- بۇ ياخشى
- 2011/07/08











باھارياز،كۈززىمىستان كىتىپ،
كەلدى شۇكۈن كەتكەن ئايرىلىپ،
نىمە قىلاي سەندىن يۇشۇرۇپ،
ھەممە بىلەر ھالىمنى غېرىپ.
پۇشايماندا ئۆتتى بىريىلىم،
كەچۈر مىنى كەچۈرگىن گۈلۈم،
سەندەك ئىسىل تېپىلماس بەلكىم،
ئۆلمەس ئۆمۇر بەرسىمۇ تەڭرىم.
كەتتى بىر يىل ئۆتتى تۆت پەسىل،
قەلبىمدە سەن يەنلا ئىسىل،
داۋائىزلەپ دەردىمگە مىڭ خىل،
ئۇنتالمىدىم بولغاچ سەن ئىسىل.
كەچۈرەمسەن مىنى سەن بىر رەت،
كەچۈرگىنىڭ بەرگىنىڭ ھايات،
مەيلى كەچۈر كەچۈرمە پەقەت،
بۇ كۆڭلۈمدە ئىسىل سەن ئەبەت.
يۇز ئۆرۈپتۇ مەندىن يۈرىكىڭ،
بىلمەپتىمەن ئەسكىكەن كۆڭلۈڭ،
كۈتكەنلىرىم ھىجرانكەن پەقەت،
خار بولدىغۇ ئەقىدەم مىنىڭ.
ئۆزگىلەردىن مىڭ ئارتۇق كۈرۈپ،
گۈللەر كۈلسە قاپاقنى تۈرۈپ،
سادىق بىلگەچ ھەمرايىم دىسەم،
يىغلات تۇرۇپ كەتتىڭغۇ كۈلۈپ.
ئۆتنە ئالەم بىر كۈنى مەندەك،
زاريىغلايسەن كۈلەرمەن سەندەك،
ھەركىم ئۈچۈن چىن ۋاپا كىرەك،
قەدىرلەنمەس ۋاپاسىز سەندەك.
دۈشمىنىمگە ئىشەنمە يارىم،
ئازدۇردۇ سىنى ھەر دائىم،
سىنىڭ قايغۇڭ كۈلكە ئۇلارغا،
دەتلىرىڭنى تۆكمىگىن يارىم.
دۈشمەنلەرگە ئىشەنمە يارىم،
بەختىمىزگە كۈلمەس ئۇلار ھەم،
ئەنسىرەيمەن سەندىن سۆيگۈدىن،
دۈشمەنلەرگە ئىشەنمە يارىم.
كۈلسۇن دىسەڭ مىنى سەنسىز مۇ،
بەختىڭ كەلسۇن سىنىڭ مەنسىزمۇ،
غەم يىمگىن چىداپ كىتىمەن،
يۈرەك ئاچچىق دەرىتكە تولسىمۇ.
تەقدىر شۇنداق بۇيرۇپتۇ ئۈزى،
ئۆزگىلەرگە يارقىپتۇ سىنى،
تەقدىرىڭگە كۆزياش تۆكمىگىن،
خۇشال ياشا كۈل دىسەڭ مىنى،
شۇسۈيگۈمىز بولسۇن ئەسلىمە،
ئۆتمۈشلەرگە بەرگىن خاتىمە،
ئىنسان دىگەن ئاجىزكەن شۇنداق،
خۇشال ياشا يېشىڭنى تۆكمە.
يارى يوقنى بىچارە دەيدۇ،
يارى بارنى خۇشال كىم دەيدۇ،
يارى يوقلا بىچارە ئەمەس،
دەردى بارنى بىچارە دەيدۇ.
يارى تۇرۇپ ۋاپا قىلمىسا ،
چىن سۆيگۈدىن ھۇزۇر سۈرمىسە،
شۇ بىچارە يارى بولسىمۇ،
بەخىت كۈتۈپ بەخىت كەلمىسە.
يارى يۇقلار بىچارە ئەمەس،
يارى بارمۇ بىچارە ئەمەس،
ئۈجمە كۈڭۈل ۋاپاسىز يارنى،
سۈيۈپ قالغان بىچارە شۇ بەس.
دىيەلمەيمەن ئەمدى سىنى يار،
بۇلۇپ كەتتىڭ باشقىغا سەن يار،
بەخىتلىك بول مەڭگۈگە دەيمەن،
مەن سالمايمەن ۋاپاسىزدەپ جار.
قالغىنىمنى بىلسەممۇ تەنھا،
دەرىت تۆكمەيمەن ئۆزەىگە ياتقا،
بۇھالىمنى سۇراپ كەلگەنگە،
پەقەت دەيمەن تەقدىرىم شۇندا.
خۇشال ياشا ياشاۋەر چىن سۆز،
شۇ يارىڭغا بولمىغىن يۈزسىز،
قەدىرلىگىن قەدىرلىنىپ ئۆت،
رەنجىمەيمەن سىنىڭدىن ھەرگىز.
شۇچىن مۇھەببەت كىملەردە باردۇر،
شۇ مۇھەببەتتىن كىملەررازىدۇ،
تاشلاپ كەتتىدەپ يىغلايدۇ كۆپلەر،
شۇچىن مۇھەببەت نەلەردە باردۇ.
لەيلى بولسا مەجنۇنى يوقكەن،
ئاشىق ۋىسالىغا يەتمىكى تەسكەن،
كۈڭۈل ئالداشقا يارىم دەيدىكەن،
شۇچىن مۇھەببەت نەلەردە باردۇر.
مۇھەببەت بولسا ھەقىقىي بولسا،
سۆيگەن يار ئۈچۈن جاننى ئايمىسا،
ئۈجمە كۈڭۈللەر زادى يۇقالسا،
شۇنداق مۇھەببەت نەلەردە باردۇر.
قايغۇمنى يۇشۇردۇم بىر كۈلكەڭ ئۈچۈن،
سۈيگۈمنى ئايمىدىم پەقەت سەن ئۈچۈن،
قەلبى تاش يۈرەككە بەردىممۇ كۈڭۈل،
پەرۋاسىز كەتكىنىڭ ئېيت نىمە ئۈچۈن.
ئازاپتا ئۈتەرمۇ مىنىڭ ھەركۈنۈم،
ھۇناھمۇ ئالدىڭدا ياكى كۆيگىنىم،
تەلەيسىز ئاشىقمۇ كاجمۇ تەقدىرىم،
پەرۋاسىز كەتكىنىڭ ئېيت نىمە ئۈچۈن.
ئاشىق ساڭا ئاشىق مەن ئۈزۈم،
كۈيمىسەڭ مۇ يەنە شۇ سۈزۈم،
كۈيۈپ قالدى ساڭا بۇ يۈرەك،
كۈلكە سەن دىن تاپقۇسى كۈڭلۈم.
يالغان ئەمەس كۈيگەن ئېتقىنىم،
شۇدۇر مىنىڭ سەنسىز ئۆلگۈنۈم،
چۈشەن سەڭلا كۈڭلۈمنى پەقەت،
رازى ئىدىم كەتسىمۇ جېنىم.
ئاشىق شۇنداق مەڭگۈگە ئاشىق،
ئۆزگەرمەيدۇ كۆرسىمۇ خارلىق،
كىتىپ قالسام دەردىڭدە ئۈلۈپ،
ھەيران قالما چۈنكى مەن ئاشىق.
بۇ شىئىرلار مىسرانىم تور بىتدىن ئېلىندى......

- ئىــــسمـى :
- تەبەسسۇم
- سالاھىتى :
- ئادەتتىكى ئەزا
- دەرىجىسى :

- يېشـــــى :
- 18
- جىنســى :
- ئەپەندىم
- چـى چــى :
- 790449520
- يــــۇرت :
- قەشقەر ۋىلايىتى
- تەۋەلىكى :
- مارالبېشى ناھىيىسى
- ئـاۋاتلىقى :
- 1229
- بېكەت پۇلى :
- 260
- تورھالىتى :
- يوق
- تىزىملاتقان :
- 14:45 30-06-2011
- پــائــالىيەت :
- 20:53 14-05-2012
- باش بەت قىلىۋېلىش
- ساقلىۋېلىش
- دوسىتقا قوشۇش
- ئۇچۇر يوللاش
ياخشى بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ سالامەتلىكىڭىزگە كۆڭۈل بۆلۈڭ


































