- ئاق كىسەلنى داۋالاش
- 2011/11/30
2011-7-16 16:39 چىقىرىشچۈشۈرۈش (3.74 KB)
ئىنگىلىزچە ئاتىلىشىeukoplakia
خەنزۇچە ئاتىلىشى:白斑病
. ئەسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلا؛بۇدورا مەخسۇس ئاق كىسەل ئۈچۇن ئشلىتىلدىغان بولۇپ فىرانسىيسە( 法国康密迪加大药厂) ئشلىگەن .بۇدورىنى ئچكەندىن كىيىن قاراپگمىنت ئۆسۇشنى تىزلىتىپ ئاق بارجاينى تىز ئەسلىگە كەلتۇردۇ. ئۆزۇم ئشلىتىپ ئۈنۇمنى 70% كۆردۇم . شۇڭا توردوشلار غا. شۇنداقلا بارلىق ئاق كىسەللەرگە بۇخوش-خەۋەر نى يەتكۇزۇش مەخسىتىدە( بۇبىلوگ) نىى قۇردۇم . مەن 5ياش ۋاختىمدا بەدىنىمگە ئاق چىقىپ قالغان؛ ھازىرغىچە بۇكىسەل توغۇرسىدا .ئىزدىنېۋاتىمەن. بۇندىنكىين ئاق كىسەل تۇغۇرسىدا بايقىغان ھەرقانداق بايقاشلىرېمنى مۇشۇ( بىلوگ )قا يوللايمەن. ھسقىلشىمچە بۇدورا مەن ھازىرغا قەدەر ئشلەتكەن دورىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ۋە ئاق كىسەل سىاھەسىدكى بىر بۆسۆش.بۇدورىنى يۇۋى1000治疗系统بىلەن( فىرانسىيسە نىڭ ئاق بار جايىنى مەخسۇس نۇرغاقاقلايدىغان چىرىقى... مەندەبار . 1300يۇئەن، قىشمۇ-يازقاقلاشقابۇلدۇ)بىرلەشتۇرۇپ ئىشلەتسە ئۈۇۈمى ئىنتايىن ياخشى بولدىكەن. بۇ دورا نۇرغا قاتتق سىزىمچان دورا شۇڭا ئۆزىنڭ چىرىقى بىلەن بللە ئشلىتىش كىرەك .بارلىق دوسلار نىڭ قىممەتلىك پىكىر ۋە بايقاشلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇشنى ،مەن بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرىشىنى چىندىلىمدىن ئۆمۇت قىلىمەن. بۇبىلوگ نى باشقىلارغىمۇ تەۋسسيە قىلپ قويساڭلار
سەمىمى ئەسكەرتىش؛ بۇكىسەلنىڭ روھى بىسىمنى بىرخۇدا بىر شۇكىشى ئۆزى بىلىدۇ(ئەلدىن -ئەلگە نەپ)
توردىكى مەھسۇلات ۋەدورىلارنىڭ ئشەنچىلىك بولماسلىقى سەۋەبلىك بۇدورىغا مۇنا سىۋەتلڭ مەزمۇنلارنى بللوگ قا يوللاپ قويدۇم. ساختا دورىلاردىن ئھتىيات قىلڭ. ئشلىتىپ بىقىشنى خالايدىغانلار بىمارلار بولسا ئۆز باھاسىدا ئەۋەتىپ بىرىمەن ئەلۋەتە . نەچچە كۇندىن بىرى نەچچە ھۇشيار (تىۋېپلار)دورىنىنڭ ئۈنۇمىنى كۆرۇپ دورا باھى ۋە دورىغا مۇناسىۋەتلك مەزمۇنلارنى بەك سوراپ كەتتى.بۇدورا 1-ئچىدىغىنى-2سۈردىغىنى3-قاقلايدىغان چىراق قاتارلق بېريۇرۇش داۋالاش باسقۇچىدىن تەشكىل تاپقان.(بىر تو) سۇردىغىنى ۋە ئچىدىغىنى بىللە چىقىدۇ باھاسى290يۇەن(خەلق پۇلى) چىراق1300يۈەن. تىۋىپلار غا ئالدىنپ يۇرمەڭلار يەنە! تەپسىلاتىنى ئەلبۇمدىن كۆرۇڭ
مەن دورىگەر ياكى تىۋېپ ئەمەس ،پەقەت ئوقۇتقۇچى شۇنداقلابىر بىمار، ياخشى نىيەت مەخسەتلىرىمدىن دەر گۇمان بولمىغايسلەر.
تىلفۇن؛13379748634
چ چ 958020425 kiram120@qq.com
كىرەمجان
ئاق كىسەلنى داۋالاش 1- تۇنۇش
ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن تىرىنىڭ مەلۇم قىسىمى ياك كۆپ قىسىمى ھەتتا پۈتۈن بەدەن تىرىسىنىڭ ئەسلى رەڭگى ئۆزگىرىپ ئاقىرىپ قېلىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان ، لىكىن سالامەتلىك بىلەن ھاياتلىق ۋە تۇرنۇشتا تەسىر كۆرسەتمەيدىغان ، تىرە گۈزەللىكىگلا تەسىر يەتكۈزۈپ بىمارغا روھىي ئازاپ كەلتۈردىغان تۇنۇش بىر قەدەر ئاسان، داۋالاش نىسبەتەن قىيىنراق بولغان يۇقۇمسىز سوزۇلما خاراكتېردىكى تىرە كسىەللىكلىرىدىن ئىبارەت.
2- كىسەللىك سەۋەپلىرى ؛
1) خىلىتلار تەڭپۇڭلىقىنىڭ بۇزۇلىشى:
(1) بەدەندە بەلغەم خىلىتىنىڭ مىقدار جەھەتتىن ئارتىپ كىتىشى.
(2) بەلغىمى شوردىن ھاسىل بولىدۇ، بەلغەم+ سەپرا.
(3) مۇرا تەملىك بەلغەم خىلىىتىدىن بولىدۇ. بەلغەم+سەۋدا
(4) سەۋدا ۋە سەۋپرا خىلىتىلىرىنىڭ غەيرى تەبىئىي ئۆزگىرىشىدىنمۇ بولىدۇ.
2) رەئىس ئەزالار خىزمىتىنىڭ ئاجىزلىشىشى.
3) ئۇدۇم ئامىلى،
4) قان ئازلىق.
5) خىمىيەلىك ئامىللار.
6) بەزى كىسەللىكلەردىن ئاسارەت سۈپىتىدە پەيدا بولىدۇ.
7) تازىلىق .
8) يىمەك-ئىچمەك.
9) مۇھىت.
3-پەيدا بولۇش ئالاھىدىلىكى:
ئاق كىسەل ئۇمۇمىي بەدەن تىرىسىنىڭ ھەر قانداق ئورۇندا پەيدا بولىشىدىن قەتئىي نەزەر. يەنە ئىغىز ئىچى، كالپۇك، جىنسىي لەۋ قاتارلىق شىللىق پەردىلەردىمۇ پەيدا بولىدۇ.
لىكىن بەدەن تىرىسىنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىدا پەيدا بولۇش نىسبىتى ئوخشاش بولمايدۇ.
ئاق كسەل كىشىلەرنىڭ يېشى، جىنسىي، مىللەت، ئىرىق پەرقىگە قارىماستىن ھەر قانداق ياش، ھەر قانداق جىنىس ھەر قانداق مىللەت، ئىرىقتىكىلەردە پەيدا بولىدۇ.
بەدەن تىرىلىرىدىكى پەيدا بولۇش ئورنى ۋە نىسبىتى ئوخشاش بولمايدۇ. بولۇپمۇ بويۇن، گەۋدە ، يۈز قىسىم، باش، بارماق، بېغىش، جەينەك ، بەل، توققۇز كۆز ۋە ئەۋرەت ساھەسى قاتارلىق جايلار تىرىسىدە ، نىسبەتەن كۆپرەك پەيدا بولىدۇ.
پەسىل جەھەتتە: كۆپىنچە كۆز ۋە قىش پەسىللىرىدە ئۇچرايدۇ. ياكى كېڭىيىپ تەرەققىي قىلىپ، ياز پەسلىدە يىنىكلەيدۇ. ياكى تەرەققىياتى ئاستىلايدۇ. سوغۇق جايلارغا قارىغاندا ئىسسىق جايلاردا ، شەھەرلەرگە قارىغاندا يېزا-قىشلاقلاردا ياشىغۇچىلاردا نىسبەتەن ئازراق بولىدۇ.
2011-7-16 16:41 چىقىرىشچۈشۈرۈش (4.91 KB)
4- كىلىنكىدىكى تۈرلەرگە بۆلىنىشى.
ئاق كىسەل كىلىنكىدا :
1) رەڭگىگە قاراپ: ئاق بەرەس ۋە قارا بەرەس دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ.
2) داغنىڭ چوڭ كىچىكلىكىگە قاراپ
چىكىتىسمان ئاق داغ ۋە ياپىلاق ئاق داغ دەپ ئىككى تىپقا بۆلىنىدۇ.
كىلىنكىدا: چىكىتسىمان ئاق داغ بىلەن ياپىلاق ئاق داغنىڭ ئارلىشىپ كىلىش نىسبىتى خېلى يۇقىرى بولۇپ، بۇ كىسەللىكنىڭ تەرەققىياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۇمكىن.
3) ئاق داغنىڭ بەدەنگە تارقىلىش ئەھۋالىغا قاراپ:
سىمىتىرىك ئاق داغ ۋە سىقىتىرىكسىز ئاق داغ دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ.
پەيدا بولۇش نسىبىتى: سىمىتىرىك ئاق داغ %52.25
سىمىتىرىكسىز ئاق داغ: % 47.5
4) تىرە قەۋىتىنىڭ زەخمىلىنىش دەرىجىسىگە قاراپ:بەرەس ۋە بەھەق دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ.
5) تىرە قسىمىغا تارقىلىش ئەھۋالىغا قاراپ:
(1) كەڭ دائىرلىك (تىرىنىڭ ھەر قايسى قىسىمدا پەيدا بولىدىغان سىمىتىرىك تىپى)
(2) تار دائىرلىك(تىرىنىڭ مەلۇم قىسمىدا سىممىتىرىكسىز پەيدابولىدىغان تىپى)
(3)بۆلەكلەر تىپى (نىرۋا شاخچىلىرىنىڭ يۆلىنىشىنى بويلىپ تارقىلىدىغان پەيدا بولىدىغان تىپى)دەپ ئۈچ تىپقا بۆلىنىدۇ.
پەيدا بولۇش نىسبىتى: كەڭ دائىرلىك %51.2، دائىرلىك تىپى %32، بۆلەكلەر تىپى %16.8
6) ئاق داغنىڭ ئىپادىلىنىشىگە قاراپ:
(1) ئاشكارە ئاق داغ
(2) يۇشۇرۇن ئاق داغ دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ. يۇشۇرۇن تىپتىكى ئاق داغ تىرىنى ئاپتاپقا قاقلاپ ساق تىرە كۈن نۇرىدا قارىغاندا ئاندىن بايقىلىدۇ.
7) ئاق داغنىڭ تەرەققىيات ھالىتىگە قاراپ: تۇراقلىق تىپ ۋە تۇراقسىز تىپ دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىندۇ.
ئاق كىسەلنىڭ ئىپادىسى:
ئاق كىسەل پەيدا بولىشىدىن ئىلگىرى ئۇمۇمىي بەدەن ياكى يەرلىك ئورۇن تىرىسىدە ھىچقانداق ھىسسىي ئالامەتلەر بولمايدۇ. ئەمما ئايرىم زىيادە سىزىمچان كىشلەردە، ئاق كىسەلنىڭ يۇشۇرۇن تىپىدا يەرلىك ئورۇندا يىنىك دەرىجىدە قىچىشىش ياكى ئېچىشىشقا ئوخشاش غەيرى سىزىم پەيدا بولىدۇ. بۇ خىل تىپى ئاشكارە ئىپادىلەنمەستىن ئاپتاپتا قاقلىنىپ، ساق تىرىلەر قارايغاندا، ياكى لوپا ئەينەك بىلەن تەكشۈرگەندە ، ئاندىن بايقىلغىلى بولىدۇ.
ئاشكارە تىپىدا: تىرىدە ھەر خىل چوڭلۇقدا ياپىلاق ياكى چىكىتسىمان ئاق داغ پەيدا بولىدۇ. نورمال تىرە بىلەن چىگىرسى ئىنىق كۆپىنچە سىمتىرىك ، بۇ خىل داغلار تەدرىجى كېڭىيىپ ، ئۆز ئارا تۇتۇشىپ مەلۇم ئەزا ياكى پۈتۈن بەدەننى قاپلايدۇ. ئاق داغ ئورنىدىكى تىرە قەۋىتىنىڭ زەخمىلىنىش دەرىجىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ كىلىنىك ئىپادىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئەگەر زەخمىلىنىش دەرىجىسى ئۈزەكى تىرىدە بولسا ، ئاق داغ يۈزى ئېقىش، تىگى سۈس قىزغۇچ يۈزى ئامچە سىلىق ئەمەس زىمادلارنى ئاسان قۇبۇل قىلىدۇ. قول بىلەن ئوۋۇلىغاندا ياكى ئاپتاپتا قاقلىغاندا ئاسان قىزىرىدۇ. بەدەن تەرلىگەندە تەرلەيدۇ. ھەم ئەتراپقا قاراپ كېڭىيىدۇ ۋە قىچىشىدۇ. يىڭنە سانجىغاندا قان چىقىدۇ. كىپەكلىشىدۇ. تۈكلەر ئاقارمايدۇ. ھەر خىل سىزىم نورمال بۇ تىپى بەھەق دەپ ئاتىلىدۇ. ئەگەر زەخمىلىنىش دەرىجىسى ھەقىقىي تىرە ، تىرە ئاستى توقۇلمىسى، ھەتتا مۇسكۇل سۆڭەكلەردە بولسا ، ئاق داغ قېلىش، سۈرۈك سىلىق ھەم پارقىراق بولۇپ، قول بىلەن بېسىپ ئوۋۇلىغاندا ياكى ئاپتاپقا قاقلىغاندا ئاسانلىقچە قىزارمايدۇ. زىمادلارنى ئاسانلىقچە قۇبۇل قىلىمايدۇ. ئۇستىدىن زىمادلارنى بېسىپ سۈرتكەندە ئاندىن ئۆزىگە ئالىدۇ. ۋە قىزىرىدۇ. كىپەكلىشىدۇ. سىزىم ئوخشىمغان دەرىجىسىدە تۆۋەنلەيدۇ. يىڭنە سانجىغاندا قان چىقمايدۇ. ئېىقىش، يېپىشقاق سۇيۇقلۇق چىقىدۇ. تەرلىمەيدۇ، تۈكلەر ئاقىرىدۇ. ئاق كىسەلنىڭ بۇ خىل تىپى بەرەس دەپ ئاتىلىدۇ.
بەرەس بىلەن بەھەقنىڭ ئىپادىلىنىشىدە يۇقارقىدەك پەرىقلەر بولسىمۇ لىكىن داۋالاش پىرىنسىپى ۋە ئۇسۇلى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش چۈنكى كىسەل پەيدا قىلىغۇچى سەۋەپلىرى ئوخشاش لىكىن بەھەق يازدا، بەدەن تەرلىگەندە كېڭىيىپ تەرەققىي قىلىدۇ. دۋالاشتا بەھەقنىڭ ئۈنۈمى يۇقىرى لىكىن قايتا قوزغىلىدۇ، بەرەسنىڭ داۋانى قۇبۇل قىىلىشى تەسرەك ساقىيىش نىسبىتى تۆۋەن ، داۋالاش جەريانى ئۇزۇن ، بەھەقنى داۋالاشتا ، ئاپتاپقا قاقلىسىمۇ بولىدۇ.
بەھەق كۆپىنچە ھاللاردا كۆكرەك بويۇن، تاغاق، يۇقىرقى بىلەك ، قورساق ساھەلىرىدە كۆپرەك پەيدا بولىدۇ. ياشلاردا نىسبەتەن كۆپ كۆرلىدۇ. ياز پەسلىدە كۆپ قۇرغىلىپ، قىش ۋە كۈز پەسلىدە يىنىكلىشىدۇ.
يۇقارقى ئالاھىدىلىكلەرگە ئاساسەن بەھەق بىلەن بەرەسنىڭ مۇقەددىمىسى بەرەس بولسا بەھەقنىڭ نەتىجىسى دىگەن خۇلاسىگە كىلىمىز. ياكى بەھەقنىڭ ئاق كىسەلنىڭ يۈزەكى باسقۇچى ، بەرەسنى ئاق كسىەلنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى دىگەن خۇلاسىگە كىلىمىز.
بەرەستە يۇقۇرقىدەك تىپىك ئىپادىلەر كۆرۈلەندىن سىرىت بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ قان تىپى ۋە قان زەردابىدىكى مىكروئىلمىنىتلار ۋە چىچىنى تەكشۈرگەندە نۇرغۇنلىغان ماددىلارنىڭ تۆۋەنلىكىنى: ئىلىكتىرونلۇق مىكروسكوپ ئاستىدا يەرلىك ئورۇندىكى ئۈزەكى تىرىنى كۆزەتكەندە ئاساسىي قاتلام تىكەنلىك قاتلام، دانلىق قاتلام، ھۈجەيرىلىرىنىڭ سەل كىڭىيىپ ،ھۈجەيرە ئارلىق سويۇقلۇقىنىڭ كۆپىيىپ قالغانلىقىن قارا رەڭ پىگىمىنىت تەنچىلىرىنىڭ يوقالغانلىقىنى بايقاشقا بولىدۇ.
يۇقارقىلاردىن باشقا ئاق كىسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ كىسەللىك تارىخىنى سۈرۈشتۈرگەندە ، بىماردا ئىلگىرى روھىي جىددىيلىك غەم قايغۇ نىرۋا ئاجىزلىق، روھىي زەربە ، روھىي چۈشكۈنلۈك قاتارلىق روھىي ۋە نىرۋا سىستىمىسىغا ئائىت ئالامەتلەر ھەم ئىچكى سېكتىرىيە سىستىما خىزمىتىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچىرغانلىق تارىخىنىڭ بار-يوقلىقى ، بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولغاندىن كىيىن تەدرىجى ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئاق كىسەلنىڭ يۈز بىرىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدا روھىي ۋە نىرۋا ئامىللىرىنىڭ مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
سېلىشتۇرما دىئاگىنوزى:
1) بەھەقتىن پەرىقلەندۈرلىدۇ. (يۇقىردا سۆزلەپ ئۆتۈلدى)
2) ماخاۋ ( جورام) كىسىلىدىن چۈشىدىغان ئاق داغدىن پەرىقلەندۈرلىدۇ. جورام كسىلىدە تىرىگە چۈشىدىغان ئاق داغ تەرتىپسىز شەكىلدە بولىدۇ. دەسلەپ ئاقۇش بولۇپ، كىيىن ئاچ سېرىق ، ئاچ قىزىل ياكى خورما رەڭىگە ئۆزگىرىدۇ، ساق تىرىدىن سەل كۆتۈرلۈپ چىقىدۇ. داغ چۈشكەن جاي سىزىمىنى يوقىتىدۇ.
تىرىدە قىسمەن سويۇلۇش بولىدۇ، قىچىشىشمايدۇ. تەرلىمەيدۇ ئاغىرمايدۇ. ئۇمۇمۇي بەەندە جورام كىسىلىگە خاس ئالامەتلەر كۆرلىدۇ، قان تەكشۈرگەندە جورام مىكروپى چىقىدۇ، يۇقۇملۇق بەدەندە قىزىتما بولىدۇ. شىر يۈزىگە ئوخشاپ قالىدۇ. ئاپتاپتىن قاچىدۇ. داۋالىغاندا ئاپتاپتا قاقلىنىدۇ.
3) سىفلىس كىسلىدىكى ئاق داغدىن پەرىقلىنىدۇ.
سىفلىس كىسىلىدىمۇ تىرىدە ئاق داغ پەيدا بولىدۇ، بەدەندە سىفلىسنىڭ باشقا ئالامەتلىرى بىرگە قوشۇلۇپ كىلىدۇ. قان تەكشۈرگەندە سىفلىس ھەم پارقىلراق بولمايدۇ.
4) بەدەن تەمرەتكىسىدىن پەرىقلەندۈرۈش
مەزكۇر كىسەل كۆپىنچە بويۇن ، غول، كۆكرەك، ۋە قۇرساق قىسملارغىغچە تارقىلىدۇ. رەڭگى ئاق چىگىرسى ئىنىق كىپەكلىشىدۇ. تىرە تاشلاپ قىچىشىدۇ.
5) ياشانغانلاردىكى ئاق داغدىن پەرىقلەندۈرۈش.
كۆپنىچە 60ياشتىن ئاشقانلارنىڭ قورساق ۋە دۈمبە قىسمىلىلىرىدا چوڭلىرى تەڭگىدەك كىچكلىرى چىكىتتەك ئاق داغلار پەيدا بولىدۇ. بۇ ياشانغانلاردىكى قۇۋەت ئىممۇنىت كۈچىنىڭ تۆۋەنلەپ، بەدەن ئاجىزلىشىپ، تىرە ئىلاستىكلىقىنى يوقۇتىپ قۇرغاقلىشىپ ، رەڭ پىگىمىنىت ھۈجەيرىلىرىنىڭ چىكىنشىگە باشلىغانلىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى
6) تەڭگە تەمرەتكە ئاسارىتىدىكى ئاق داغدىن پەرىقلەندۈرۈش:
مەزكۇر كىسەل تەڭگە تەمرەتكە ساقايغاندىن كىيىن پەيدا بولۇپ 3ئايدىن بىر يىلغىچە ئۆزلىكىدىن ساقىيدۇ. قىچىشىدۇ، قاسراقلىنىدۇ، تۆكۈلىدۇ.
7) كۆيۈك ،سىرتقى زەخمىلەردىن كىيىن پەيدا بولىدىغان ئاق داغدىن پەرقلىنىدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى:
1) يىمەك ئىچمەكتە پەرھىز تۇتۇش.
2) مىزاجنى تەڭشەش
3) خاس دورىلار بىلەن قۇۋەت دورىلىرىنى بىرگە ئىشلىتىش.
4) ئاپتاپقا قاقلاپ سىرتىدىن دورا ئىشلىتىش.
5) روھىي داۋالاش
1- يىمەك ئىچمەكتە داۋالاش
مەقسەت:
(1) مىزاجنىڭ داۋاملىق بۇزلىشىنى توسۇش.
(2) بىمارغا تەبىئىي ئىسسىق يىمەكلىكلەرنى بۇيرۇش ئارقىلىق جىگەردىكى تەبىئئىي ھارارەتنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، خىلىتلارنىڭ داۋاملىق خام قېلىشىنى توسۇس. ياكى خىلىتلارنىڭ پىشىشىنى تىزلىتىش.
(3) غەيرى تەبىئىي مىزاجنىڭ تۈزۈلىشىگە شارائىت يارتىش .
(4) مىزاجنى تەڭشەشكە ئىشلىتىلدىغان دورىلار بىلەن مەخسۇس دورىلارنىڭ رولىنى كۆپەيتىشكە شارائىت ھازىرلاشتىن ئىبارەت.
بۇ مەقسەتتە ؛ بىمارغا كالا گۆشى ، ئۆچكە گۆشى، بىلىق، تۇخۇم، سۈت، قېتىق، دوغاپ، چوكا مۇز ، پىۋا، سېرىق ئاش، راڭپىزا قاتارلىق سوغۇق تەبىئەتلىك يىمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز بۇيرۇلىدۇ. كەكلىك گۆشى پاقلان، قوي گۆشى ، كەپتەر باچكىسى، قۇشقاچ گۆشى، پاقلان گۆشى قاتارلىقلارنى كاۋاپ قىلىپ، ئۇنىڭغا ئاشقازان ھەزىمنى ياخشىلىغۇچى يەل، تارقاتقۇچى، سۈيدۈك ھەيدۈگۈچى ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلارنى سىپىپ يىيىشكە بىرلىدۇ. نەشپۈت پىشقان قىزىل ئۈزۈم قۇرۇق ئۇزۈم سەۋزە پالىك سامساق قاتارلىقلارنى ئسىتمال قىلدۇرۇش، ئىسسىق تەبىئىتلىك چايلىق تەييارلاپ بىرىش، دورىلار سۈيىدە يۇيۇندۈرۈش جىنسىي مۇناسىۋەتنى چەكلەش، تار كىيىم-كىچەكلەرنى كىيمەسلىك.
1. مىزاج تەڭشەش:
مەقسەت: (1) مىزاجنىڭ داۋاملىق غەيرى تەبئىيلىكىگە ئۆزگىرىشنى توسۇش.
(2) غەيرى تەبىئىي مىزاجنى تۈزەش ئارقىلىقم رەئىس ئەزالر خىزمىتى بىلەن بەدەندىكى قۇۋۋەتلەرنىڭ رولىنى ئەسلىدىكى نۇرمال ھالەتكە كەلتۈرۈپ كىسەللىك ئۈستىدىن غەلبە قىلىشنىڭ ئىچكى مۇھىيتىنى يارتىش.
(3) بەدەندىكى خام ماددىلارنىن پىشۇرۇش بىلەن بىرگە زىيانلىق ماددىلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىش ياكى زەھەرسىزلىنىش ئارقىلىق بەدەننى تازىلاپ، توسالغۇلارنى ئېچىش.
(4) بەدەننى كۈچلەندۈرۈپ، بەدەننىڭ قوغدىنىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش .
(5) جىگەردىكى تەبىئىي ئىسسقلىقنى يۇقىرى كۆتىرىپ، ماددىلارنىڭ پىشىشىنى تىزلىتىش بىلەن بىرگە چۆكمىلەرنى ئىرىتىپ، توسالغۇلارنى ئېچىش ئارقىلىق قان ئايلىنشىنىڭ راۋانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت.
مۇنزىچ بىرىشتە قايسى خىلىتنىڭ غەيرى تەبىئي ئۆزگىرىشتىن كىلىپ چىققان بولسا، شۇ خىلىتقا قارىتا مۇنزىچ بىرلىدۇ. ياكى ئورتاق ئاق كىسەل مۇنزىچى بىرلىدۇ.
مۇنزىچنى بىرىپ تۆۋەندىكى ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە مۇسھىل بىرىلىدۇ.
1) بىمارنىڭ ئۇيقۇسى بىلەن ئىشتىھاسى كۆرىنەرلىك ياخشىلانسا.
2) چوڭ-كىچىك تاھارەت قېتىم سانى نىسبەتەن كۆپىيىش.
3) بەدىنى قىززىغاندەك ھىس قىلش، (بەدەن تىمپۇراتۇرسى نورمال )
4) روھىي ھالىتى تىتىكلىشىپ، پۇت-قوللىرىغا ماغدۇر كىرگەندەك ھىس قىلىش.
5) يەرلىك ئورۇندا قىچىشش،قىزىرىش، سۈكۈتۈرۈش، خال پەيدا بولۇش ئەتراپتىن مەركەزگە قاراپ كىچىكلەش.
يۇقارقى ئەھۋاللاردىن ئالدىنقى4خىلى روشەنلەشكەندىن كىيىن، بەدەننى تازىلاش باسقۇچىغا ئۆتىمىز.
بەدەننى تازىلاشتا: يۇقارقى مۇنزىچقا مۇسھىل دورىلىرى قۇشۇپ بىرىلىدۇ. ياكى مەخسۇس تازىلىغۇچىلاردىن : مەتبۇخ ئەفتىمۇن، چىلان، گۈلقەنىت، جىپ ئايارەچ، ئايارەچ لوغانزىيا، مەتبۇخ ھەلىلە قاتارلىقلار ئەھۋالىغا قاراپ بىرىلىدۇ.
2. مەخسۇس دورىلار بىلەن قۇۋۋەت دورىلىرىنى بىرگە ئىشلىتىش:
مەقسەت:
(1) كەيپىياتى ئسىسىق دورىلار ئىشلىتىپ، بەدەن جۈملىدىن جىگەردىكى تەبىئىي ھارارەتنى يۇقىرى كۆتىرىپ، بەدەندىكى خام ماددىلارنىىڭ داۋاملىق پىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن ئۇزۇقلۇق ماددىلارنىڭ تىرىسىنىڭ ئەڭ ئىنچىكىە بىرلىكىگىچە تولۇق يىتىپ بىرىشىنى تىزلىتىش چۆكمىلەرنى ئىرىتىپ توسالغۇلارنى ئېچىش.
(2) بەدەندىكى تەبىئىي ئىسسقىلىقنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاپ، بەدەننىڭ كىسەللىك ئۈستىدىن غەلبە قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش.
(3) مىڭە، يۈرەك، جىگەرنى ئاساس قىلغان بارلىق ئەزا توقۇلمىلارنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاش بىلەن بىرگە، بەدەندىكى ئۈچ چوڭ قۇۋەتنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش.
(4) ئاق داغ بار ئورۇندىكى تىرىدە رەڭ ماددىسىنىڭ ھاسىل بولىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش.
(5) زىيانلىق ماددىلارنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرلىشىنى تىزلىتىپ زەھەرسىزلەندۈرۈش.
يۇقارقى مەقسەتتە تۆۋەندىكى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ.
مەجۇن كالىزىرە ، قۇرسى كالىزىرە ئۇكۇلى ، مەجۇن بەرەس شەربىتى بەرەس، ئىتتىرفىل ھەكىم ئېلى، قۇرسى سوزاپ، مەجۇن سوم، ئىسغار ئۇكۇلى ، سىيادان ئۇكۇلى، زەفەر ئۇكۇلى، ئايارەچ لوغانزىيا، ئىتتىرفىل ھامان، زەبىب، ماددەدۇل ھايات، ئەرقى نانىخۇا ، مەجۇن نانىخۇا ، سىفوفى خولىنجان، مەجۈن چۆپىچىن، جىپ لاجۋەر م قۇرسى ئىسكەندەر جىپ ئىبنى ھىرىس، مەجۇن ئەفى بەرەس، تەرياقى بەرەس، سىفۇفى ھەلىلە سىيا، جىپ مارى بەرەس قاتارلىق دورىلار بىمارنىڭ مىزاجى ۋە خىلىت ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن كىسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ ئوخشىمىغان داۋالاش باسقۇچلىرىغا ئۇزۇن مۇددەت تاللاپ بىرىلىدۇ.
4. ئاپتاپقا قاقلاپ سىرتىدىن دوراسۈركەپ داۋالاش:
مەقسەت:
(1) كۈن نۇرىنىڭ ئىسىىقلىقى بىلەن بەدەندىكى تەبىئىي ھارارەتنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق ماددىلارنى پىشۇرۇش بىلەن چۆكمىلەرنى ئىرىتىش ياكى ئىرىشنى تىزلىتىش.
(2) ئاق داغ بار ئورىندىكى قان تۇمۇرلارنى كىڭىەيتىپ، قاننىڭ ئېقىتىش مىقدارىنى كۈچەيتىش ئاقىلىق ئاق داغ بار ئورۇندىكى تىرىنىڭ ئوزۇقلىنىشىنى ياخشىلاش بىلەن بىرگە زىيانلىق ماددىلارنىڭ چىقىرلىش ئەزالىرىغا يەتكۈزىلىشىنى تىزلىتىش.
(3) تىرىدىكى تەر بەزلىرىنى غىدىقلاپ تەرلتىىش ئارقىلىق بەدەندىكى زىيادە نەملىك بىلەن زىيانلىق ماددىلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىشنى تىزلىتىش ھەمدە خىلىتلارنىڭ ھەركەتچان تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاش.
(4) ئاق داغ بار ئورۇندىكى قىلقان تومۇرلارنىڭ ئۆزكۈزۈشچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، سۇلۇق قاپارتما پەيدا قىلىش ئارقىلىق ، يەرلىك ئورۇندىكى چۆكمىلەرنى زەرداپ ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ، تىرىنىڭ نورمال قان ئايلىنىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش.
(5) تىرە رەڭ ماددىسىنى بىرىكتۈرگۈچىسىنى تىزلىتىش:
بۇنىڭ ئۈچۈن سىرتىدىن ئەھۋالىغا قاراپ، مۇرەككەپ مەلھەملەردىن: مەلىھمى پەردىيۇن، تۇخۇم يېغى، مەلھىنى ئوقاپ، زىمادى زەرىخ، زىمادى ئادراسىمان، تىزابى بەرەس، روغىمى قۇرستە مۇرەككەپ، كىلەمەلھىمى، سامساق مەلھىمى ، پېدىگەن يېغى، زىمادى بەرەس، سىيادان يېغى، شەترەنجى چالغۇتمىسى، بۆرە ئەرمىنى، بوتقىسى، مازىرۇن چوپىنىڭ سۈپى، ھۆل ئەمىن سۈيى، ھەشقىپىچەك تىنىكتۇرىسى، قىچاشىرىسى، تالسۈيى، چارا ئوت سۈيى، ياۋازىرە يىلتىزى پوستى سۈيى، گۈلى قەقەھنىڭ سۈيى، ۋاڭ يۇپۇرمىقىنىڭ سۈيى، ئەنجۈر يۇپۇرمىقىنىڭ سۈيى، يۆگىمەچ ئوتنىڭ سۈيى، جىن كىۋىزىنىڭ ئىسپىرىتتىكى %30،%20،%10لىك ئىرىتمىلىرى ئىشلىتىلىدۇ.
جىن كىۋىزى تىنىكتۇرسىدىن مەيدە، قول، پۇت، دۈمبە، يوتا قاتارلىق تىرىسى بىر قەدەر قېلىنراق بولغان ئورۇنلارغا %30لىك ئىرىتمىسى ئىشلىتلىدۇ. شىللىق پەردىلەردىكى %10لىك ئىرىتمىسى سۇ كۆرتەرتكۈزۈش ئۈچۈن %5لىك ئىرىتمىسى داۋاملىق غىدىقلاش ئۈچۈن ئىشلىتلىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا %10لىك قەلەمپۇر تىنىكتۇرمىسى، %30،%20لىك ئېقىل قارھاننىڭ تىنىكتۇرمىسى، %10-%5لىك جۇۋنا تىنىكتۇرلىرى ئىشلىتىلىدۇ. يۇقارقى تىنىكتۇرلارنى ئىمكانقەدەر ئسىپىرىتتا ئىرتىمەي، مۇمكىن قەدەر سىركىدە ئىرىتكەن ياخشىراق، ياكى ئاچچىسۇدا ئىرىتسىمۇ بولىدۇ.
سىرتىدىن دورا ئىشلىتىش بىلەن كۈن نۇرىغا قاقلاشنى زىچ بىرلەشتۈرۈش، ئاق كىسەلنى داۋالاشتىكى مۇھىم ھالقا، شۇڭا دورا سۈركەپ ، كۈن نۇرىغا قاقلاشتا تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش زۆرۈر.
1- ھەرخىل يۈرەك كسىەللىكى. يۇقىرى قان بېسىم كىسەللىكى، ئۆپكە سىلى، سوزۇلما جىگەر ياللۇغى، دىئابىت ، قالقان بەز قاتارلىقلار خىزمىتىنىڭ ئېشىپ كىتىشى، قاتارلىق كىسەللەر بار كىشىلەرنى، تىنى ئاجىز، قان ئازلىق كىسىلى بارلارنى ، ياشانغانلار بىلەن بالىلارنى ئاپتاپقا قاقلىما سىلىق بولۇپمۇ (ھېيىز مەزگىلىدىكى ئاياللار، قاناشقا مايىل كىسلى بارلارنى ) ئەگەر ئاپتاپقا قاقلاشقا توغرا كەلسە، قاقلىنىش ۋاقتى، بەك ئۈزۇن بولماسلىقى كىرەك.
2- بىمار ئاپتاپقا قاقلىنىشتىن ئىلگىرى، ئوبدان تويۇنىشى، ئۇسسۇزلىقى ئۈچۈن چاي دورىسى، ھەسەل سېلىنغان قىززىق چاي تەييارلىۋىلىشى لازىم.
3- ئاق داغ بار ئورۇندا قاپاتما پەيدا بولغاندىن كىيىن يۇقۇملىنىپ قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاپتاپقا قاقلىنىدىغان ئورۇننى ئالدى بىلەن %2.5-2لىك يۇد ئىرىتمىسى، كىيىن %75لىك ئسىپىرىت بىلەن دىزىنفىكسىيە قىلىش لازىم.
4- يەرلىك ئورۇنغا دورا سۈركىگەندە ، ئاق داغ بار ئۇرۇن سىدام بولغانلىقتىن دورىنى ئۈزىگە ئالمايدۇ. شۇڭا دەسلەپ دورا سۈركىگەندە يەرلىك ئۇرۇننى دورىغا چىلانغان پەلكۈچ بىلەن ئارقا-ئارقدىن بىر قانچە قېتىم بېسىپراق سۈرتۈش كېرەك، ئاق داغ بار ئۇرۇن رەسمىي قىزىرىپ، سۈرتۈلگەن دورىنى ئۈزىگە ئالغاندىن كىيىن دورا سۈرتۈش ئارلىقى مۇۋاپىق ئۇزارتىلىدۇ. شۇنداقلا تېرىقتىن چوڭراق سۇلۇق( تەكشى) قاپارتما پەيدا بولغاندا ئاپتاپقا قاقلاپ دورا سۈرتۈشنى توختىىش كېرەك.
5- ئاق داغ دائىرسى كەڭ بولسا ، ئاپتاپقا بۆلۈپ قاقلاش لازىم. ئادەتتە تىرە خاللىرى كۆپىنچە تۈك خالتا ئېغىزلىرى ئەتراپىدا پەيدا بولىدۇ. ئۇ چوڭىيىپ ، ئۆز-ئارا قوشۇلىشىدىن ئاق داغلار تەدرىجى يوقۇلىدۇ. شۇڭا خال پەيدا بولغان ئۇرۇندىكى ئاق تۈكلەرنى يۇلماسلىق لازىم.
6- ئاپتاپتا قاقلانغان بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپ مەيلى سۇلۇق قاپارتما پەيدا بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ئاپتاپتا قاقلىنىپ بولغاندىن كىيىن دەرھال يوتقانغا چۆمىكىنىپ 2-1سائەتتىن كىيىن ئارام ئېلىشى لازىم.
7- ئاپتاپقا قاقلىنىشتا يۇقىرى تىمپۇراتۇرا 28-27 سىلىتسىيەگىرادۇس، تۆۋەن تىمپۇراتۇرا 16-17سىلىتسىيە گىرادۇس تىن يۇقىرى بولۇش، شامال كۈچى 3بالدىن تۆۋەن بولۇش ھاۋا ئۇچۇق ۋە قۇرغاق بولىشى لازىم.
8- كۈن تۇتۇق، يامغۇر ياغقان ، بوران چىققان كۈنلىرى، ئاپتاپقا قاقلىنىشقا بولمايدىغان ئەھۋالدا سىرتىدىن تۇخۇم مېىيى سۈركەپ tdpغا قاقلاشقا بولىدۇ.
9- ھەر قانداق باھانە سەۋەپ بىلەن ئاق داغ بار ئورۇندا كىسلاتا ياكى ئىشقارغا ئوخشاش كۈچلۈك غىدىقلىغۇچى دورىلارنى ئىشلىتىشكە قەتئىي بولمايدۇ.
5. روھىي داۋالاش:
روھىي جەھەتتىن چوقۇم ساقىيىپ كىتىشكە ئىشەندۈرۈش، داۋالاشقا ئاكتىپ ماسلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش، تەسەللىي بىرىش، ھەر خىل جىسمانىي ھەركەتلەر بىلەن شۇغۇللاندۇرۇش.
6. ساقىيىش باسقۇچى.
(1) قىزىرىش.
(2) سۈ كۈتۈرۈش.
(3) خال پەيدا بولۇش.
(4) خاللار ئۆز ئارا تۇتىتىش.
(5) ئاق داغ كىچىكلەش.
(6) ئارلاشما باسقۇچى.
-مەنبە-غازىباي ئۇيغۇر تىبابىتى مۇنبىرى-[http://hazibay.com]
يۇشۇرۇش ھالەتتە قالدۇرۇلغان سۆز
كۆرۈش ئۇسۇلى : سېستىمىغا كىرىش نى چىكىپ قالدۇرۇلغان سۆزلەر نى چىكىش- سۆز قالدۇرۇلغان ۋاقىت :2012 - يىلى 04 - ئاينىڭ 28 - كۈنى سائەت 16 دىن 02 مىنۇت


- سۆز قالدۇرۇلغان ۋاقىت :2012 - يىلى 04 - ئاينىڭ 15 - كۈنى سائەت 09 دىن 34 مىنۇت
- ئەسسالامۇئەلەيكۇم ياخېشمۇ تۇداش دۇستۇم
مېنې زېيارەت قلېپ كەلگېنڭېزگە كۇپتېن كۇپ رەخمەت
يەنە كېلېشڭېزنې قارشې ئالېمەن كەپ تۇرۇڭ.





















[sm - سۆز قالدۇرۇلغان ۋاقىت :2012 - يىلى 04 - ئاينىڭ 03 - كۈنى سائەت 20 دىن 13 مىنۇت
- ئەسسالاممۇ ئەلەيكۈم ياخشىمۇ سىز،
مەن سىزنى يوقلاپ كەلدىم،ياخشى تۇرۋاتامسىز،؟
ئولۇغ اللە سىزگە تىنىچ-ئامانلىق ئاتا قىلسۇن،
خالىسىڭىز دوستلۇققا قۇشۇپ قۇيۇڭ دوستۇم،!
ئەگەر ۋاختىڭىز بولسا بىز تەرەپكىمۇ كەپتۇرۇڭ، - سۆز قالدۇرۇلغان ۋاقىت :2012 - يىلى 03 - ئاينىڭ 27 - كۈنى سائەت 13 دىن 54 مىنۇت
- ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم دوستۇم بىلوگىڭىزنى قالتىس لاھىيلىۋاپسىز ئاللاھ قۇلىڭىزغا دەت بەرمىسۇن ۋاختىڭىز بولسا يوقلاپ باراسىز
- سۆز قالدۇرۇلغان ۋاقىت :2012 - يىلى 03 - ئاينىڭ 26 - كۈنى سائەت 20 دىن 05 مىنۇت

- ئىــــسمـى :
- ئاق كىسەللەر ئۇچۇن
- سالاھىتى :
- ئالاھىدە ئەزا

- دەرىجىسى :

- يېشـــــى :
- 29
- جىنســى :
- ئەپەندىم
- چـى چــى :
- 958020425
- يــــۇرت :
- قەشقەر ۋىلايىتى
- تەۋەلىكى :
- پوسكام ناھىيىسى
- ئـاۋاتلىقى :
- 32702
- بېكەت پۇلى :
- 220
- تورھالىتى :
- يوق
- تىزىملاتقان :
- 10:19 30-07-2011
- پــائــالىيەت :
- 21:21 19-02-2012
- باش بەت قىلىۋېلىش
- ساقلىۋېلىش
- دوسىتقا قوشۇش
- ئۇچۇر يوللاش
ياخشى بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ سالامەتلىكىڭىزگە كۆڭۈل بۆلۈڭ



































