزىلەت بىلەن كۆرۈشتۈم ئۇ مىنىڭ چىرايىمنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى كۆرۈپ، نىمە بولدى ياسىن؟ pRc
ئىدارىدىن بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىدىكەن. Z` zyE P A
ئۇنداقتا ياخشىغۇ. di|5|bn7
نىمىسى ياخشى. بىرىنچىسى سىزدىن ئايرىلىمەن. يەنە بىرسى ئۆيدە دادام يالغۇز قالىدۇ. دادامدىن ئەنسىرەيمەن، ھالىدىن قانداق خەۋەر ئالىدۇ. ;-"'sEu}
ئۇ ئىككىلەنمەيلا خاتىرجەم بولۇڭ، ئۆيىڭىزنى كۆرسىتىپ قويۇڭ، دادىڭىزنىڭ ھالىدىن مەن خەۋەر ئالاي. F- l!i/
بۇ؟ Bxf]Lu,U@
ئۇنىڭغىچە پەزىلەت بولدى گەپ قىلماڭ شۇنداق بولسۇن، ھازىر ئۆيىڭىزگە بارايلى. ~uY);
ئۆيگە كەلدۇق. ئۇنىڭغا ئۆي مۇشۇ دادام بىلەن بىرگە تۇرىمەن. ئانام ئۆلۈپ كەتكەن. دادام مىنى ئوقۇتۇپ قويدى. ئۇنىڭدىن ياخشى خەۋەر ئالمىسام بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس. شۇڭا بەزىدە سىز بىلەن كۆرۈشمەي ئۆيگە كلىپ تاماق ئىتىپ دىگەن ئىشلارنى ئۆزۈم قىلىمەن. Kn`-5{1B|
پەزىلەت ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرىگەندىن كىيىن ئۆيگە كىردى. ئۇ ماڭا ۋاي بۈگۈن قۇرۇق قول كەپتىمەنغۇ. ]s>y se
ۋاي ئارتۇقچە تۈزۈت قىلماي كىرىۋىرىڭ. " LkI'>3}
ئۆيگە كىردۇق، ئۇ دادامغا ئەدەپ بىلەن سالام قىلغاندىن كىيىن دادامدىن ھال ئەھۋال سورىدى. مەن سىرىتقا بىر نەرسە ئالغىلى چىقىپ كەتتىم، كىرسەم ئىككىسى قىزىق پاراڭغا چۈشۈپ كۈلىشىپ كىتىپتۇ. rZkl0Y;n
ئۇ ئىككىسىنىڭ ئۇ ھالىتىنى كۆرۈپ شۇنداق خوش بولدىم. cIB[D.
بىلىم ئاشۇرۇشقا كەلگىلىمۇ بىر ئايدىن ئاشتى. gK",D^6T*Y
ئۇنىڭغىچە دادام تىلىفۇن قىلىپ پەزىلەتنىڭ ئۆزىنى قانداق كۈتكەنلىكى، ئۇنى ئۇنداق ياخشى دىسە، بۇنداق دەپ ماختاپلا يۈردى. nmy!.0SQ-
بۇ يەردىكى بىلىم ئاشۇرۇش مەزگىلىم شۇنداق زىرىكىشلىك ئۆتتىكى ئاران تۈگەتتىم. بەلكىم بۇ ۋاقىتتا دادام بىلەن پەزىلەتنىڭ ئوتتۇرسىدا بىر بىرىگە بولغان چۈشەنچە ئايدىڭلاشقان بولىشى مومكىن. 5o2vj8::
مانا يۇرتقا قايتىپ كىتىپ بارىمەن. كۆز ئالدىمدا پەزىلەتنىڭ چىرايى، ئۇنى خىيال قىلىپلا كىتىپ بارىمەن. -XMWN$Ah
شۇ تاپتا سىنى سىغىنىش بىلەن ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىمنىڭ بەدىلىگە سىنى چوقۇم بەخىتلىك قىلىمەن دەيمەن ئۆزۈمگە. z8*{i]j
بىكەتكە كىلىشىمگىلا پەزىلەت ئالدىمغا چىقتى. ئۇنىڭ بىلەن ھال ئەھۋال سوراشقاندىن كىيىن ئۇ ماڭا بەكلا جۈدەپ كىتىپسىز، تاماقنى ۋاقتىدا يىمەي دىگەندەك غۇدۇراشلىرى باشلاندى. |L%d^m
مەن ئۇنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ، بىلەمسەن، سەن يوق كۆڭلۈم جايىدا ئەمەس، سىنى تولا ئويلاپ گىلىمدىن غىزا ئۆتمىدى. خۇدا بۇيرىسا سەندىن ئايرىلمايماي ياشايمەن بىلەمسەن. Mx_O'D
(داۋامى داۋاملىق يوللىنىدۇ) WOR H4h9 مەنبەسى مىسرانىم تورى


دوستلىرىم
رەسىملىرىم
سۆز قالدۇرۇش
- ئەسسالام ئەلەيكۇم ياخشىم سىز مىنى دوسلۇققا قۇشۋالسىڭىز
- سۆز قالدۇرۇلغان ۋاقىت :2012 - يىلى 05 - ئاينىڭ 13 - كۈنى سائەت 19 دىن 05 مىنۇت
- ئەسسالاممۇ ئەلەيكۈم ______ياخشىمۇ سىز،سىزنى يوقلاپ كەلدىم،،
گۇزەل دىياردا گۇزەل ئارزۇ-ئۇمۇت بەخىت-ئامەت مەڭگۇ سىزگەيار بولسۇن،
____________ بىز تاراپ كىمىۇ بىرىڭ ماقما________________
___ كىلىشىڭلانى ____قەتئى ___قارشى____ ئالىمەن__ ئاينا_____
. - سۆز قالدۇرۇلغان ۋاقىت :2012 - يىلى 05 - ئاينىڭ 11 - كۈنى سائەت 15 دىن 07 مىنۇت
- _________主页iSiL__________
_________Music好听_________
_________真的iSiL__________
_________DaWaMLiK_________
_________TiRiXinG_________
_________Go_Go_Go_________
_________有空_常来_________
_________我的_主页_________ - سۆز قالدۇرۇلغان ۋاقىت :2012 - يىلى 03 - ئاينىڭ 22 - كۈنى سائەت 14 دىن 33 مىنۇت
- ئەسسالاممۇ ئەلەيكۈم ياخشىمۇ سىز،
مەن سىزنى يوقلاپ كەلدىم،ياخشى تۇرۋاتامسىز،؟
ئولۇغ اللە سىزگە تىنىچ-ئامانلىق ئاتا قىلسۇن،
خالىسىڭىز دوستلۇققا قۇشۇپ قۇيۇڭ دوستۇم،!
ئەگەر ۋاختىڭىز بولسا بىز تەرەپكىمۇ كەپتۇرۇڭ - سۆز قالدۇرۇلغان ۋاقىت :2012 - يىلى 03 - ئاينىڭ 18 - كۈنى سائەت 12 دىن 14 مىنۇت
- ئەسسالام دوستۇم ، سىزنى.يوقلاپ كەلدىم ؛بىزگە يوقلۇقتىن بار قىلىپ ئېسىل نازۇ نىممەتلەرنى بەرگەن ئاللاھنىڭ سالامىنى سىزگە ئېلىپ كەلدىم ؛ئۇلۇغ اللە ئائىلىڭىزگە بەركەت،تۇرمۇشڭىزغا خاتىرجەملىك،دىلىڭىزغا ئىمان،كۆڭلىڭىزگە ئىنساپ ئاتا قىلسۇن.
- سۆز قالدۇرۇلغان ۋاقىت :2012 - يىلى 03 - ئاينىڭ 08 - كۈنى سائەت 22 دىن 18 مىنۇت
قىسقىچە ماتىريالىم
- ئىــــسمـى :
- sirdax
- سالاھىتى :
- ئادەتتىكى ئەزا
- دەرىجىسى :

- يېشـــــى :
- 24
- جىنســى :
- ئەپەندىم
- چـى چــى :
- 1517732827
- يــــۇرت :
- ئاقسۇ شەھىرى
- تەۋەلىكى :
- ئاقسۇ شەھىرى
- ئـاۋاتلىقى :
- 291315
- بېكەت پۇلى :
- 395
- تورھالىتى :
- يوق
- تىزىملاتقان :
- 14:49 29-07-2010
- پــائــالىيەت :
- 14:34 05-09-2011
- باش بەت قىلىۋېلىش
- ساقلىۋېلىش
- دوسىتقا قوشۇش
- ئۇچۇر يوللاش
تەۋسىيە قىلىنغان ئەزالار
بېكەت ئۇقتۇرىشى
ھەر كۈنى كەچ سائەت 11 دىن ئەتە ئەتتىگەن سائەت 5 كىچە بولغان ئارلىقتا پائالىيەت قىلىش چەكلەندى
ياخشى بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ سالامەتلىكىڭىزگە كۆڭۈل بۆلۈڭ
زىيارەتچىلەر