ئاھ ئۇرما ئەي قىز

 

ئاھ ئۇرما ئەي قىز  

 

ئىشەنگەن سۆيگىنىڭ  تاشلىسا بىر كۈنى سېنى ،

ئاھ ئۇرۇپ قايغۇرۇپ كەتمىگىن ئەي ساددا -قىز .

كەينىدىن قاراپ تۆكمىگىن ئۈنچە كۆز-ياشلىرىنى ،

دىگەنغۇئۇ تېخى ياشىيالمايمەن بىركۈنمۇ سەنسىز.

 

ساڭا كۆيگەن يۈرىكى يالغان ئىكەن ئەسلى ئۇنىڭ،

تۇنۇشقاندا سىلەر تۇمۇز قىشلار باھاردەك ئۆتكەن.

بولدىغۇ ئەمدى ساڭا يازمۇ ھەم گويا قىش پەسلى ،

ۋاپاسىز تاشلىدى  كېچە-كۈندۇز تەلمۈرۈپ كۈتكەن.

 

كەلسىمۇ بېشىڭغا كۈنلەرنىڭ بېرى  ئېغىر كۈلپەت،

ئازاپلانما غەيرەتلىك بول شۇ دەتلەرنى چۆرىۋەت.

تۆت كۈنلۈن ئالامدە ئاھ ئۇرۇپلا ياشىمىغىن سەن،

ئازاپ-خۇشاللىققا،كۈلكە-يىغىغا شۇنداق ئۆلپەت  .

 

 

تاشلىدى ياراتمىدى ئويلىما ۋە رەنجىمە ئۇنىڭدىن ،

سەۋىرقىل تەقدىرىڭگە ھەم باردۇر ھەم سېنىڭ .

تاشلىسا بىرسىنى ئاھ ئۇرما تاللايدۇ بىرى سىنى،

بەختىڭ ئۈچۈن بولىدۇ مەڭگۈلۈك كارۋان سىنىڭ.

 

 

ئابدۇقاردىر مەخمۇت 2012-02-21

2012 - يىلى 02 - ئاينىڭ 21 - كۈنى سائەت 18 دىن 03 مىنۇت دە يوللانغان
مەزكۇر ئەسەر 8056 قېتىم كۆرۈلدى