ئەرلەر ھەزەر ئەيلەيدىغان ‹‹قاتىل››لار

    تېز تاماقخانا تائاملىرى : تەكىبىدە كاناماش(دادۇر) بار يېمەكلىكلەر كۆپ ، ئۇنىڭ تەركىبىدە ئانىلىق ھورمۇنغا ئوخشايدىغان ماددا بولۇپ ، بۇ ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدىكەن .

    ئاپتوموبىل ھەيدەش : ئاپتوموبىل ھەيدەش ۋاقتى ئۇدا ئىككى سائەتتىن ئېشىپ كەتسە ، ئەرلەرنىڭ ئىسپىرما سۈپىتىگە تەسىر يېتىدىكەن .

   قاتناش ۋاستىلىرىدىن بۇلغىنىش : ھاۋادىكى ئازوت ئوكسىدى ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزدىكەن .

   خاتىرە كومپىيۇتېر : تىزىغا قويۇپ ئىشلەتكەندە ، كومپىيۇتېر چىقارغان ئىسسىقلىق ئىسپېرمىنىڭ ھاسىل بولۇشىنى چەكلەيدۇ .

   يانفون : يانفون رادىئاتسىيىسى ئىسپېرمىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىمىنى زەخمىلەندۈرىكەن ياكى ئۆلتۈرىدىكەن .

   قەغەز زاكا : قەغەز زاكا ئوغۇل بوۋاقلارنىڭ چوڭ بولغاندىن كېيىن پەرزەنت كۆرەلمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن .

   ھاشارەت ئۆلتۈرگۈچى دورىلار :ئۇنىڭدىكى خېمىيىلىك ماددىلار ئەرلىك گورمۇن ئاجرالمىلىرىنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى بۇزىدىكەن .

   تاماكا چېكىش : دائىم تاماكا چېكىش ئەرلەرنىڭ ئىسپېرما سۈپىتىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىۋېتىدىكەن .

   تار ئىشتان كىيىش ۋە قىزىق سۇدا يۇيۇنۇش :ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىغا ئېغىر توسالغۇ پەيدا قىلىدىكەن .

   قەھۋە : قەھۋە تەركىبىدىكى ماددىلار ئىسپېرمىنى ئېغىر دەرىجىدە زەخمىلەندۈرىدىكەن .

2010 - يىلى 07 - ئاينىڭ 24 - كۈنى سائەت 09 دىن 39 مىنۇت دە يوللانغان
مەزكۇر ئەسەر 9576 قېتىم كۆرۈلدى