ئورۇندىن تۇرۇش ۋە خاراكتېر

 بىر ئادەمنىڭ سەھەردىكى ھەرىكەتلىرى شۇ كىشىنىڭ ھەقىقىي خاراكتېرىنى بىلگىلى بولىدۇ .

      1. ئۇيقۇدىن ئويغانغاندىلا ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىدىغانلار ئۈمىتۋار بولىدۇ . ھەر قانداق ئىشنى ئىشەنچ بىلەن قىلىدۇ . ئىش قىلغاندا ئاقىۋىتىنى ئويلايدۇ ؛ ئالاقىلىششقا ماھىر ھەم ئامما ئارىسىدا ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ ؛ بىر ياقىدىن باش چىقارغاندا ھەر قانداق قىيىنچىلىقنى يەڭگىلى بولىدۇ ، دەپ قارايدۇ .

      2. باشقىلار ئورنىدىن تۇرسا تۇرىدىغان ، كۆپچىلىككى ئەگىشىپ ئىش قىلىدىغانلار پايدىسى يوق ئىشلارنى قىلمايدۇ . ئىشلىرىنى تېز ھەل قىلىدۇ ھەم ئۈنۈمگە ئېرىشىدۇ . بۇ خىلدىكى ئادەملەرنىڭ كۈچ – قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ .

      3. ئويغىنىپ بولۇپ تۇرغۇسى كەلمەيدىغانلار كەلگۈسى توغرىلىق بىرىە پىلانى بولمىغان ، بارىغا شۈكرى قىلىدىغان ، ئەپلەپ – سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزۈشنى ياخشى كۆرىدىغان خاراكتېرگە ئىگە .

      4. سەھەر ئويغىنىپ بولغان تۇرۇقلۇق ، يەنە بىر ئاز ئۇخلىۋېلىشنى ، بىر ئاز كېچىكىپ ئورنىدىن تۇرۇشنى ئويلايدىغانلار ئىش قىلىشتا پاسسىپ بولىدۇ . تۇرمۇشتىن راھەتلىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ . تېلېۋىزور ۋە ئېسىل يېمەكلىكلەرنى ئەڭ ياخشى نەرسە ، دەپ قارايدۇ .

      5. سەھەردا باشقىلارنىڭ ئاۋارە قىلىشنى خالىمايدىغان ، ئالدى بىلەن بەخىرامان ئولتۇرۇپ بىرەر ئىستاكان قەھۋە ياكى چاي ئىچىشنى ئويلايدىغانلار ئۆزىگە ئىشىنىدۇ ھەم ئۆزىنى ئاسرىيالايدۇ ، باشقىلارنىڭ ئۆزىنى ھۆرمەتلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ .

      6. سەھەردە ئالدىراپ – تېنەيدىغانلار ھەم ئەتىگەنلىك تامىقىنىمۇ يېمەيدىغانلار جۈرئەتلىك بولىدۇ .

      7. ئورنىدىن تۇرۇپلا دەرھال ھەرىكەتلىنىپ كېتىدىغانلار تەلەپچان كېلىدۇ ، داۋاملىق ئالغا ئىنتىلىدۇ ، قىلغان ئىشنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرىدۇ .

2010 - يىلى 07 - ئاينىڭ 17 - كۈنى سائەت 20 دىن 51 مىنۇت دە يوللانغان
مەزكۇر ئەسەر 15958 قېتىم كۆرۈلدى