چۈشۈنۈپ ئۇقۇڭ { ئىسىل شاھزادە }

 

مەنبە: كىرورەن~قىزى 

ئىجادىيىتىم.


مەن بۇ شئېرىمنى 2009-يىلى باشقا تور بەتلەردە <لەنەت دېمەڭ ئۇيغۇر قىزىغا> دىگەن تېمىدا ئېلان قىلغان بىراق خاتىرەمگە كۆچۈرۈپ ساقلقمىغانلىق تۈپەيلى ئەسلى نۇسخىسىنى يۈتتۈرۈپ قويدۇم .بۈگۈن يەنە قايتىدىن رەتلەپ يېزىپ چىقتىم .بۇ پەقەت ببىرقىسىم تورداشلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىغا قىلغان ھاقارىتىگە بولغان قايتۇرمام

توغرا چۈشنىپ ئوقۇشىڭىزلارنى ئۈمۈت قىلىمەن: 

لەنەت دېمە ئۇيغۇر قىزىغا،
ئازار بېرىپ ئۇلار دىلىغا.
يىگىت تۇرۇپ تاشلىغان سەنمۇ،
شۇ قىزلارنى ھىجران ئوتىغا.
 
 
لەنەت دېمە ئۇيغۇر قىزىغا،
تىل تەككۈزۈپ ئەلنىڭ قىزىغا.
ئۇ بولمىسا نە بولسۇن ھوزۇر،
ئېغىز تېگەلمەي ئۇيغۇر ئېشىغا.
 
 
لەنەت دېمە ئۇيغۇر قىزىغا،
مۇھەببەتنىڭ گۈلتاجىسىغا.
قىزلار بولغاچ گۈزەلدۇر ئالەم،
ھۆرمەت قىلغىن قىز غورۇرىغا.
 
 
لەنەت دېمە ئۇيغۇر قىزىغا،
سۆيۈپ تۇرۇپ بەرگى لېۋىغا.
بېزەڭلىك قىپ سورىما ئىپپەت،
كىم ئىشىنەر يىگىتلىقىڭغا.
 
 
لەنەت دېمە ئۇيغۇر قىزىغا،
تىل تەككۈزۈپ ئەلنىڭ قىزىغا.
سوراپ باقاي كۆيەلەمسەنكىن،
سېرىق چاچلىق چەتئەل قىزىغا.
 
 
يىگىتىنى ئەتىۋارلايدۇ،
ئۇيغۇر قىزى جېنىنى بېرىپ.
تۇتقۇزىدۇ ئالقىنىڭغا ئۇ،
ساداقەتلىك يۈرەكنى يېرىپ.
 
 
ئويلاپ كۆرگىن گۇناھ ھەممىسى،
شۇ بىچارە قىزچاقلاردىمۇ؟
سۆكۈپ -تىتىپ يازىسەن ئۇنى،
<قىزلار پاھىشە بۇلۇپ كەتتىمۇ؟>
 
 
قېنى دەپباق قىزلار ئۆز ئارا،
سېسىق پاھىش بولالايتتىمۇ؟
پاھىشخانىغا بارمىساڭ ئۆزەڭ،
پاھىشخانا تاقالمايتتىمۇ؟
 
 
سېرىق چاچلىق قىزلارغا كۆيسەڭ،
ئۇيغۇر قىزى ياغلىقنى ئالدى.
كۆيگەن بولساڭ مودىلىق قىزغا،
ئۇيغۇر قىزى ئەتلەسنى سالدى.
 
 
سۈكۈت قىلىپ تۇردىغۇ يەنە،
مەست بوپ قالساڭ قۇسۇقلىرىڭغا.
بىر جېنىڭغا قوشلاپ يارتۇتقان،
چەكتىن ئاشقان خۇلۇقلىرىڭغا.
 
 
چوڭلار ئېيتقان :<بېشى لاي سۇنىڭ،
ئاخىرىمۇ سۈزۈك بولمايدۇ.
سەن باشلىغان ئەسلى بۇ يولنى،
قىزغا لەنەت دېسەڭ بولمايدۇ.
 

مەنبە:ئىجادىيىتىم.
كىرورەن~قىزى

 
 

 يىگىت دىگەن   { ئىسىل شاھزادە }

ئاتىسىنى قاقشاتمايدۇ يىگىت دىگەن،
ئانا كۆڭلى ئاغرىتمايدۇ يىگىت دىگەن.
ئاتا-ئانا بۇيرىسا گەر بىرەر ئىشنى،
بۇيۇن تولغاپ تۈرمەس قاپاق، يىگىت دىگەن.


 

ئاخشاملىرى ئۆيگە كىرمەي ئىچىپ ھاراق،
تار كوچىغا كىرىۋېلىپ تارتىپ قاپاق.
جىدەل قىلماس كۈندە بەشۋاخ تېرىپ چاتاق،
شەيتانلارغا بەزمە تۈزمەس، يىگىت دىگەن.

 

بار بىساتنى سېتىپ كۈندە ئويناپ قىمار،
ئوغرى بولۇپ قۇلۇپ چاقماس بولسا زاۋال.
نوچى مەن، دەپ ياۋاشلارغا قىلىپ ئۇۋال،
مىسكىن دىلنى رەنجىتمەيدۇ، يىگىت دىگەن.

 

ئەل-يۇرتىنىڭ بېشىغا كۈن چۈشسە ھەييار،
بولۇپ قاچماس، ئۆز جېنىنى ساقلاپ ئاۋۋال.
قانخور قېلىچ باش كىسىشكە تۇرسا تەييار،
ھەقنى ھەق دەپ تۇرالايدۇ، يىگىت دىگەن.

 

پۇل بەرگىن! دەپ ئانىسىغا تەھدىت سېلىپ،
ئاق چەكمەيدۇ كۈندە كۆپلەپ پۇللار ئېلىپ.
پۇتنى تۇتار تۆرگە ئۇرۇن-كۆرپە سېلىپ،
دۇئاسىنى ئالار كۆپلەپ يىگىت دىگەن.

ئاپتور: سەنسىز 0903

 

 ئېچىنىمەن بۇئەپتىڭگە ئۇيغۇر يىگىتى

قەددى-قامەتلىك،شىرمەت ئۆزلىرى،
ئادەمنى سۈيۈندۈرەر،ھەم سۆزلىرى.
مانا ئەمدى يۈرەر،كۇلۇب،ئىچىپ ھاراق،
ئېچىنىمەن بۇ ئەپتىڭگە، ئۇيغۇر يىگىتى.

 

يوللاردا ئۇنۇڭ-بۇنۇڭغا قاراشلىرىڭنى،
ۋاي ئىستېخى،قالايمىقان چاخ-چاقلىرىڭنى.
نۇمۇس تېخى ، يانچۇقلارنى كولاشلىرىڭنى،
ئېچىنىمەن بۇ ئەپتىڭگە، ئۇيغۇر يىگىتى.

 

ساپ تەبىيەتنى،چىكىپ تاماكا بۇلغاشلىرىڭنى،
ئىچىپ ھاراق،جىدەللىشىپ،ئاۋارچىلىق تېپىشلىرىڭنى.
ھەي،،،كۇچىلاردا مەست-ئەلەم بۇلۇپ يۈرگەنلىرىڭنى،
ئېچىنىمەن بۇ ئەپتىڭگە، ئۇيغۇر يىگىتى .

 

سادىر پەلۋان،ئەخمەتجان قاسىمىلار،ئىزناسى قېنى،
مەخمۇت بۇۋام،خاس يۈسۈپلەر دۇئاسى قېنى.
كۆرمىدىڭمۇ ،ئاتا-ئاناڭ كۆز ياشلىرىنى،
ئېچىنىمەن بۇ ئەپتىڭگە، ئۇيغۇر يىگىتى.

2011-يىلى3-ئاينىڭ17-كۈنى

مەنبە: ئۆز قەلبىم { ئىسىل شاھزادە }  

 
 

                                  {  شۇنداق قىزلار قايەردە } { ئىسىل شاھزادە }

 

ھايا نۇرى پارلىسا ،ھەر بېقىشتا يۈزىدىن ،

ساداقەتتىن باشقىسى ،كۈرۈنمىسە كۈزىدىن ،

سايىم بولسام مەيلىتى،چىقماس ئىدىم سۈزىدىن ،

شۇنداققىزنى سۈيەتتىم، شۇنداق قىزلار قايەردە ؟

 
 
ئىللىق گەپ سۆز ھەركىتى ،ياقسا كىشنىڭ قەلبىگە ،

ئالدامچىنىڭ قەلبىمۇ ،كەلسە ئۇندىن لەرزىگە ،

شۇنداق قىزلار تەڭ ئەمەس ،مەن ئۈچۈن ھېچ نەرسىگە ،

ئۆل دىسىمۇ ئۆلەتتىم ،شۇنداق قىزلار قايەردە ؟

 
 

 

ئىلمى گەپ سۆز ھەركەتتە ،ئۇتالىسا كۈڭۆلنى ،

شەيتان گىرە سالغاندا ،تۇتالىسا كۆڭۈلنى ،

چىن ساداقەت سۆيگۈدە يۇتالىسا كۆڭۈلنى ،
ئاڭا گۈللەر تىرەتتىم  ،شۇنداق قىزلار قايەردە  ؟

 

 


بولسا ئەگەر دىلىدا ئانچە مۇنچە ئىمانى ،

مىللەت ئەخلاق ئالدىدا ،يۈرىكىدە پىغانى ، 

سۆيگۈنىنىڭ ئالدىدا ،تىك تۇرغۇدەك ۋىجدانى ،

قۇلىغا سۇ بىرەتتىم ،ئەمما ، شۇنداق قىزلار قايەردە ؟


 

گەر جىسمىغا شاللاقلىق ،چۈمپەردىسى ئارتمىسا ،

خۇلقى ئەركە نايناقلىق ،غىلجىڭلىقنى تارتمىسا ،

گېزى كەلسە ئۆلسىمۇ ،ئىپپىتىنى ساتمىسا ،

ئاڭا كۆڭۈل بىرەتتىم ،ھەي...شۇنداق قىزلار قايەردە ؟


 


كۆڭۈل خۇشى تاپمىسا ،تانسا-پانسا ،چايلاردىن ،

تارتالىسا مىھرىنىى ،سىمىز گەدەن بايلاردىن ،

  ئەڭ شاللاق ۋە تېتىقسىز ، مۇزىكىلىق جايلاردىن ،

ئاھ ئىشقىدا كۈيۈتتىم ،شۇنداق قىزلار قايەردە ؟!


 

مەن سۇنغان چىن سۆيگۈدىن ئۇنىڭ دىلى سۈيۈنسە،

مىللەت ئۈچۈن تەر تۆكسەم ،ئاڭا گۈلدەك كۈرۈنسە ،

 ياشلىقىمدا تېخى بىر يېزىلماستا گۇناھىم ،  

بىر ياخشى قىز تاپماقچى مىنىڭ سۆيگۈ دۇنيارىم ،


 

ئوڭلۇق قىزدىن بىرىنى ماڭا بەرسە خۇدايىم ،

ئۆمۈرلۈككە يۈرەتتىم ،ئەمدى-شۇنداق قىزلار قايەردە ؟

 پات ئارىدا ھاياتىم 23 كە يەتمەكچى ،

چىقىپ قالسا ياخشى مەڭگۈ بىرگە ئۆتمەكچى ، 

 

 

زەرەپشاندىن شۇ قىزنى سەۋەپ بىلەن تاپماقچى ، 

ماڭا لايىق كەلگۈدەك ئۇيغۇردا ھە شۇنداق قىزلار قايەردە ؟


 
شىنجاڭ كەسپىي ئۇنۋېرستېتى .(6750690-0991)

 

 

تارئىشتانلىق قىزلارغا { ئىسىل شاھزادە }

 

پادىچى ئىشتان كىيگەن قىز يىرتىۋاپتۇ تىزىنى،

پىنھاندىكى ئەۋرەتنىڭ كۆرسۈتىپتۇ ئىزىنى .

ساغرىسىمۇ سۈزۈلگەن، ئاقارتىپتۇ يوتىنى،

قوزغاپ شۇئان ئەركەكنىڭ،شەھۋەت ھەۋەس ئوتىنى.
 

 

بەكمۇ تۆۋەن باغلاپتۇ ئىشتىنىنىڭ بېغىنى،

تاماس قاپتۇ كىيىشكە يىرتىۋېتىپ ئېغىنى.

دىگەنلىرىم لاپ ئەمەس،كۈزەتسىڭىز بىلىسىز،

شۇ قىزلارنىڭ تۇرقىغا بىر قاراپلا كۈلىسىز.

 


ئۇلار ئۇزۇن كۆڭلەكنى كىيىپ يۈرسە بولماسمۇ ؟

ئۆز مىللىتى_ ئەسلىنى بىلىپ يۈرسە بولماسمۇ؟

ئەنئەنىنى ساقلىسا،بولماس ھەرگىز قالاقلىق،

ئۇزۇن كۆڭلەك كىيگەن قىز شەھرىمىزدە ساناقلىق.
 

 

نەدە قالدى پەردىشەپ،بىلمەس توۋا دىيىشنى،

كىم ئۈگەتتى ئۇلارغا،بۇنداق ئىشتان كىيىشنى؟

سەت ئەمەسمۇ كوچىدا ماڭسا شۇنداق چىقىرىپ،

ئەل-جامائەت كۆرسە ھەم ياقا تۇتار ئىشقىلىپ.


 


بۇنداق يۈرۈش قىزلارغا تۇيۇلماسمۇ سەتچىلىك؟

ئويلاپباقساق ئەسلى بۇ _ ئوغۇللارغا نەسچىلىك!

ھېچ بىلمىدىم ئۇلارنىڭ يوقمۇ دۇرۇس ئاپىسى؟

ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ،تۈزەيدىغان ئاكىسى؟


 

 

يىگىتلەرمۇ بۇنىڭغا مەستانە،مەس بوپكەتتى،

ئەركەكلىكنىڭ سېھرىنى بىھايالىق يەپكەتتى.

بۇ تېمىدا سۆزلىسەم ياقامدىكىن بىلمەيمەن،

تار ئىشتانلىق قىزلارغا شەرمى ھايا تىلەيمەن.


 

ئېچىنىمەن بۇ ئەپتىڭگە ئۇيغۇر قىزى 

قارا قاشلىق خۇما كۆزلۈك ، ئانار يۈزلىرى ،
سۈيۈندۈرەر ھەر بىر تاتلىق ،بالدەك سۆزلىرى .
مانا ئەمدى ئېچىپ يۈرەر يوتىلىرىنى ،
ئېچىنىمەن بۇ ئەپتىڭگە ئۇيغۇر قىزى .

 

ئونبەش سانتا كىيىپ يوپكا يۈرگەنلىرىڭنى ،
ۋاي ئېسىت تېخى چەككەن ، ئىچكەنلىرىڭنى .
كوچىلاردا مەس - ئەلەس بوپ يۈرگەنلىرىڭنى ،
ئېچىنىمەن بۇ ئەپتىڭگە ئۇيغۇر قىزى .


نۇزۇگۇملار ، رىزۋانگۈللەر ئىزناسى قېنى ،
مەھمۇت بۇۋام ، خاس يۈسۈپلەر دۇئاسى قېنى .
كۆرمىدىڭمۇ ئاتا - ئاناڭ كۆز ياشلىرىنى ،
ئېچىنىمەن بۇ ئەپتىڭگە ئۇيغۇر قىزى .

 

 

بىلسەڭلار ئايال ئاشۇنداق ئىنسان { ئىسىل شاھزادە }

 

جاھان گۈزەلدۇر ئايال بەھرىدىن ،
مۇھەببەت يانار ئايال قەلبىدىن.
ئايال ئۆزى ھەم ئۇلۇق بىر ئانا،
ئالەم بەركەتلىك ئۇنىڭ ئەجرىدىن.

 

 

ئاياللار بولغان ئەركەككە جانان،

بارچە ئىنساننى شۇ ئايال تۇققان.

ئايال قولى گۈل،ھەركىتى چاققان،

مىھرى مۇھەببەت ئايالدىن يۇققان.

 

 

ئايال بار ئۆيلەر گۈللەيدۇ ھامان،

ئايال بار يەردە ئوخشايدۇ خامان.

ئايالسىز ئۆيدە غېرىپ ئاش قازان،

ئايالسىز چۆلدەر شاھانە جاھان.

 

 

ئايال مىھرى ھەم تاڭدىكى قۇياش،

ئۇنىڭ مىھرىدە تۇرىمىز ياپياش.

ئەپۇچان ئۇنىڭ بىغۇبار كۆڭلى،

كەچۈرەر بىزنى بولساق گاھ بەڭۋاش.


 

 

مىڭبىر جاپادا باللارنى باققان،

پەرزەنت ئوتىدا كۆيىدۇ ھامان.

ئەجىر تەرىنى مىننەتسىز چاچقان،

بىلسەڭلار ئايال ئاشۇنداق ئىنسان.

 

 


 
 



   

 
                                                                
ئايلاندۇرغۇچ   خەت ئشلەش   رەسىم ئشلەش   ناخشا تەھرلەش  سۈرەتكە ئېلش ئۇيغۇرچە يېزىش فىلىم ئشلەش


   

                                                             

 
 








 


دوستانە ئۇلىنىش



 

 

  

 

 

2010 - يىلى 07 - ئاينىڭ 19 - كۈنى سائەت 18 دىن 22 مىنۇت دە يوللانغان
مەزكۇر ئەسەر 67054 قېتىم كۆرۈلدى