مەن مەڭگۈ سېنىڭ قەلىب تۈرمەڭدە ياشاشنى خالايمەن !

 


 

 

 

                               تاتلىغىم لىرىكىلىرى

 <مەن سېنى مەڭگۈ سۆيىمەن!> دېگەن مۇشۇ سۆزنى ھەر بىر قېتىم تىلغا ئالغىنىمدا بۇ سۆزنىڭ قانچىلىك

مەسئۇلىيەت بىلەن ئيتىلغانلىقىنى سەن تەسەۋۇر قىلالامسەن ؟ مەن يىراقلارغا مېڭىشقا تەمشىلۋاتىمەن ،

كۆزلىرىم يەنىلا سەندە! ،<قانداقمۇ قىلارسەن ھە ؟> مۇشۇ سۆزنى پەقەت ئىچىمدىلا دېيەلەيمەن ،چۈنكى

مەن سېنىڭ بۇ سۆزلەرنى ساڭا دېسەم ،سېنىڭ ئاشۇ مېھرىبانلىق بىلەن سەمىيلىك بىرلىشىپ كەتكەن

مېھرى ئىسسىق كۆزلىرىڭدىن بىر تامچە ياش ئېقىپ قېلىشىدىن قورقىمەن ! مەن خالىمايمەن ،راستىنلا

خالىمايمەن ! چۈنكى مەن سېنى چىن دىلىمدىن  سۆيگەن !

مانا ناتۇنۇش جايلاردا كېتىپ بارىمەن ،توساتتىن كۆزۈم كوچىدا قول تۇتۇشۇپ ماڭغان بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇققا

چۈشتى ،كۆزۈمدىن ئىككى تامچە ياش يۈگەنسىز ئاتتەك تامچىلاپ چۈشتى ، ئىچىمدە :<سەنمۇ يېنىمدا بولغان

بولساڭ ئىدى ھە ! بىزمۇ ئاشۇلارغا ئوخشاش ،،،،،!> 

 مەنبە: ئۆزەم يەنى مىسرانىم مۇنبەر ئەزاسى تاتلىغىم (ئەكرەم ئەركىن)،كۈندە بىر پارچە يوللىنىدۇ ،ۋاقىپ

بولغايسىلەر!

 

بۇ ئەسەرنى ئۇقۇشنى خالايدىغانلار بولسا بۇ نۇمۇر بىلەن ئالاقىلىشڭلار ،چ چ :402869395

 

 

2010 - يىلى 07 - ئاينىڭ 16 - كۈنى سائەت 18 دىن 56 مىنۇت دە يوللانغان
مەزكۇر ئەسەر 18207 قېتىم كۆرۈلدى